måndag 26 oktober 2009

PostHeaderIcon ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﻏﻮﺭﯗﺭﯨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺩﻩﮬﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ


· ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﻏﻮﺭﯗﺭﯨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺩﻩﮬﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ
· ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﯞﻩ " ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻥ " ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻤﺎﻗﺘﺎ . ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺭﻭﺟﺪﺳﯩﺘﻮﯞ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ، ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﺮﻭﻧﻠﯘﻕ ﺗﯜﻧﻪﻙ ....ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰﻗﻮﻳﯘﭖ ﺗﻮﺭﯗﭖ ، ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻼ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﺴﺎﻕ ، ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭﻧﻰﺑﯩﻠﯩﯟﯨﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ . ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﻏﻮﺭﯗﺭﯨﻐﺎﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺩﻩﮬﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، " ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻠﯩﺸﯩﺶ " ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﯧﭙﯩﻨﭽﺎ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍﺑﯘﺧﯩﻞ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﻳﺎﺭﯨﺸﯩﻤﻠﯩﻖ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺗﯘﻳﻐﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻛﯚﺭﻣﻪﻣﺴﯩﺰ ؟ ﻳﺎﺕ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﺩﺍﺋﺎﻳﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ، ﻗﯩﺰﯨﯖﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ بېخرامان ﭘﯩﺮﻗﯩﺮﯨﺘﯩﭗﻳﯜﺭﺳﻪ ، ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺧﻮﺭﻟﯘﻕ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ " ﺗﻮﻏﺮﺍﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗﻛﯧﺘﯩﯟﻩﺭﺳﯩﯖﯩﺰ " ، ﺳﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﺭﺟﻪﺱ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﯩﻚ ﻧﻪﺩﻩ ﻗﺎﻟﺪﻯ ؟ ﮬﻪﺗﺘﺎﺳﯩﺰﺧﻮﺭﺍﺯﭼﯩﻠﯩﻜﻤﯘ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ، ﺑﯘ ﺋﻪﻣﺪﻯﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﻏﻮﺭﯗﺭ ؟ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺋﯧﻤﭙﻮﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻧﺎﺟﯩﻨﯩﺲ ﺋﺎﺩﻩﺕ ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﯩﻚﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻣﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺑﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯩﺮﻩﻛﻤﯘ ؟ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ : ﺷﯘﻣﯘ ﮔﻪﭖ ﺑﻮﻟﺪﯨﻤﯘ ؟ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻧﻼ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ ، ﻳﻪﻧﻪﺋﯘﻧﻰ - ﺑﯘﻧﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ؟ - ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻻﺭ . ﺭﺍﺳﯩﺖ ! ﺋﯘ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺷﺘﻰ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻛﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ ، ﮬﯧﭽﻨﯩﻤﻪ ﺩﯨﻤﻪﻣﺪﯗﻕ ؟ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﻮﺭﯗﻥ ﺋﯘ ﺑﯩﺦ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ . ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ، ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﯨﺮﯨﭗﻛﯜﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺑﯘ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺑﺎﺭﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﺩﯗﻣﺪﻩﻙ ﺧﻮﻳﻤﯘ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺋﯚﺯﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﭼﺎﺗﺎﻕ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ .... ... ...... ... ..." ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﻰ " ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﯧﻘﯩﯔ:

1.ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩ:
80-ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﺍ ﻏﻮﭘﯘﺭ ﺋﻪﯞﺭﺍ ﺩﯦﮕﻪﻥﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﺎﻗﭽﻰﺋﯚﺗﻜﻪﻥﺋﯩﻜﻪﻥ ﺑﯘ ﻛﯧﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ ، ﺳﯘﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﺎﻧﺴﺎﺋﻮﻳﻨﺎﺵ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎﺯﺍ ﻗﯩﺰﺯﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ ،، `ﻏﻮﭘﯘﺭ ﺋﻪﯞﺭﺍﻏﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻳﺎﻗﻤﺎﻱﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎﭼﭽﯩﻐﯩﺪﺍ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯩﻜﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎ ، ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻳﺎﺷﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻥﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻣﺎﺯﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﺩﺍ : ﮬﻪ ﻏﻮﭘﯘﺭﻛﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭘﺴﻪ ﻥ ﺗﺎﻧﺴﺎﺋﯘﻗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻣﺴﻪﻥ ... ﺩﻩﭘﺘﯘ .. ﻏﻮﭘﯘﺭ ﺋﻪﯞﺭﺍ ﮬﻪ ﺋﯘﻛﺎ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﯩﺪﻩﻙ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯘ ﻗﻮﺷﺎﻗﻨﻰ ﻗﯧﺘﯩﭙﺘﯘ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﯖﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﺎﯕﺴﺎ ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻤﻨﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﺗﺎﯕﺴﺎ ، ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻪﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺴﺎ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺋﯘ ﺗﺎﻧﺴﺎ ......ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ، ﺗﺎﻧﺴﺎ ﻏﻪﺭﺏ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﯓ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺗﺎﻧﺴﺎﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘ ﻏﻪﺭﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺋﺎﯓ ، ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﻰ . ﺑﯩﺰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﻧﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻏﻪﺭﺑﻠﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﺎﻻﻱﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗﻕ .. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﻪﻧﺪﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺷﯘﻻﺭ ﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻥ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﯩﻤﯩﺰﻧﻰﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵﺋﯩﺪﻯ .. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﯩﻨﯩﺸﻘﺎﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ..ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﯩﭙﭙﻪﺕ ﻧﻮﻣﯘﺳﯩﻨﻰﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮔﯘﻧﯩﻴﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻏﺎ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯛﺷﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﻡ ﮬﻪﺩﻩ ﺳﯩﯖﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ،ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﯩﺮﺳﯩﺰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺝ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ ... ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﻧﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩﺗﺎﻧﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﮬﺎﻳﺎﻧﯩﯔ ﻛﯚﺗﯜﺭﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺳﻪﯞﻩﭖﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﯩﻢ .... ﺑﻮﻟﺴﺎﺑﯩﺰ ﺷﯘ ﺗﺎﻧﺴﯩﻜﻪﺵ ﺑﯩﭽﭽﺎﺭﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺗﺎﻧﺴﯩﻨﯩﯔﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺳﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ......
2-ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩ:
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺮﺍﯞﻧﯩﯔ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩﺗﯘﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ:ﺋﺎﺗﺎ ،ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻧﺴﺎ "ﺗﯧﻨﯩﺶ،ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﺵ ﻣﻪﻧﯩﺴﺪﻩ "ﺋﻪﺭ ،ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﻳﯩﮕﯩﺖ ،ﻗﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ،ﺋﯩﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﯘﭼﻰ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ،ﻧﯘﻣﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ،ﺋﯩﭙﭙﻪﺕ، ﻏﻮﺭﯗﺭﺩﯨﻦ ،ﺗﺎﻧﺴﺎ ،،،،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ !ﻣﯩﻨﯩﯖﭽﻪ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﻧﻤﺎﺱ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ.
3-ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩ:
ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﮔﻪﭖ ﺩﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺑﯘﻻﺭ . ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺧﯘﺷﻰ. ﯰ ﻏﻪﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ، ﺷﻪﺭﯨﻘﻨﯩﯔ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪﻛﺎﺭﯨﻢ!!! ﻣﻪﻥﯮﻳﻨﺎﻳﻤﻪﻥ ، ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﻨﻰ ﺧﻮﺵ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﻗﯧﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻣﻪﻥ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﯮﻳﻨﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥﺩﯨﻴﻪﻟﻪﻣﺪﯗ؟
4-ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩ:
ﺗﺎﻧﺴﺎ ﯮﻳﻨﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ، ﯮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ . ﯰﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻳﻮﻗﻤﯩﺪﯗ؟ ﯲﺯ ﯪﻳﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﭖ ، ﭘﯩﻘﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﻳﯜﺭﺳﻪ "ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭼﯜﺷﯜﻧﯜﭖ" ﯮﻟﺘﯘﺭﯨﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ!!!! ﺗﻮﯞﺍ ﯰﻧﯩﯔ ﯪﻳﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﯪﻣﻤﯩﯟﻯﯬﺳﻠﯩﻬﻪ(ﯬﺳﻠﻰﺑﺎﺷﻘﯩﭽﯩﺮﻩﻙ ﯪﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ) ﻣﯩﺪﯗ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﯪﺩﻩﻡ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ؟ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﺗﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺷﺴﺎ ﯬﺧﻼﻗﻰ ﺑﯘﺯﯨﻠﯩﺪﯗ. ﯬﺧﻼﻕ ﺑﯘﺯﯗﻟﺴﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ، ﺋﯩﻠﻠﻪﺕ ...... ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯘﺯﯨﻠﯩﺪﯗ .

5-ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩ:
ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﯩﺠﯩﺲ ﺋﯩﺸﻨﯩﻤﯘ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻗﯩﺰ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﺮﻩﺭﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ-ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺭﺳﺎﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﺎﻧﺴﯩﻐﺎ ﻛﯚﭖ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﻪﺗﺘﻰ.ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻦﭼﯜﺷﻤﻪﻱﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ "ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﻖ"ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻤﯘ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ. ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍﻧﯘﺭﻏﯘﻥﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﭖ ﺋﯘﻳﺎﻥ- ﺑﯘﻳﺎﻧﻐﺎ ﺳﯚﺭﻩﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﭽﻪﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.(ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ)ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﺎﯕﻼﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﺴﯩﻤﯘ،ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﺗﯚﮬﻤﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﺩﻩﯞﯦﺮﻩﻱ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﺋﯘ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﺴﺎﺋﯚﺯﻯ ﺗﺎﻧﺴﺎﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻳﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺗﺎﻧﺴﺎﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ.ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﻗﻮﻧﭽﺎﻕ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯗ، ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ-ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﻧﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗﺑﯧﺮﯨﺪﯗ
6-ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩ:
ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻡ .ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﺪﺍﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﻧﺎﺗﯘﻧﯘﺵﺋﯩﺪﻯ.ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ ﺑﯩﻼﻧﻼ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﻪﺗﺘﻰ،ﮬﺎﻻ ﺑﯘﮔﯜﻧﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ،ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶﻏﻪﺭﯨﭗ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰﺋﯜﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺳﯩﯖﺪﯗﺭﯨﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ،ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺋﻮﻳﻨﺎﻟﻤﯩﺴﺎﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺳﻮﺭﯗﻥﻗﯩﺰﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ،ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ.ﺑﯘﻧﯩﯔﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯜﺭﯨﻤﯩﺰ؟ ﺋﯜﺯﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯜﺭﻩﻣﺪﯗﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﺗﺎﻧﺴﯩﻨﻰﺳﻮﺭﯗﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﺱ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﻤﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻨﻤﯘ؟ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ:ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ،ﺋﺎﺷﯘ ﭼﻪﺕﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺸﻰ.ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﺕﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﻏﺎﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ
7-ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩ:
ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﺎﻧﺴﯩﺨﺎﻧىدا 6 ﻳﺎﺷﻼﺭ ﭼﺎﻣﯩﺴﯩﺪﻛﻰﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﭘﺎﯕﯖﯩﺪﻩ ﻳﯩﻐﻠﯟﻩﺗﺘﻰ .ﻳﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﯘﭖ -ﻧﯩﻤﻪ ﺑﯘﻟﺪﯗﯓ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻳﯩﻐﻼﻳﺴﻪﻥ -ﺩﻩﭖ ﺳﯘﺭﯨﺪﻯ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺴﻪﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ --ﺩﺍﺩﺍ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎﺋﺎﭘﺎﻣﻨﻰ ﮬﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮬﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﺎﺗﯩﭗﺋﻪﻛﯩﺘﯩﺪﯗ؟ ﻣﻪﻥ ﻗﯘﻗﯘﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ -- ﺩﯨﺪﻯ ﺋﯩﺴﻪﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ. ﻗﯩﺰﻧﯩﯔﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻗﺎﻗﺎﮬﻼﭖ ﻛۈﻟۈﭖﻛﯩﺘﯩﭗ - ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻗﯘﻗﻤﺎ ﮬﯩﭻ ﺋﯩﺶ ﺑﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺋﺎﭘﺎﯕﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﮬﯩﭻ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ﺋﺎﭘﺎﯓ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ-ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﺍﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﻧﻪﺳﮭﯩﺘﻰ.
8-ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩ:
ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ، ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﻛﯚﺭﯛﭖ، ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯨﻢ،. ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ. ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﻨﻰ ﺩﻩﭖﺑﯧﺮﻩﻱ.ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﯜﺗﯜﭖ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﺗﺎﻧﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪﻣﻤۇ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﻴﺘﺘﯩﻢ، ﺑﯩﺰﻧﻰﻳﯘﻗﯩﺮﻯﻳﯩﻠﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯜﺗﯩﯟﺍﻟﺪﻯ، ﺷﯘ ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﻳﻮﻗﯩﺮﻯ ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻣﺎﯕﺎ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﮬﻪﺭﻛﯜﻧﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺗﺎﻧﺴﯩﺨﺎﻧﯩﺪﺍﺗﺎﻧﺴﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ، ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﯨﻢ، ﻛﯩﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﭽﻪﻳﯩﺮﺍﻕﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﯨﻢ، ﺑﯩﺮﺍق ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻢ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯﺩﯦﻤﻪﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ﺑﯘ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﺳﺎﺭﺍﯕﻼﺭ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﻩﯓﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﮬﻨﯩﺪﯨﻦﭼﯜﺷﻤﻪﻱ ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪﺗﺘﻪﺭ ﮬﯩﺴﺴﻴﺎﺗﺘﺎ ﻳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ، ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎﻡ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺟﯜﭘﺘﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭼﻮﺷﻘﯩﻼﻛﯜﻧﻠﯩﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭ ﺟﯜﭘﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻥﺗﺎﻧﺴﯩﺪﯨﻦﺋﯜﺯﻩﻣﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﺘﯩﻢ، ﺑﯩﻜﺎﺭﯞﺍﻗﺘﯩﻢ ﻛﯜﭘﻪﻳﺪﻯ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰﺋﻪﻣﺪﻯ ﻛﯜﺭﯛﺷﻜﻪﯞﺍﻗﺘﯩﻢ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻣﺴﯩﺰ، ﺗﺎﻧﺴﯩﺨﺎﻧﯩﻼﺭ ﻗﯩﺰﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﯩﺘﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﮕﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰﻳﻪﻣﭽﯜﻙ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻤﯘ؟ ﺩﯦﻤﻪﻙ ﭼﯩﯟﯨﻦ ﻳﯩﻐﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﭘﯘﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﻧﺪﻩﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﻠﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﻰﺟﻪﻟﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﺶﺑﯩﻠﯩﺘﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﻧﺎﺩﺍﻥﻗﯩﺰﻻﺭ ﺗﻮﭖ-ﺗﻮﭖ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦﻛﯧﻴﯩﻦﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺗﺎﻧﺴﺎﺋﻮﻳﻨﯩﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟؟؟ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺷﯘ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ، ﻧﺎﯞﺍدا ﺗﺎﻟﻠﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺴﺎﺋﯘﻗﯩﺰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺩﯦﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯨﻤﯩﻜﯩﻦ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﻳﻪﻧﯩﻼﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺪﺍ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﻛﯜﺯﻟﻪﭖﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﺪﺍ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯗ، ﺗﺎﻛﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﻛﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﯜﮔﯩﮕﯩﭽﻪ ﺑﯘﺋﯩﺶ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﻗﯘﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻗﯘﻝ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺑﻪﺩﻩﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﺎﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﮬﻪﻱ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺳﯩﻠﻪﺭﺗﺎﻧﯩﺴﯩﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﻣﯩﺴﻪﯕﻼﺭ ﺑﻪﺧﺘﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﺳﺴﯩﻠﻪﺭﻣﯘ؟ ....http://jilwe.blogbus.com/logs/31356817.html مەنبە

måndag 19 oktober 2009

PostHeaderIcon ئەزەربەيجاندا شەرقىي تۈركىستان

">
måndag 12 oktober 2009

PostHeaderIcon ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى توغرۇلۇق تەپسىلىي بايان

ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى توغرۇلۇق تەپسىلىي بايان
بىرىنچى: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى 270- مىلادىيە يىلى خرىستىيان چېركاۋلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلنغان خرىستىئان پوپ داي فالىنتايېن(day valentine) تەرىپىدىن پەيدا قىلنغان رىملىقلارغا ئائىت جاھىلىيەت ئادىتى بولۇپ، ھازىرقى زامان خرىستىيانلىرى بۇ ئادەتنى داۋاملاۇشتۇرماقتا.
ئىككىنچى: مۇسۇلمان ئادەمنىڭ كۇففارلارنىڭ ئادەتلىرىنى قىلىشى، خۇسۇسەن، ئۇلارنىڭ دىنىي تۈسىنى ئالغان بايراملىرىنى دوراش، قىلىش ۋە قوللاش قەتئىي ھارامدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى ھېيتى بار بار. بۇ ھېيتلار دىنىي بايراملار بۇلاردىن باشقا بايراملارنى ئۆتكۈزۈش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن راۋا ئەمەس.
شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: بايرام دېگەن دىنىي پائالىيەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا « ھەر بىر قەۋم ئۈچۈن شەرىئەت ۋە يول بەلگىلىدۇق» دېگەن. يەنە « ھەر بىر ئۈممەت ئۈچۈن قىلىدىغان پائالىيەتلەرنى بەلگىلىدۇق» دېگەن. مەسىلەن: ناماز، روزا ۋە باشقىلارغا ئوخشاش پائالىيەتلەر. باشقا دىندىكىلەرنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈن، يىڭى يىل بايرىمى ۋە ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئوخشاش دىنىي بايراملىرىغا قاتنىشىشنىڭ ھېچ پەرقى يوق. ئۇلارنىڭ بۇنداق بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئۇلارنىڭ كۇپرىلىقىغا رازى بولغانلىق ۋە مۇۋاپىقلاشقان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرىدا ئۇلارغا ماسلىشىش پۈتۈن ئىشلىرىغا ماسلاشقانلىق بىلەن ئوخشاشتۇر. دىنىي بايراملار شۇ دىننى باشقىسىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ بەلگىسى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ چوڭىدۇر. مۇنداق بايراملاردا كۇففارلار بىلەن ماسلىشىش ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم دىنىي ئىشلىرىدا ئۇلارغا ماسلاشقانلىق بولىدۇ. مۇنداق ماسىلىشىش بەزىدە ئادەمنى كۇپرىلىققا ئېلىپ بارىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: « ھەر بىر قەۋمنىڭ بايرىمى بار، بۇ بىزنىڭ بايرىمىمىزدۇر» دېگەن. كۇففارلارنىڭ دىنىي بايراملىرىغا قاتنىشىش ئۇلارنىڭ كىيىنىشىنى دورىغاندىن ئېغىر گۇناھتۇر. چۈنكى كىيىم ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تاشقىرى تەرپتىن ئايرىپ تۇرىدىغان بىر بەلگە. ئەمما ئۇلارنىڭ دىنىي بايراملىرى بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر گۇناھ. ئۇلارنى دوراش ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ غەزىبىگە ئۇچراشتىكى مەخسۇس تەرەپلىرىنى دوراپ ئۇلاردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلغاندەك بىر ئىش.» (ئىقتىزائۇسسىراتۇل مۇستەقىيم 1/207).
شەيخۇلئىسلام يەنە مۇنداق دېگەن: مۇسۇلمانلارنىڭ كۇففارلارنىڭ مەخسۇس ھېيتلىرىنى قىلىشى ۋە ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشى ھارامدۇر. ئۇلارنى تائام، كىيىم، يۈرۈش – تۇرۇش ۋە قانداقلا بىر ئىشتا دوراش ھارامدۇر. ئۇلارنىڭ سورۇنلىرىغا قاتنىشىش، ئۇلارنىڭ دىنىغا ياكى بايراملىرىغا ياردەمچى بولىدىغان نەرسىلەرنى ئۇلارغا سېتىش ھارامدۇر. بالىلارنى ئۇلارنىڭ بايراملىرىدا ئوينايدىغان نەرسىلىرىنى ئويناشتىن توسۇش لازىم. مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ بايرام كۈنلىرىنى ئادەتتىكى كۈنلەردەك كۆرىشى ۋە ئەھمىيەت بەرمەسلىكى لازىم» (25/329 پەتىۋالار)
ھاپىز زەھەبىي مۇنداق دېگەن« خرىستىئانلارنىڭ بايرىمى، يەھۇدىيلارنىڭمۇ بايرىمى بار. مۇسۇلمان ئادەم ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلمايدۇ».
1- شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىنگە بىرى مۇنداق سوئال قويغان: « يېقىنقى يىللاردىن بىرى خرىستىئانلارنىڭ ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ئىشلىرى كۆپىيىپ كەتتى. بەزى ئوقۇغۇچى قىزلار ئارىسىدا بۇنداق ئادەتنى دوراش ئېقىمى كۆپ، ئۇلار قىپ قىزىل كىيىم كىيىپ بىر- بىرىگە گۈل تەقدىم قىلىشىدۇ. بۇنىڭ ھۆكىمى نېمە؟
ئۇسەيمىن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى قىلىش جائىز ئەمەس. بۇ مۇنداق بىر قانچە تەرەپلەردىن:
(1) ئۇ بىدئەت ئىش، شەرىئەتتىن دەلىلى يوق.
(2) ئۇ ھارام ئاشىق-مەشۇقلارغا ئېلىپ بارىدۇ.
(3) ئادەمنى كېرەكسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىپ مۇھىم ئىشلاردىن قالدۇرىدۇ.( پەتۋا ئۇسەيمىن 16/199)
مۇنداق بايرام كۈنلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ يېيىش – ئىچىش، كىيىنىش، سوۋغات تەقدىم قىلىشىش ۋە ھەر قانداق ئىشتا باشقىچە ئىش قىلىشى ھارامدۇر. مۇسۇلمان ئادەم ئۆزىنىڭ دىنى بىلەن پەخىرلىنىدىغان، باشقىلارنى دورىمايدىغان بولىشى لازىم. ئاللاھ بىزنى ھەق دىنىمىزدىن ئايرىمىسۇن.
2-پەتىۋا كومىتېتى خرىستىئانلارنىڭ ھەر يىلى 2- ئاينىڭ41 –كۈنى ئـۆتكۈزىلىدىغان ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ھەققىدە :
بۇ كۈندە بايرام قىلىشنىڭ ھۆكىمى نېمە؟
بۇ كۈندە بىر نەرسە سېتىۋېلىشنىڭ ھۆكىمى نېمە؟
بۇ كۈندە بايرام قىلىدىغانلارغا بىر نەرسە سېتىشنىڭ ھۆكىمى نېمە؟
دەپ سورالغىنىدا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرنىڭ دەلىللىرى، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىتتىپاقى بويىچە: مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا روزا ۋە قۇربان ھېيت بايراملىرى دەپ ئىككىلا بايرىمى بار. بۇلاردىن باشقىسى مەيلى كىشىگە ياكى كوللېكتىپقا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن ياكى باشقا مەنىلەردە بولسۇن ھەممىسى بىدئەت. ئىسلام ئەھلىنىڭ مۇنداق بايراملارنى قىلىشى ھارام. مۇنداق بايراملاردا خوشاللىق ئىزھار قىلىش ياكى ئۇلارنى تەبرىكلەش ياكى قوللاش ياكى ياردەم قىلىش ھەممىسى ھارام. چۈنكى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن چىقىپ كەتكەنلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن زۇلۇ م قىلغۇچىلاردۇر. مۇنداق كۇففارلارنىڭ دىنىي تۈس بىلەن پەيدا قىلغان بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلىش ھارام ئۈستىگە ھارام – بىرىنچىدىن بىدئەت، ئىككىنچىدىن كاپىرلارنى دوراش، دورىغاندىمۇ دىنىي ئىشلىرىنى دوراش – نى سادىر قىلغانلىق بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام « كىمكى بىر قەۋمنى دورايدىكەن، ئۇ شۇ قەۋمدىن بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن.
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى دېگەن خرىستىئانلارنىڭ ھەقىقىي دىنى بايرىمىمۇ ئەمەس، بەلكى بۇزۇلغان خرىستىئان دىنىنىڭ قەدىمقى رىملىق بۇددىستلاردىن قوبۇل قىلغان بۇددىزم ئادىتىدۇر. ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن مۇسۇلمان ئادەمنىڭ مۇنداق بايراملارنى قىلىشى، ئىشتىراك قىلىشى، ئۇلارغا ھەدىيە قىلىشى، ئۇلارنى قوللىشى، ئۇلارغا ياردەم قىلىشى ھالال ئەمەس. چۈنكى مۇنداق قىلىش گۇناھقا ياردەملەشكەنلىك، ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىشقا ھەمكارلاشقانلىق بولۇپ، گۇناھى ئېغىردۇر. ئاللاھ قۇرئاندا:« ياخشىلىققا، تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا، دۈشمەنلىككە ياردەم قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر».
مۇسۇلمان ئادەم قۇرئان كەرىم بىلەن ھەدىسنىڭ روھىغا ئېسىلىشى ۋە پۈتۈن ھاياتلىق مۇساپىلىرىدە، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ۋە ھەر قانداق ئىشتا قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەتنى چىڭ تۇتۇشى پەرزدۇر.
مۇنداق پىتنە – پاسات كۆپەيگەن، تەقۋالىق ئاز قالغان، ئەخلاق ئاجىزلاشقا، كۇففارلارنىڭ پىكىر ئىنقىلابى مۇسۇلمان ئادەم مەملىكەتلىرىگە بېسىپ كىرىشكە باشلىغان بىر ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ دىنىنى، ئېتىقادىنى، ئىسلامىي ئەخلاقىنى، مۇسۇلمانچە قائىدە – يوسۇنلىرىنى قوغداشقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
مۇسۇلمانلار « غەزەب قىلىنغان» ۋە « يولدىن ئازغانلار» لارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالماسلىقى، ئۇلارنىڭ زالالىتىگە ئىشتىراك بولۇپ قالماسلىقى ۋە ئۇلارنىڭ پىتنىسىگە چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق ھەزەر قىلىشى لازىم.
مۇسۇلمان ئادەم ئاللاھتىن ياردەم سوراپ دىنىدا سابت بولىشى، كۇففارلارنى دورىماسلىقى لازىم. ئاللاھتىن باشقا ھىدايەتچى يوق. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن ئامىن».
3- ئىبنى جۇبرىن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ھەققىدە سورالغاندا، مۇنداق دېگەن:
(1) مۇنداق بىدئەت بايراملارنى قىلىش ھارام. چۈنكى ئۇنىڭ دىنىي ئاساسىي يوق.
(2) مۇنداق قىلىش كۇففارلارغا ئوخشىۋالغانلىق بولىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن « كىمكى باشقا قەۋمگە ئوخشىۋالسا ئۇنىڭدىن بولۇپ كېتىدۇ» .
(3) مۇنداق بايراملاردا ھارام ئويۇنلار، ئەر – ئايال ھارام ئارىلىشىلار، تاماشا، ناخشا، مۇزىكا قاتارلىق ھاراملار بىلەن تولغان بولىدۇ. شۇڭا ھارام ئىشلاردىن قېچىش ئۈچۈن بۇنداق بايراملارنى قىلىش ھارام.
شۇڭا بۇنداق بايرامدا بىر- بىرىگە ھەدىيە بېرىشىشمۇ ھارام چۈنكى كاپىرلارنىڭ قىلىدىغان ئىشىنى دورىغانلىقى ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلغانلىق، قوللىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بايرىمى بىلەن خوشال بولغانلىق بولىدۇ.
ئاخىرىدا دەيمىزكى، ئەي مۇسۇلمان قېرىنداش! قايسىبىر خرىستىئان ياكى قايسىبىر يەھۇدىي ياكى قايسىبىر بۇددىست ياكى كوممۇنىست سىزنىڭ دىنىي بايرىمىڭىز بولغان روزا قۇربان ھېيتلىرىڭىزنى ھۆرمەتلەيدۇ؟ قايسىسى ئۇنى قىلىدۇ؟ قايسىسى سىزگە ھەدىيە بېرىدۇ؟ قايسىسى سىزنىڭ بايرىمىڭىزنى سىزگە ئوخشاش ئۆز بايرىمى قىلىۋالدى؟ بىلەمسىز!؟ ئۇلار سىزنى سۆيمەيدۇ، دىنىڭىزنى ئىنكار قىلىدۇ! ئەمما سىز ئۇلارنىڭ بايراملىرىنى دورايسىز!!!!!! بۇ قىلغىنىڭىز توغرىمۇ؟؟؟؟

مەنبەسى: مەرىفەت تور بېكىتى

lördag 10 oktober 2009

PostHeaderIcon ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش. ئابدۇۋېلى قارى، ئۆزبىكچە


PostHeaderIcon شەيتانلار باغلانغان ئاي


PostHeaderIcon بانكىدا ئىشلەشنىڭ ھۈكىمى نىمە؟ ئابىد قارى



PostHeaderIcon ئۆزبىكچە تەبلىق. ئۈچ تالاق توغىرسىدا. ئابىد قارى

ئۈچ تالاق توغىرسىدا1



ئۈچ تالاق 2


lördag 3 oktober 2009

PostHeaderIcon ھەزىرتى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ۋىدالىشىش نۇتىغى. تۈركچە


söndag 5 juli 2009

PostHeaderIcon ئۇيغۇرلارنىڭ 20090705- كۈنى ئۈرۈمچىدە خىتتايغا قارشى نامايىش

bashlanmisiDawami">
fredag 3 juli 2009

PostHeaderIcon دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرى كىم ؟

دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرى كىم ؟! - [ئىجتىمائى مەسىللەر]
دەرەخنىڭ دۈشمىنى ئىچىدە بولىدۇ، ئۇ مىتە ياكى قۇرۇت دېيىلىدۇ.
قارىماققا ساغلام تۇرغان دەرەخنى پەقەت قۇرۇتلا ئىچىدىن يەپ تۈگىتىدۇ. بۇ قۇرۇتنى كىم تۇتالايدۇ ؟

مىننەتدارلىق بىلدۈرەيلى دەپ بىر شوئار چىقتى.....كىمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز ؟!.....دۆلەتكە !....
توغرا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز...ئەمما ئاۋۋال سىلىدىن، ئاندىن بىزدىن.....دەسلەپ چوڭدىن كەلسۇن.....دۆلەت بىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۆگىتىپ مىننەتدارلىق بىلدۈرسۇن......
نېمىشقا دەملا ؟....
ئىجارە كېمەيتىپ،كونىلىقنى،يوقىتايلى-دىدى...كېمەيتتۇق،يوقاتتۇق...يەرلەرنى،قوشايلى-دىدى...قوشتۇق....جوڭسەنفۇكىيەيلى-دىدى...كىيدۇق.....يەنە چۆرگىلەپ،تۆت كىشىلىك گۇرۇھنى پىپەن قىلايلى دېدى...ماقۇل-دەپ قىلدۇق...يەرلەرنى بۆلەيلى دېدى...بۆلدۈق....مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغدايلى دېدى..ماقۇل، مانا ئالسىلا دەپ قوغدايدىغانغا ئۆتكۈزۈپ ئاتىمىز سالغان قۇرۇلۇشنى پۇلغا كۆرىدىغان بولدۇق...ئەمدى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالىمىز دېدى...كېسەك-لاي بىلەن تىزىپ چىققان تارىخىمىزنى چاقتۇق...
"3 كە قارشى،5كە قارشى" ھەرىكەتتىن تارتىپ خۇددى ئالدىغا بىر قەدەم كەينىگە ئىككى قەدەم ماڭىدىغان يۈزى رەڭدار چاڭچىلىكەشتەك مېڭىۋەردۇق.......
يەر ئىسلاھاتىدا چىڭ دەۋرىدىكى مىراس يەرلەرگە قەدەر ئىسلاھاتقا قوشتۇق.كوپىراتسىيىلەشتۈرۈشتە ئات-ھارۋىدىن تارتىپ گومىنداڭدىن بۇرۇنقى مىراس يەرلەرگە قەدەر ئومۇمغا قوشتۇق. زىمندار-پومىچىكلارنى يوقىتايلى، ئىشچى-دېھقانلار رەھبەرلىكى دەپ، بىر نەچچە يالاڭتۆش ساراڭنى كالتەكچى قىلدۇق.
بىز خېلى ماقۇل دەپ قىلمىغان ئىش قالمىدى...
مەدەنىيەتتە دۇنياۋى ئىنقىلاب قىلىمىز دەپ چىنشىخۇاڭ ئۆلىمالارنى تىرىك كۆمۈپ،نامىلارنى كۆيدۈرگەندەك يۇرتنىڭ ھەقسۆزلۈكلىرىنى يالىڭاچلاپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈندىدىن باشقا ھەممە كىتاپ-نامىنى كۆيدۈرۈپ قوقاس قىلدۇق. ھەتتا چىنشىخۇاڭدىنمۇ ئاشۇرۇپ ئەرلەرنىڭ ساقىلى ئاياللارنىڭ چاچلىرىغا قەدەر قىرىپ-كېسىپ مەملىكەت بويىچە كەرتىم چاچ، كوسا ئىڭەك قىلماقچىمۇ بولدۇق.
"قانخور جاللات" دەۋالغان گېتلېر، تېروتېرىيىسىدە چېركاۋغا بېرىشنى توسىماپتىكەن. ئەمما بىز ماۋزېدوڭنىڭ سۈرىتىگە قاراپ ئىشقا بېرىشنى، بىر قاچا يوبداننىمۇ رۇخسەت سوراپ ئىچىشنى مودا قىلدۇققۇ !؟
ۋاي گېتلېر.....ۋاي گېتلېر....خېلىلا ياخشى ئادەمنىڭ بالىسىكەنسەن ئەسلىدە.........
ئۇ چاغلاردا،كىم ئۆكتە قوپسا شۇ دەل دۆلەتنىڭ دۈشمىنى ئىدى.
ئەمما كېيىن بۇ دۈشمەن بىز ئەمەس ،بىزنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلىغان رەھبەرلەر دۈشمەن چىقىپ قالدى.
ئەمدى بىلدۇق، شۇ زاماندا ھەق سۆزلىگەن،"دۆلەتنىڭ دۈشمىنى" دەپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر دۆلەتنىڭ ھەقىقى دوستىكەن ئەمەسمۇ!!...
مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىكى ئەڭ بۇزۇقچى، زالىملار ئەمەليەتتە نەچچە مىليوندىن ئاشىدۇ . ئەمما بىز تۆت تال ئادەمگە جىنايەتنى يۈكلەپ قالغىنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدۇق. شۇ ئۇرۇغى بۇزۇقلارنى بۈگۈن يەنە يوق دەپ ئېيتالامدۇق؟!
دىمەك دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرى يەنىلا بار. ئەتراپىمىزدا مارىلاپ، بايتالدىن ، قوشقاردىن كاتەكچىسىنى ئىزدەپ يۇرۇيدىغۇ...
قانداق ئەمدى دەپ باقسىلا....كىم كىمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرسە بولغىدەك ! ..
دۆلەت بىلەن بىرلىكنى ،مەركەز بىلەن ئورتاقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن بىز شۇنداق قىلدۇق. خاتاغىمۇ ماقۇل دىدۇق،تۈزىتىۋالسىمۇ كېرەك يوق دىدۇق. يەنە قايتىلىسىمۇ ئەگىشىۋەردۇق.....قانداق؟ بىز مىننەتدارلىققا لايىقكەنمىزمۇ...
خەلىقنىڭ جوڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى قوشقان ھەسسىلىرى تەشۋىقاتتا كادىرلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن دىيىلىدۇ...تەر تۆكۈپ تۆت تال پۇل تاپساق...ئۇنىڭ رەھبەرلىكى، بۇنىڭ يېتەكلىشى دەپ سۆزلەپ كېتىدۇ تەشۋىقاتلاردا .
تاسلا قالىدۇ، بىز تاپقان بالىنىمۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغىلى...قىسىر گۇيلار....
پاش قىلىش ساندۇقلىرى دات بېسىپ تۇرىدۇ...كىمنى پاش قىلىمىز....دادىسىغا بالىسىنى پاش قىلامدۇق....كۆتە ئۇنداق رەڭۋازلىقىڭنى.....پاش قىلغۇڭ بولسا، مىڭلاپ مولۇق شەخسى يەرلەرنى...ھەشەمەتلىك داچىلارنى سۈرۈشتۈرىۋال....ئىگىسىنى تاپساڭلا..پارىخور ئەمەلدارنى تاپىسەن....
قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە ساتتى دەپ ئاڭلىغان....شاتراق ئۇرغان قوڭىنى باشقۇرالماي، "باشقۇرۇشۇپ بېرەملا" دىگەننى ئاڭلىمىغان.......سەن، نەدە ئوقىغان بۇ دەرسنى......خەلق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ دىگەنگە سان توشقازماقچىما...
يېنىدىن پۇل چىقارماي بىزنىڭ باج پۇلىمىزغا بىر خالتا ئۇن بىلەن بىرەر ئاجىزنى يوقلاپ قويسا تېلۋىزوردا ھەپتە كۈنگىچە داۋراڭ سالىدۇ...يۈز كوي پۇلنى قولىغا تۇتقۇزۇپ، خىجىللىقتا ئاران تۇرغان بىچارىنى زومۇزور ھىجايتىپ، خۇددى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالغان نىجاتكاردەك فىلىملەر ئىشلەيدۇ..
بىلەملا ،ئاۋۇ تېلۋىزور دىگەنگە بىرەر مەھسۇلاتنى ماختاپ ئېلان بەرسە سېكونتى مىليون كويمىش....ئەمما ماۋۇ "سودىگەر"لەر نەچچە يۈز كويغىلا ئۆزىنى يېرىم سائەت ئېلان قىلىۋالىدۇ ئەمەسمۇ.....تىجارەتكە ماھىر، قاقۋاش گۇيلار....
ئەخلاق قۇرىلىشى دىگەن نىمە ئۇ !؟....ئەشۇ يۈزى قېلىن نومۇسسىز ئادەملەر بىزگە ئەخلاق توغرىلىق دەرس ئۆتەمدىكەن....ھۇ! پالا نىمەمنى.......سەندىن جاپا تارتىپ كانتولۇق قىلدىغان ئوغرى ياخشى...
دۆلەتنىڭ دۈشمىنى كىم !؟...
كېيىن پىپەن قىلدىغان سىياسەتنى كىم تۈزدى!....
ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى، خەلىقنىڭ قان-تەرىنى كىم يىدى!؟...
ئىككى گەپنىڭ بىرىدە كىم خەلىق ئىچىدىن دۈشمەن ئىزدىدى؟....كىمۇ بىزگىلا قوقاق سېلىپ دۆلەت خەلىقنىڭ ئوتتۇرىغا ئىشەنمەسلىك پەيدا قىلىۋاتقان....؟
دۆلەتكە كىم دۈشمەن بولالايدۇ....ھويلىسىدا كەتمەن-گۈرجەككە، تۆت تېمى بىلەن پۇچۇق ھويلىسىغا ئاران ئىگىدارچىلىق قىلالايدىغان بىزدەك ئادەملەرما.....ياق، ياق..........ھەرگىز بولالمايدۇ. چۈنكى خەلىق تىنىچلىق، باراۋەرلىك ئاستىدىكى دۆلەتنى سۆيىدۇ.
مىليونلاپ ئارمىيىسى،ساقچى ۋە قوراللاق ساقچى كۈچلىرى، ئاسماندا ئايرۇپىلانى يەردە بىرونىك-تانكىلىرى،سۇدا ھەربى پاراخوتلىرى بار دۆلەتكە بىزنى دۈشمەن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرمەكچىما....قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقىمۇ يوق خەلىقنى، دۆلەتنى سۆيۈش مۇھەببىتى تولۇپ تاشقان بىر خەلىقنى كىم دۈشمەن قاتارىغا قوشۇۋاتىدۇ !؟...دۈشمەن بولۇشقا زورلاۋاتىدۇ !؟
ھازىر ھاجەتخانىدىمۇ ئۇزۇنراق ئولتۇرۇشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالدۇق. گېمورويكەن دىمىسۇن دەپ، ھاجەتخانىدىمۇ خىيال سۈرۈپ ئولتارغىلى بولمايدۇ...ما تۆھمەتچى گۇيلارنىڭ دەردىدە...
....ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا ھەرگىز چۈشمەيمىز......بىز قىلتاققا دەسسەپ غىق تويغان....5خىل كۈچكە قارشى تۇرش، سىنىپىي دۈشمەنلەرنى يوقۇتۇش، ......ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش،...باسەنسى، ئارسەنسى بولۇپ ئىككى ئەخمەقنى قوغداش......بىز بۇنداق قىلتاقلارنى تولا كۆرۈپ تويۇپ كەتكەن......توپا يىيىشكە رازى بولسىمۇ، ئېھتىياتتىن ئۆت-چۆپ يىمەيدىغان توشقاندەك ئەقىللىق بوپ كەتكەن.

لىنبىيولار پۈتۈن جوڭگولۇقنى ئاتا-بوۋىسىدىن كېچىپ، ئەسلى-نەسەبىنى ئۇنتۇپ، قىپ-قىزىل روھقا ئىگە ئادەملەر بولسىكەن دىگەن خىيالدا ئىنقىلاپ قىپتىكەن.ئۇلارنىڭ خىيالى ماھىيەتتىن دۆلەتكە پايدىلىق. ئەمما كەلتۈردىغان ئەگەشمە زىيىنى دۆلەتكە مىسلىسىز سورۇقچىلىق بولدى....
خيالى ياخشى بولسىلا دۆلەتنىڭ دوستى بولامدا....ھەركەت-نىيىتى خاتا بولسا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوخشاش....سولايمىز....ئېغىرراقلىرىنى ئاتىمىز...
ئەشۇنداق تەلۋىلەر كىم بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇ دۆلەتنىڭ دۈشمىنى! ئۇلار ھەرقانچە دۆلەت مەنپەئەتى دەۋالسىمۇ ئەمما ماھىيىتى ئوخشاش....بۈگۈنمۇ ئۇلارنى پىپەن قىلىش كېرەك ! مەركەزنىڭ يوليورىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك !....
قارا-قويۇق سىياسەت، ئىلمىلىكتىن يىراقلاشقان ئېچىش شوئارلىرى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىنى ، خەلىقنىڭ ھىسياتىنى دەخلىگە ئۇچرىتىۋاتقان كىم !؟....ئەلۋەتتە قولىدا ھوقوقى ، قوڭىدا ھۆكۈمرانلىق ئورۇندىقى بار، دېپلومىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق، سىياسەتۋازلار...
مىڭلىغان ئادەم جاپا تارتىپ، مىليونلىغان خەلىق تەستىق سېلىپ نۇرغۇن قانۇن تۈزدۇق......ئادەم ئولتۇرۇپ ئاڭلىسا، ئالدىرىماي ئوقىسا كۆزىگە ياش كېلىدۇ...قانۇن دىگەن شۇنداق بولار.....ئەمما "قانۇننى مەنپەئەت" دەيدىغان بۇيرىكات ئوڭچى ئىدىيىدىكىلەر نىمە قىلمىدى..."ئۆز جايىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، يەرلىك سىياسەت بىلەن بىرلەشتۈرۈش" دىگەندەك تەيپىنەم ۋاقتىدىكى كۈنلۈكنى كۆتۈرىۋېلىپ ئۇنىڭ قارا سايىسىدە قولىدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلدى...
ئۇنداق ئادەم نىمە قىلىمىز ئورتاق قانۇن تۈزەپ.....بۇ قانۇن پەقەت باشقىلارغا، ئۆزىمىز يەپ باقمىغان مىۋىنىڭ شۆپىكىنى كۆرسىتىپ" بىزمۇ مىۋە يەۋاتىمىز" دىگەندەك بىر ئىش بولمامدۇ...
ۋولگا دەرياسى ئىدىل دەپ ئاتىلىدىغان، موڭغۇلىيە دالىلىرى ۋە بىزنىڭ بۇ تۇپراقلار ئۆتۈكەن دىيىلىدىغان زامانلاردا رۇمنىڭ ئەلچىسىگە، بۇلغار خاقانى ئالمىشخان شۇنداق دەپتىكەن:
"سىلەر دەريادا بىرلا بېلىق، ئورماندا بىرلا كىيىك، يايلاقتا بىرلا چېچەك بولسا دەپ ئويلايسىلەر. ئەمما تەڭرى ياراتقان بۇ رەڭدار دۇنيانى كىم ئۆزگەرتەلەيدۇ ؟! بىر كۈنى سىلەرنىڭ بۇ ئاچكۆزلۈكىڭلەر بېشىڭلارغا چىقىدۇ".



زامان ئۆزگەردىمۇ ؟. ياق !. ھېچقانچە ئۆزگەرمىدى. پەقەت نام-ئاتاقلا ئۆزگەردى. بوۋىلار ھەزەر دەپ ئاتىغان دېڭىز، ھازىر كاسپى دەپ ئاتىلىدىغان بولدى.
ئالمىشخان، ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىش دەۋرىنىمۇ كۆرمىگەن، ئىككى گەپنىڭ بىرىدە شىنخەي ئىنقىلاۋىنىڭ تەسىرى دەۋالىدىغان ھېلىقى ئىنقىلاپنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش شەرىپىگە ئېرىشمىگەن. سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشتىنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. گېگىل پەلسەپەسى بىلەن كومىنىستىك پارتىيە خىتاپنامىسىنى ئوقىمىغان. جوڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقوق ھەركىتىدىنغۇ مىڭ يىل بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن...
ئەمما ئۇ، قىمىز، قېتىق بىلەن گۆش يەپ ئات ئۈستىدە يۈرۈيدىغان چالا ساۋات ئادەم بولسىمۇ، مىڭ يىل ئىلگىرىلا ئىنسانىي باراۋەرلىكنى ھېس قىلغان.................
ئەنە شۇ ئىنسانىي ھوقوق كاپالىتى توغرىسدىكى سۆزلەر بولغان، بۇ زىمىندا مىڭ يىلدىن كېيىن نىمىلەر بولمىدى.....ئالمىشخان ھەيكىلىنى تىكلەپتىكەنمۇ ؟!..ئەشۇلار تىكلىدى.....ئالمىشخان "خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز"دەپ توۋلاپتىكەنمۇ !؟....ياق...ئەشۇ دۈشمەنگە ئەمەس،خەلقىگە نوچىلق قىلالايدىغان تىرىك ھەيكەللەر توۋلىدى...
ۋاي بايقۇشلار......بولدىلا....بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلمىساڭمۇ-قىلما....ئەمما زىيان سالما...
دۆلەتنىڭ دۈشمىنى زادى كىم ؟!
2-دۇنيا ئۇرۇشىدا نېمىسلارنىڭ بىر گېنىرالى بىر پارچە كىلاستىك رەسىم ئۈچۈن بىر بىناغا بومبا تاشلاشنى توساپتىكەن.
ئەمما بىزچۇ ؟!...چاقە-چاق .....چېقىۋاتىمىز...تەلىيىمىزگە چاندۇرماي پارچە-پۇرات يەر تەۋرەپ بېرىۋاتمامدۇ.......مىڭ يىلنىڭ ياقى بۇزۇلمىغان رەستىلەر،مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىمۇ چېقىلماي ئامان قالغان قەدىمىي كوچىلار بۈگۈن چېقىلىۋاتىدۇ. سېنىڭ كۆزەڭگە سىغمىغان، شىڭشىسەيدىنمۇ ئامان قالغان قۇرۇلۇشلارنى قولىمىز بىلەن بۇزدۇق. گەپلىرىمىز قالتىس "زامانىۋى شەھەر، يۈرۈشلەشكەن ئولتۇراق رايون".......قىزىل شەلپەر تارتىپ قويسىلا، ھەممە ئىش قىزىل بولۇپ كېتەمدىكەن...
ئۇنچىلىك سودىنىڭ ئېپىنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلىغانما..يالتىراق گەپ قىلساڭ......كۇۋادىراتىنى مىڭ سومدىن، ياكى بەش يۈز سومدىن ئالىسەن...ئاندىن ھەر كۇۋادىراتنى نەچچە مىڭدىن ساتىسەن......ئاران شۇ ئەقىل بارما سەندە ...ۋاي يالغان ئالىجاناپ...
شاڭخەيدىكى كونا قۇرۇلۇش ۋە بىنالارنى قانداق قىلىپ ساقلاپ قالغانلىقى توغرىسىدا، دۆلەت قەدىمقى مەدەنىيەت ۋە قۇرۇلۇشلار مۇتەخەسسىسى "ھەر بىر شەھەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە قۇرۇلمىسى بولىدۇ.بۇنى ئاسراش ۋە ھۆرمەتلەش شۇ شەھەرنى ۋە ئاھالىنىڭ تارىخىنى ھۆرمەتلەش بولىدۇ" دەۋاتمامدۇ....قارىغاندا شاڭخەيلىكلەر خېلى ھۆرمەتلىك ئوخشىمامدۇ....ئۇلارنىڭ پىشانىسىدە "ھۆرمەتلىك يولداشلار" دەپ قاشقىسى بار ئوخشىمامدۇ...
مەۋلانە جالالىددىن ۋاپات تاپقاندا،مۇسۇلمانلاركالامۇ-شېرىفنى،خىرىستىئانلار ئىنجىلنى ،بۇددىستلارنوم-سۇترالىرىنى ئوقۇشۇپ ھەممىسى ئۆزيۆسۈنى بويىچە مەۋلانىگە تەزىيە بىلدۈرۈپ چىقىپتىكەن.ھازىرمۇ رەڭدار كىشىلەر رەڭدار شەكىلدە خاتىرلەيدىكەن...
بىزچۇ ؟!.......يولداشلاردىن بولمىسا، نەزىر-ئالقىش قىلالامدۇق....
بىزدە مەۋلانە ئازمۇ ؟!....بىزدە يىلدا خاتىرلىگۈدەك كۆزى ئوچۇق كەتكەن قەھرىمان مەرھۇملار يوقمۇ ؟!....
چىڭگىزخان جان ئۈزگەندە، شاماننىڭ كاملىرى، مۇسۇلماننىڭ موللىلىرى ۋە نېستورىنىڭ دەرۋىشلىرى بېشىدا قاراپ تۇرۇپ ئۇزىتىپ قويۇپتىكەن.
سىلى دەپ باقسىلا ؟.....بۇ زىمىن، بۇ خەلق كىملەرنى ئۇزىتىپ قويمىغان....ھېچ بولمىسا ئەشۇنداق بېشىدا قاراپ تۇرۇپ،ئاغزىغا سۇ تېمىتقىدەك ئادەم بولسا ياخشى ئەمەسمۇ.....
ھەي...ي.....سىياسىدا ھىلە-نەيرەڭنىمۇ مەرتلىك بىلەن قىلالايدىغان ئادەم قانچىلىك دەيلا....
دۆلەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.....ئەمما دۆلەتمۇ بىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرسۇن...
بوۋىلىرىمىز، توققۇز جايدىكى تېرىلغۇلارنى....پاختا زاۋۇت، تۈگمەن...ئات-كالا، تۆمۈر ھارۋىلار بىلەن ئومومى مۈلۈكچىلىككە ھەسسە قوشۇپتىكەن.....بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلارنىڭ دۆلەتتىن ئالغان "مۇكاپاتى" ئاز ئەمەس. بىزگە كەلگەندىمۇ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە دۆلەتكە غەللە-پاراق، باج تاپشۇرۇپ، تەشۋىق-سىياسەتلىرىگە ئاۋاز قوشۇپ كېلىۋاتىمىز. شۇڭا مەن " بىز مىننەتدارلىققا لايىق" دەپ ھېساپلايمەن.
شۇڭا دۆلەت چوقۇم بىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. بۇ مىننەتدارلىق خەلق قۇرغان،خەلق زامانىۋىلاشتۇرغان دۆلەتنىڭ شەرەپلىك بۇرچى .
دۆلەتنىڭ ھەقىقى دۈشمىنى سىرتتا بولمايدۇ. ئۇ چوقۇم مەۋجۇت ئىچكى قىسىمدا بولىدۇ.
بۈيۈك چىڭنىڭ ھەقىقى دۈشمىنى كىم ئىدى !؟....ئەلۋەتتە، پارىخور، نەپسانىيەتچى، زالىم ئەمەلدارلار...
جوڭخۇا مىنگو نىمە ئۈچۈن غۇلاپ چۈشتى ؟!....ئەلۋەتتە چىرىكلەشكەن تۈزۈلمە بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى يوقىلىپ، خەلىقتىن يىراقلاشقان ئەمەلدارلار .....
سۆزلەپ كەلسەك پاكىت تاغدەك...
دىمەك، دۆلەتنىڭ دۈشمىنى، دەل دۆلەت يۈزىگە ئاتالمىش ياخشى نىيەتتە بىلەن قارا سۈركەۋاتقان بىر ئوچۇم رەڭۋاز مىتىلەر...
قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت.
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان.
2009-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى
مەنبەسى: ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ بىلوگى.

بلوگ بىلدۈرگۈسى

ھەق يول
Essalamu eleykum qerindashlar! Heqyol islam blogi blogdiki bezi ixtidarning kemchilliki we sighimining kichikligi tupeyli blogdin muqim boshluqqa köshti. muqim adirsimiz www.heqyol.cn insha allah bundin kiyin yèngi adirsqa kilishingizni tewsiye qilimen. Hörmet bilen: Heqyol
Visa hela min profil

زىيارەتچىلەر سانى

زىيارەتچىلەر ئورنى