söndag 5 juli 2009

PostHeaderIcon ئۇيغۇرلارنىڭ 20090705- كۈنى ئۈرۈمچىدە خىتتايغا قارشى نامايىش

bashlanmisiDawami">
fredag 3 juli 2009

PostHeaderIcon دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرى كىم ؟

دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرى كىم ؟! - [ئىجتىمائى مەسىللەر]
دەرەخنىڭ دۈشمىنى ئىچىدە بولىدۇ، ئۇ مىتە ياكى قۇرۇت دېيىلىدۇ.
قارىماققا ساغلام تۇرغان دەرەخنى پەقەت قۇرۇتلا ئىچىدىن يەپ تۈگىتىدۇ. بۇ قۇرۇتنى كىم تۇتالايدۇ ؟

مىننەتدارلىق بىلدۈرەيلى دەپ بىر شوئار چىقتى.....كىمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز ؟!.....دۆلەتكە !....
توغرا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز...ئەمما ئاۋۋال سىلىدىن، ئاندىن بىزدىن.....دەسلەپ چوڭدىن كەلسۇن.....دۆلەت بىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۆگىتىپ مىننەتدارلىق بىلدۈرسۇن......
نېمىشقا دەملا ؟....
ئىجارە كېمەيتىپ،كونىلىقنى،يوقىتايلى-دىدى...كېمەيتتۇق،يوقاتتۇق...يەرلەرنى،قوشايلى-دىدى...قوشتۇق....جوڭسەنفۇكىيەيلى-دىدى...كىيدۇق.....يەنە چۆرگىلەپ،تۆت كىشىلىك گۇرۇھنى پىپەن قىلايلى دېدى...ماقۇل-دەپ قىلدۇق...يەرلەرنى بۆلەيلى دېدى...بۆلدۈق....مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغدايلى دېدى..ماقۇل، مانا ئالسىلا دەپ قوغدايدىغانغا ئۆتكۈزۈپ ئاتىمىز سالغان قۇرۇلۇشنى پۇلغا كۆرىدىغان بولدۇق...ئەمدى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالىمىز دېدى...كېسەك-لاي بىلەن تىزىپ چىققان تارىخىمىزنى چاقتۇق...
"3 كە قارشى،5كە قارشى" ھەرىكەتتىن تارتىپ خۇددى ئالدىغا بىر قەدەم كەينىگە ئىككى قەدەم ماڭىدىغان يۈزى رەڭدار چاڭچىلىكەشتەك مېڭىۋەردۇق.......
يەر ئىسلاھاتىدا چىڭ دەۋرىدىكى مىراس يەرلەرگە قەدەر ئىسلاھاتقا قوشتۇق.كوپىراتسىيىلەشتۈرۈشتە ئات-ھارۋىدىن تارتىپ گومىنداڭدىن بۇرۇنقى مىراس يەرلەرگە قەدەر ئومۇمغا قوشتۇق. زىمندار-پومىچىكلارنى يوقىتايلى، ئىشچى-دېھقانلار رەھبەرلىكى دەپ، بىر نەچچە يالاڭتۆش ساراڭنى كالتەكچى قىلدۇق.
بىز خېلى ماقۇل دەپ قىلمىغان ئىش قالمىدى...
مەدەنىيەتتە دۇنياۋى ئىنقىلاب قىلىمىز دەپ چىنشىخۇاڭ ئۆلىمالارنى تىرىك كۆمۈپ،نامىلارنى كۆيدۈرگەندەك يۇرتنىڭ ھەقسۆزلۈكلىرىنى يالىڭاچلاپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈندىدىن باشقا ھەممە كىتاپ-نامىنى كۆيدۈرۈپ قوقاس قىلدۇق. ھەتتا چىنشىخۇاڭدىنمۇ ئاشۇرۇپ ئەرلەرنىڭ ساقىلى ئاياللارنىڭ چاچلىرىغا قەدەر قىرىپ-كېسىپ مەملىكەت بويىچە كەرتىم چاچ، كوسا ئىڭەك قىلماقچىمۇ بولدۇق.
"قانخور جاللات" دەۋالغان گېتلېر، تېروتېرىيىسىدە چېركاۋغا بېرىشنى توسىماپتىكەن. ئەمما بىز ماۋزېدوڭنىڭ سۈرىتىگە قاراپ ئىشقا بېرىشنى، بىر قاچا يوبداننىمۇ رۇخسەت سوراپ ئىچىشنى مودا قىلدۇققۇ !؟
ۋاي گېتلېر.....ۋاي گېتلېر....خېلىلا ياخشى ئادەمنىڭ بالىسىكەنسەن ئەسلىدە.........
ئۇ چاغلاردا،كىم ئۆكتە قوپسا شۇ دەل دۆلەتنىڭ دۈشمىنى ئىدى.
ئەمما كېيىن بۇ دۈشمەن بىز ئەمەس ،بىزنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلىغان رەھبەرلەر دۈشمەن چىقىپ قالدى.
ئەمدى بىلدۇق، شۇ زاماندا ھەق سۆزلىگەن،"دۆلەتنىڭ دۈشمىنى" دەپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر دۆلەتنىڭ ھەقىقى دوستىكەن ئەمەسمۇ!!...
مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىكى ئەڭ بۇزۇقچى، زالىملار ئەمەليەتتە نەچچە مىليوندىن ئاشىدۇ . ئەمما بىز تۆت تال ئادەمگە جىنايەتنى يۈكلەپ قالغىنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدۇق. شۇ ئۇرۇغى بۇزۇقلارنى بۈگۈن يەنە يوق دەپ ئېيتالامدۇق؟!
دىمەك دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرى يەنىلا بار. ئەتراپىمىزدا مارىلاپ، بايتالدىن ، قوشقاردىن كاتەكچىسىنى ئىزدەپ يۇرۇيدىغۇ...
قانداق ئەمدى دەپ باقسىلا....كىم كىمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرسە بولغىدەك ! ..
دۆلەت بىلەن بىرلىكنى ،مەركەز بىلەن ئورتاقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن بىز شۇنداق قىلدۇق. خاتاغىمۇ ماقۇل دىدۇق،تۈزىتىۋالسىمۇ كېرەك يوق دىدۇق. يەنە قايتىلىسىمۇ ئەگىشىۋەردۇق.....قانداق؟ بىز مىننەتدارلىققا لايىقكەنمىزمۇ...
خەلىقنىڭ جوڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى قوشقان ھەسسىلىرى تەشۋىقاتتا كادىرلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن دىيىلىدۇ...تەر تۆكۈپ تۆت تال پۇل تاپساق...ئۇنىڭ رەھبەرلىكى، بۇنىڭ يېتەكلىشى دەپ سۆزلەپ كېتىدۇ تەشۋىقاتلاردا .
تاسلا قالىدۇ، بىز تاپقان بالىنىمۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغىلى...قىسىر گۇيلار....
پاش قىلىش ساندۇقلىرى دات بېسىپ تۇرىدۇ...كىمنى پاش قىلىمىز....دادىسىغا بالىسىنى پاش قىلامدۇق....كۆتە ئۇنداق رەڭۋازلىقىڭنى.....پاش قىلغۇڭ بولسا، مىڭلاپ مولۇق شەخسى يەرلەرنى...ھەشەمەتلىك داچىلارنى سۈرۈشتۈرىۋال....ئىگىسىنى تاپساڭلا..پارىخور ئەمەلدارنى تاپىسەن....
قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە ساتتى دەپ ئاڭلىغان....شاتراق ئۇرغان قوڭىنى باشقۇرالماي، "باشقۇرۇشۇپ بېرەملا" دىگەننى ئاڭلىمىغان.......سەن، نەدە ئوقىغان بۇ دەرسنى......خەلق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ دىگەنگە سان توشقازماقچىما...
يېنىدىن پۇل چىقارماي بىزنىڭ باج پۇلىمىزغا بىر خالتا ئۇن بىلەن بىرەر ئاجىزنى يوقلاپ قويسا تېلۋىزوردا ھەپتە كۈنگىچە داۋراڭ سالىدۇ...يۈز كوي پۇلنى قولىغا تۇتقۇزۇپ، خىجىللىقتا ئاران تۇرغان بىچارىنى زومۇزور ھىجايتىپ، خۇددى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالغان نىجاتكاردەك فىلىملەر ئىشلەيدۇ..
بىلەملا ،ئاۋۇ تېلۋىزور دىگەنگە بىرەر مەھسۇلاتنى ماختاپ ئېلان بەرسە سېكونتى مىليون كويمىش....ئەمما ماۋۇ "سودىگەر"لەر نەچچە يۈز كويغىلا ئۆزىنى يېرىم سائەت ئېلان قىلىۋالىدۇ ئەمەسمۇ.....تىجارەتكە ماھىر، قاقۋاش گۇيلار....
ئەخلاق قۇرىلىشى دىگەن نىمە ئۇ !؟....ئەشۇ يۈزى قېلىن نومۇسسىز ئادەملەر بىزگە ئەخلاق توغرىلىق دەرس ئۆتەمدىكەن....ھۇ! پالا نىمەمنى.......سەندىن جاپا تارتىپ كانتولۇق قىلدىغان ئوغرى ياخشى...
دۆلەتنىڭ دۈشمىنى كىم !؟...
كېيىن پىپەن قىلدىغان سىياسەتنى كىم تۈزدى!....
ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى، خەلىقنىڭ قان-تەرىنى كىم يىدى!؟...
ئىككى گەپنىڭ بىرىدە كىم خەلىق ئىچىدىن دۈشمەن ئىزدىدى؟....كىمۇ بىزگىلا قوقاق سېلىپ دۆلەت خەلىقنىڭ ئوتتۇرىغا ئىشەنمەسلىك پەيدا قىلىۋاتقان....؟
دۆلەتكە كىم دۈشمەن بولالايدۇ....ھويلىسىدا كەتمەن-گۈرجەككە، تۆت تېمى بىلەن پۇچۇق ھويلىسىغا ئاران ئىگىدارچىلىق قىلالايدىغان بىزدەك ئادەملەرما.....ياق، ياق..........ھەرگىز بولالمايدۇ. چۈنكى خەلىق تىنىچلىق، باراۋەرلىك ئاستىدىكى دۆلەتنى سۆيىدۇ.
مىليونلاپ ئارمىيىسى،ساقچى ۋە قوراللاق ساقچى كۈچلىرى، ئاسماندا ئايرۇپىلانى يەردە بىرونىك-تانكىلىرى،سۇدا ھەربى پاراخوتلىرى بار دۆلەتكە بىزنى دۈشمەن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرمەكچىما....قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقىمۇ يوق خەلىقنى، دۆلەتنى سۆيۈش مۇھەببىتى تولۇپ تاشقان بىر خەلىقنى كىم دۈشمەن قاتارىغا قوشۇۋاتىدۇ !؟...دۈشمەن بولۇشقا زورلاۋاتىدۇ !؟
ھازىر ھاجەتخانىدىمۇ ئۇزۇنراق ئولتۇرۇشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالدۇق. گېمورويكەن دىمىسۇن دەپ، ھاجەتخانىدىمۇ خىيال سۈرۈپ ئولتارغىلى بولمايدۇ...ما تۆھمەتچى گۇيلارنىڭ دەردىدە...
....ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا ھەرگىز چۈشمەيمىز......بىز قىلتاققا دەسسەپ غىق تويغان....5خىل كۈچكە قارشى تۇرش، سىنىپىي دۈشمەنلەرنى يوقۇتۇش، ......ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش،...باسەنسى، ئارسەنسى بولۇپ ئىككى ئەخمەقنى قوغداش......بىز بۇنداق قىلتاقلارنى تولا كۆرۈپ تويۇپ كەتكەن......توپا يىيىشكە رازى بولسىمۇ، ئېھتىياتتىن ئۆت-چۆپ يىمەيدىغان توشقاندەك ئەقىللىق بوپ كەتكەن.

لىنبىيولار پۈتۈن جوڭگولۇقنى ئاتا-بوۋىسىدىن كېچىپ، ئەسلى-نەسەبىنى ئۇنتۇپ، قىپ-قىزىل روھقا ئىگە ئادەملەر بولسىكەن دىگەن خىيالدا ئىنقىلاپ قىپتىكەن.ئۇلارنىڭ خىيالى ماھىيەتتىن دۆلەتكە پايدىلىق. ئەمما كەلتۈردىغان ئەگەشمە زىيىنى دۆلەتكە مىسلىسىز سورۇقچىلىق بولدى....
خيالى ياخشى بولسىلا دۆلەتنىڭ دوستى بولامدا....ھەركەت-نىيىتى خاتا بولسا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوخشاش....سولايمىز....ئېغىرراقلىرىنى ئاتىمىز...
ئەشۇنداق تەلۋىلەر كىم بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇ دۆلەتنىڭ دۈشمىنى! ئۇلار ھەرقانچە دۆلەت مەنپەئەتى دەۋالسىمۇ ئەمما ماھىيىتى ئوخشاش....بۈگۈنمۇ ئۇلارنى پىپەن قىلىش كېرەك ! مەركەزنىڭ يوليورىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك !....
قارا-قويۇق سىياسەت، ئىلمىلىكتىن يىراقلاشقان ئېچىش شوئارلىرى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىنى ، خەلىقنىڭ ھىسياتىنى دەخلىگە ئۇچرىتىۋاتقان كىم !؟....ئەلۋەتتە قولىدا ھوقوقى ، قوڭىدا ھۆكۈمرانلىق ئورۇندىقى بار، دېپلومىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق، سىياسەتۋازلار...
مىڭلىغان ئادەم جاپا تارتىپ، مىليونلىغان خەلىق تەستىق سېلىپ نۇرغۇن قانۇن تۈزدۇق......ئادەم ئولتۇرۇپ ئاڭلىسا، ئالدىرىماي ئوقىسا كۆزىگە ياش كېلىدۇ...قانۇن دىگەن شۇنداق بولار.....ئەمما "قانۇننى مەنپەئەت" دەيدىغان بۇيرىكات ئوڭچى ئىدىيىدىكىلەر نىمە قىلمىدى..."ئۆز جايىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، يەرلىك سىياسەت بىلەن بىرلەشتۈرۈش" دىگەندەك تەيپىنەم ۋاقتىدىكى كۈنلۈكنى كۆتۈرىۋېلىپ ئۇنىڭ قارا سايىسىدە قولىدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلدى...
ئۇنداق ئادەم نىمە قىلىمىز ئورتاق قانۇن تۈزەپ.....بۇ قانۇن پەقەت باشقىلارغا، ئۆزىمىز يەپ باقمىغان مىۋىنىڭ شۆپىكىنى كۆرسىتىپ" بىزمۇ مىۋە يەۋاتىمىز" دىگەندەك بىر ئىش بولمامدۇ...
ۋولگا دەرياسى ئىدىل دەپ ئاتىلىدىغان، موڭغۇلىيە دالىلىرى ۋە بىزنىڭ بۇ تۇپراقلار ئۆتۈكەن دىيىلىدىغان زامانلاردا رۇمنىڭ ئەلچىسىگە، بۇلغار خاقانى ئالمىشخان شۇنداق دەپتىكەن:
"سىلەر دەريادا بىرلا بېلىق، ئورماندا بىرلا كىيىك، يايلاقتا بىرلا چېچەك بولسا دەپ ئويلايسىلەر. ئەمما تەڭرى ياراتقان بۇ رەڭدار دۇنيانى كىم ئۆزگەرتەلەيدۇ ؟! بىر كۈنى سىلەرنىڭ بۇ ئاچكۆزلۈكىڭلەر بېشىڭلارغا چىقىدۇ".



زامان ئۆزگەردىمۇ ؟. ياق !. ھېچقانچە ئۆزگەرمىدى. پەقەت نام-ئاتاقلا ئۆزگەردى. بوۋىلار ھەزەر دەپ ئاتىغان دېڭىز، ھازىر كاسپى دەپ ئاتىلىدىغان بولدى.
ئالمىشخان، ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىش دەۋرىنىمۇ كۆرمىگەن، ئىككى گەپنىڭ بىرىدە شىنخەي ئىنقىلاۋىنىڭ تەسىرى دەۋالىدىغان ھېلىقى ئىنقىلاپنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش شەرىپىگە ئېرىشمىگەن. سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشتىنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. گېگىل پەلسەپەسى بىلەن كومىنىستىك پارتىيە خىتاپنامىسىنى ئوقىمىغان. جوڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقوق ھەركىتىدىنغۇ مىڭ يىل بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن...
ئەمما ئۇ، قىمىز، قېتىق بىلەن گۆش يەپ ئات ئۈستىدە يۈرۈيدىغان چالا ساۋات ئادەم بولسىمۇ، مىڭ يىل ئىلگىرىلا ئىنسانىي باراۋەرلىكنى ھېس قىلغان.................
ئەنە شۇ ئىنسانىي ھوقوق كاپالىتى توغرىسدىكى سۆزلەر بولغان، بۇ زىمىندا مىڭ يىلدىن كېيىن نىمىلەر بولمىدى.....ئالمىشخان ھەيكىلىنى تىكلەپتىكەنمۇ ؟!..ئەشۇلار تىكلىدى.....ئالمىشخان "خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز"دەپ توۋلاپتىكەنمۇ !؟....ياق...ئەشۇ دۈشمەنگە ئەمەس،خەلقىگە نوچىلق قىلالايدىغان تىرىك ھەيكەللەر توۋلىدى...
ۋاي بايقۇشلار......بولدىلا....بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلمىساڭمۇ-قىلما....ئەمما زىيان سالما...
دۆلەتنىڭ دۈشمىنى زادى كىم ؟!
2-دۇنيا ئۇرۇشىدا نېمىسلارنىڭ بىر گېنىرالى بىر پارچە كىلاستىك رەسىم ئۈچۈن بىر بىناغا بومبا تاشلاشنى توساپتىكەن.
ئەمما بىزچۇ ؟!...چاقە-چاق .....چېقىۋاتىمىز...تەلىيىمىزگە چاندۇرماي پارچە-پۇرات يەر تەۋرەپ بېرىۋاتمامدۇ.......مىڭ يىلنىڭ ياقى بۇزۇلمىغان رەستىلەر،مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىمۇ چېقىلماي ئامان قالغان قەدىمىي كوچىلار بۈگۈن چېقىلىۋاتىدۇ. سېنىڭ كۆزەڭگە سىغمىغان، شىڭشىسەيدىنمۇ ئامان قالغان قۇرۇلۇشلارنى قولىمىز بىلەن بۇزدۇق. گەپلىرىمىز قالتىس "زامانىۋى شەھەر، يۈرۈشلەشكەن ئولتۇراق رايون".......قىزىل شەلپەر تارتىپ قويسىلا، ھەممە ئىش قىزىل بولۇپ كېتەمدىكەن...
ئۇنچىلىك سودىنىڭ ئېپىنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلىغانما..يالتىراق گەپ قىلساڭ......كۇۋادىراتىنى مىڭ سومدىن، ياكى بەش يۈز سومدىن ئالىسەن...ئاندىن ھەر كۇۋادىراتنى نەچچە مىڭدىن ساتىسەن......ئاران شۇ ئەقىل بارما سەندە ...ۋاي يالغان ئالىجاناپ...
شاڭخەيدىكى كونا قۇرۇلۇش ۋە بىنالارنى قانداق قىلىپ ساقلاپ قالغانلىقى توغرىسىدا، دۆلەت قەدىمقى مەدەنىيەت ۋە قۇرۇلۇشلار مۇتەخەسسىسى "ھەر بىر شەھەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە قۇرۇلمىسى بولىدۇ.بۇنى ئاسراش ۋە ھۆرمەتلەش شۇ شەھەرنى ۋە ئاھالىنىڭ تارىخىنى ھۆرمەتلەش بولىدۇ" دەۋاتمامدۇ....قارىغاندا شاڭخەيلىكلەر خېلى ھۆرمەتلىك ئوخشىمامدۇ....ئۇلارنىڭ پىشانىسىدە "ھۆرمەتلىك يولداشلار" دەپ قاشقىسى بار ئوخشىمامدۇ...
مەۋلانە جالالىددىن ۋاپات تاپقاندا،مۇسۇلمانلاركالامۇ-شېرىفنى،خىرىستىئانلار ئىنجىلنى ،بۇددىستلارنوم-سۇترالىرىنى ئوقۇشۇپ ھەممىسى ئۆزيۆسۈنى بويىچە مەۋلانىگە تەزىيە بىلدۈرۈپ چىقىپتىكەن.ھازىرمۇ رەڭدار كىشىلەر رەڭدار شەكىلدە خاتىرلەيدىكەن...
بىزچۇ ؟!.......يولداشلاردىن بولمىسا، نەزىر-ئالقىش قىلالامدۇق....
بىزدە مەۋلانە ئازمۇ ؟!....بىزدە يىلدا خاتىرلىگۈدەك كۆزى ئوچۇق كەتكەن قەھرىمان مەرھۇملار يوقمۇ ؟!....
چىڭگىزخان جان ئۈزگەندە، شاماننىڭ كاملىرى، مۇسۇلماننىڭ موللىلىرى ۋە نېستورىنىڭ دەرۋىشلىرى بېشىدا قاراپ تۇرۇپ ئۇزىتىپ قويۇپتىكەن.
سىلى دەپ باقسىلا ؟.....بۇ زىمىن، بۇ خەلق كىملەرنى ئۇزىتىپ قويمىغان....ھېچ بولمىسا ئەشۇنداق بېشىدا قاراپ تۇرۇپ،ئاغزىغا سۇ تېمىتقىدەك ئادەم بولسا ياخشى ئەمەسمۇ.....
ھەي...ي.....سىياسىدا ھىلە-نەيرەڭنىمۇ مەرتلىك بىلەن قىلالايدىغان ئادەم قانچىلىك دەيلا....
دۆلەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.....ئەمما دۆلەتمۇ بىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرسۇن...
بوۋىلىرىمىز، توققۇز جايدىكى تېرىلغۇلارنى....پاختا زاۋۇت، تۈگمەن...ئات-كالا، تۆمۈر ھارۋىلار بىلەن ئومومى مۈلۈكچىلىككە ھەسسە قوشۇپتىكەن.....بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلارنىڭ دۆلەتتىن ئالغان "مۇكاپاتى" ئاز ئەمەس. بىزگە كەلگەندىمۇ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە دۆلەتكە غەللە-پاراق، باج تاپشۇرۇپ، تەشۋىق-سىياسەتلىرىگە ئاۋاز قوشۇپ كېلىۋاتىمىز. شۇڭا مەن " بىز مىننەتدارلىققا لايىق" دەپ ھېساپلايمەن.
شۇڭا دۆلەت چوقۇم بىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. بۇ مىننەتدارلىق خەلق قۇرغان،خەلق زامانىۋىلاشتۇرغان دۆلەتنىڭ شەرەپلىك بۇرچى .
دۆلەتنىڭ ھەقىقى دۈشمىنى سىرتتا بولمايدۇ. ئۇ چوقۇم مەۋجۇت ئىچكى قىسىمدا بولىدۇ.
بۈيۈك چىڭنىڭ ھەقىقى دۈشمىنى كىم ئىدى !؟....ئەلۋەتتە، پارىخور، نەپسانىيەتچى، زالىم ئەمەلدارلار...
جوڭخۇا مىنگو نىمە ئۈچۈن غۇلاپ چۈشتى ؟!....ئەلۋەتتە چىرىكلەشكەن تۈزۈلمە بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى يوقىلىپ، خەلىقتىن يىراقلاشقان ئەمەلدارلار .....
سۆزلەپ كەلسەك پاكىت تاغدەك...
دىمەك، دۆلەتنىڭ دۈشمىنى، دەل دۆلەت يۈزىگە ئاتالمىش ياخشى نىيەتتە بىلەن قارا سۈركەۋاتقان بىر ئوچۇم رەڭۋاز مىتىلەر...
قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت.
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان.
2009-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى
مەنبەسى: ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ بىلوگى.

PostHeaderIcon ئانا تىلدىن ئايرىلسام

ئانا تىلدىن ئايرىلسام

مۇمىنجان ھەمرايېۋ

(قازاقستان )

مەيلى مۈلكۈم ھەم مېلىمدىن ئايرىلسام،
مەيلى بارار مەنزىلىمدىن ئايرىلسام،
مەيلى تۇندە مەشئىلىمدىن ئايرىلسام،'
ياق !ئۆلىمەن ئانا تىلدىن ئايرىلسام.

رازىمەنكى كىچىشكە ئۆز بەختىمدىن،
مەنسەپ-ئابرۇي،تاجۇ-تەختىمدىن،
ئۆرتىنىپ كۈل بوپ كىتىمەن تەكتىمدىن،
ئانام بەرگەن ئانا تىلدىن ئايرىلسام.

تىلىڭدىن كەچ دەپ كىملەردۇر ئەگەردە،
كۆمىۋەتسە مىنى تىللا يۇ - ھەم زەرگە،
ئانام بەرگەن سۈت ئايلىنار زەھەرگە،
قازا يىتەر ئانا تىلدىن ئايرىسام.

ئانا تىلسىز ماڭا دۇنيا يالغاندەك،
تىلىمنى دۇشمەن يۇلۇپ ئالغاندەك
تۇيۇلىمەن ئۆزەمگە بىر ھايۋاندەك،
<ئادەملىكىم ئاناتىل> دىن ئايرىلسام!

ئۇنۇتسام گەر ئانا تىلنى بىرزامان
چايان بولوپ چاققاي مىنى پاك ۋىجدان.
ئاچ-زار قالغان كەبى كۆرمەي ئاپئاق نان،
كۈنۈم پۇتەر ئانا تىلدىن ئايرىلسام

PostHeaderIcon ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ

ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ

1-ﻗﯩﺴﯩﻢ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ

2009-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 16- ﻛﯜﻧﻰ

(ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﮬﯧﭻ ﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﻱ، ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﻜﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﯞﯦﺮﯨﺪﯗ.)
www.meripet.com www.meripet.org http://meripet.blogbus.com
ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ «ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ» ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎﻣﺪﺍ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻛﯚﺯ-ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ. ﺋﺎﺷﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﭙﻘﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯘ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﯧﭻ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ. ﻣﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ «ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ» ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﯩﻤﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﺎﭘﺘﯘ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯖﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯧﺰﺭﺍﻕ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺷﺘﯩﻜﻰ ﺳﯘﺭﺋﯩﺘﯩﻢ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﻳﻮﻟﻼﺷﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ.

ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ 30 ﺑﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻛﻪﯕﮕﯧﺲ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 4 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ، 2008-ﻳﯩﻠﻰ 21-ﺋﺎﭘﺮﯨﻠﺪﯨﻦ 2-ﻣﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ (ﺏ ﺩ ﺕ) ﻧﯩﯔ «ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ 7-ﻧﻮﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﺳﯚﮬﺒﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ» ﺩﺍ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ «ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ» (ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «Expert Paper») ﺩﯗﺭ. ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﯩﺴﻰ «ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟» ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺗﯚﺕ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻧﯩﯔ ﺏ ﺩ ﺕ ﻏﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﻮﺭﻩﻟﻪﻳﺴﯩﺰ:
http://www.un.org/esa/socdev/unpfii/documents/E_C19_2008_7.pdf ﺑﯘ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ «ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ» ﺗﯜﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻢ-ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺋﻪﻳﻨﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎﻣﺪﺍ ﺋﺎﺷﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﭗ ﯞﻩ ﺗﯧﻤﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﭖ ﺋﯚﺗﯩﻤﻪﻥ.

ﺑﯘ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﺕ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ:

(1) ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺗﻮﯞ ﺳﻜﯘﺗﻨﺎﺏ-ﻛﻪﯕﮕﯧﺲ ﺧﺎﻧﯩﻢ (Tove Skutnabb-Kangas) : ﻓﯩﻨﻼﻧﺪﯨﻴﻪﺩﯨﻜﻰ «Roskilde» ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺮﻭﻓﯩﺴﺴﻮﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ، ﺩﺍﻧﯩﻴﻪ ﺗﯩﻠﻰ، ﻓﯩﻨﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﺗﯩﻠﻰ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻥ ﺗﯩﻠﻰ، ﻧﻮﺭﯞﯨﮕﯩﻴﻪ ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺳﺎﯞﺍﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﻞ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﻮﻗﯘﻕ، ﺗﯩﻞ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﺰﻡ، ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻛﯚﭖ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ، ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﮬﻮﻗﯘﻕ، ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﺶ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ، ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﮬﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻘﺎ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺯﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺘﺎﭘﻘﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺗﯩﻠﺪﺍ 400 ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻮﺭ ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﻰ: http://www.neiu.edu/~duo/skutnabb.htm (2) ﺭﻭﺑﯧﺮﺕ ﺩﺍﻧﺒﯧﺮ (Robert Dunbar): ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ «ﺋﺎﺑﻪﺭﺩﯨﻦ (Aberdeen)» ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯞﻩ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﯘﮬﻪﺭﺭﯨﺮﻯ.

(3) ﻻﺭﺱ-ﺋﺎﻧﺪﯦﺮﺱ ﺑﯧﺮ (Lars-Anders Baer): « ﺏ ﺩ ﺕ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﺳﯚﮬﺒﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ» ﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ.

(4) ﺋﻮﻟﻰ ﮬﯧﻨﺮﯨﻚ ﻣﺎﮔﮕﺎ (Ole Henrik Magga): «ﺏ ﺩ ﺕ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﺳﯚﮬﺒﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ» ﻧﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﯞﻩ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ.

ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﯩﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻣﻪﻥ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ، ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﻝ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺵ-ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ. 1979-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 83-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ، ﻣﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﺗﻜﯘﺯﯗﻟﮕﻪﻥ «ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ» ﺩﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﯛﻣﺪﻩ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯜﺳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ: «ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﭽﻪ ﻳﯘﺯ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﻱ ﺩﯨﺴﯩﯖﯩﺰ، 1-ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯘﻙ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩﯔ.» ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﻮﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻤﻐﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ 25 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﺘﻰ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺮﺍﻕ؟

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﯩﺪﻩﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ 1-ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺋﯚﺗﯜﺵ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ 3- ﻳﺎﻛﻰ 4-ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻛﯚﭼﻤﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﯚﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﯩﻠﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺋﻪﻧﻪﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﯞﻻﺕ ﯞﻩ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﯞﻻﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ، ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺳﺎﮬﻪﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺴﻰ 1800-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻳﯘﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ «ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ» ﺩﻩ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺋﺎﺷﯘ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ 1-ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﻼ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﯧﺘﯩﯟﻩﺭﺳﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺳﺎﯞﺍﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ 2-ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﺭﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﯩﻼ ﻳﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ 1-ﺋﻪﯞﻻﺕ ﺩﯨﺴﻪﻙ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ 2-ﺋﻪﯞﻻﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﺋﯚﺭﭖ-ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﯞﻻﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﻼ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯩﻘﻰ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺧﻪﯞﭘﯩﮕﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺳﯩﺰ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎﻣﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﻴﺎﻻﻳﺴﯩﺰ.

ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻗﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ «ﻛﯩﭽﯩﮕﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯩﻦ ﻛﺎﯞ ﺧﻪﻧﻠﻪﺭ) ﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﻯ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭﻏﯘ؟»، ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ. ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﺎﺭ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﮕﯩﻤﯘ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ. (ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﯧﻘﯩﯔ: ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ-ﺭﻭﻣﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﺭ؟ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻨﭽﯘ؟) ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻳﻪﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﻠﯩﻘﻨﯩﻼ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﻗﯩﺴﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭﻣﯘ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﻠﯩﻘﻘﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯜﺩ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.

ﺭﻭﻣﯩﻨﯩﻴﻪﺩﻩ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﯦﻨﮕﺮﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﻧﺪﺭﺍﺱ ﺳﯘﺗﻮ (Andras Suto) ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻻﻧﺴﺎ، ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺗﻪﯓ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﺮﺗﺴﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﯗﺟﯘﺩﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﯧﺮﺗﺴﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﯗﺟﯘﺩﻧﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﯞﻻﺗﻼﺭﻏﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻼ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.» ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ «ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ» ﺩﯨﻜﻰ «ﺏ ﺩ ﺕ» ﮔﻪ ﺳﯘﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺷﯘ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭼﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻼ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺩﻩﺳﺴﯩﺘﯩﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭼﯘﺷﯩﻨﻪﻟﻪﻳﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.

1. ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪ

ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘ-ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻻﻳﺪﯗ.

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﯩﻞ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺘﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪﺳﯩﻤﯘ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﭼﺎﻏﻼﺷﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺳﻪﻟﺒﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ، ﺋﯚﺭﭖ-ﺋﺎﺩﻩﺕ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﯩﺸﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﻮﯕﻼﺭ ﯞﻩ ﭘﯩﺸﻘﻪﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﺎﺷﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ ﭼﻮﯕﻼﺭ، ﭘﯩﺸﻘﻪﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ، ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ، ﺋﯚﺭﭖ-ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯚﮔﯩﻨﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﯞﻻﺗﻼﺭﻏﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ) ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯗ.

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘ-ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﺘﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻠﻨﯩﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺕ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﻮﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﯘﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﯞﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺶ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﯨﻤﯘ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ-ﻗﻮﭘﯘﭖ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﺘﯘﺭ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﻪﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺯﯨﻴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺳﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﻪﺭ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ: ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﻠﯩﻖ، ﭘﯩﺴﯩﺨﯩﻠﻮﮔﯩﻴﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺯﻩﺧﻤﻪ، ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ، ﺋﻪﺳﺘﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ، ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ، ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺯﻩﺧﻤﻪ، ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﻪﺭ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺯﯨﻴﺎﻥ-ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺳﺎﮬﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﭼﯘﺷﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ ﺗﯧﺮﯨﺴﺎ ﻣﻜﻜﺎﺭﺗﻲ (Teresa McCarty) ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺗﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺋﻪﯓ ﻧﺎﭼﺎﺭ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺭﻭﮬﯩﻲ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﻙ ﯞﻩ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻤﯘ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ.

ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﻰ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻟﯩﺴﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ، ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﻠﻰ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ (ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﺕ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﯨﻨﻰ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ) ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﯩﺰﭼﻪ، ﺏ ﺩ ﺕ 1948-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯩﻐﺎﻥ «ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ» ﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﮬﯧﻠﯩﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﻧﻪﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ، ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺑﯩﺰ (ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﺕ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﯨﻨﻰ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ) ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ 2004-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ «ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ» ﺩﺍ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ: ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘ-ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻠﺪﯨﻼ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﻮﻗﯘﻕ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻧﯩﺸﺎﻧﻼﺭﻧﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﭘﯜﺗﯜﻛﭽﯩﺴﻰ ﻛﺎﺗﺎﺭﯨﻨﺎ ﺗﻮﻣﺎﺳﯩﯟﯨﺴﻜﻰ (Katarina Tomasevski) ﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘ-ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺗﯩﻞ، ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﭘﯩﺴﺨﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻣﻪﮬﺮﯗﻡ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﯩﻠﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺗﯩﻞ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﻮﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺩﻩﺭﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘ-ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ «ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ» ﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ «ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ» ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘ-ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﻩﺳﻠﯩﭙﯩﺪﻩ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﺪﯗ، ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻞ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ، ﻳﺎﻛﻰ ﻛﺎﻡ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﻪﯞﻻﺗﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺶ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺧﻪﯞﭘﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﻠﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻗﻮﺷﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺋﯚﺯﻟﯩﮕﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗﻛﻰ، ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﯞﺍﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺋﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻛﯚﭖ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﺍ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻗﺎﺭﯨﻤﯘ-ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﻪﺭ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘ-ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺯﯨﻴﺎﻥ-ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺵ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﺰ. ﮬﻪﻣﺪﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻗﺎﻧﯘﻥ-ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﻪﻧﻪﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﺰ.

ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻼﺭ ﻛﻪﯕﮕﯧﺲ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯚﺕ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ «ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪ» ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎﻣﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯨﻤﻪﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﯕﮕﯧﺲ ﺧﺎﻧﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯘﻗﯘﻣﻼﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﺋﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﯧﺰﺭﺍﻕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﻤﻪﻥ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ:
http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=30697 ﻣﻪﻥ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎﻣﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ http://meripet.blogbus.com ﮔﻪ ﻳﻪﺯﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﻮﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯨﻤﻪﻥ:
« ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﻛﺎ،ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺧﯩﻠﯟﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺗﻠﯘﻕ ﺳﺎﻻﻡ. ﻳﯩﯖﻰ ﻳﯩﻠﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ. ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺗﯧﻨﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ،ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪﺧﺖ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ. ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺯﻣﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﻏﺎﻥ،ﻳﺎﺯﻣﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﯚﻳﯜﭖ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺨﻼﺳﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺧﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ، ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﺱ ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﭖ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ "ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ"ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻢ. ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﺧﯩﺮﯨﺴﻠﯩﺮﻯ ﺧﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﻯ ﺑﯘﻧﯩﺴﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻧﺎﻣﻪﻟﯜﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺑﯘﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﺭﺍﻕ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺯﻣﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ،ﭘﻪﻥ-ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ،ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯜﻣﯜﺩﻛﻪ ﺗﻮﻟﺪﯗﻡ. ﺑﯩﺰﺩﻩ "ﺗﺎﻣﺎ-ﺗﺎﻣﺎ ﻛﯚﻝ ﺗﻮﻻﺭ"ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺑﺎﺭ. ﺑﯩﺰﺩﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭘﻪﻳﺴﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﭘﯘﻝ-ﻣﺎﻝ، ﮬﻮﻗﯘﻗﻨﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻻ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﻧﺎﻥ ﻗﯧﭙﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﻰ.

ﻣﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﭼﺎﯓ ﻗﻮﻧﺪﯗﺭﻣﺎﻱ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻻﭖ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﻣﻪﻗﺴﻪﺩ ﻣﻪﻥ ﺳﯚﻳﯜﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻤﻤﯘ ﺳﯚﻳﯜﭖ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ، ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﯨﻤﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻤﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎ-ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺴﺎ، ﺋﯚﺯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺴﺎ، ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻥ-ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻨﻰ، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﯩﯔ ﺋﻪﭘﺴﯜﺱ ،ﺑﺎﻻﻡ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻳﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯘﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪﻡ ﻛﯜﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ. ﺑﺎﻻﻡ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻞ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﯞﯨﯟﯨﺴﻜﯩﺴﯩﺪﺍ " ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ "ﺩﻩﭖ ﻳﯩﺰﯨﻘﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭ ﺧﻪﻧﺰﯗﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﯜﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ" ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ "ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻳﯩﺰﯨﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺳﯚﺯ-ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺶ،ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻞ-ﻳﯩﺰﯨﻖ ﺳﻪﯞﯨﻴﺴﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻗﯩﻴﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺑﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯘﻳﯘﻡ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ "ﺋﯩﺰ " ."ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﺯﯨﻤﯩﻦ"،" ﺋﺎﻧﺎﻳﯘﺭﺕ "،"ﺟﺎﻟﻼﺕ ﺧﯧﻨﯩﻢ"...............ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺗﻮﭘﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻟﯘﯕﺪﺍ ﺑﻮﻳﯘﻥ ﻗﯩﺴﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻻﺭﻣﯘ-ﮬﻪ؟! ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ، ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺋﺎﺑﺪﯨﺮﯨﮭﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯘﻛﯘﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ........... ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﺋﻪﺩﯨﭙﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﺗﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ(ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﻏﺰﻯ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ)ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯘ-ﮬﻪ؟! ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﻧﻤﯩﺴﻪ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻪﺭ؟

ﻣﻪﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﺎﻻﻡ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﺎﻻﺭﻣﯘ؟ ﺩﯨﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺘﺘﯩﻢ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﺎﻻﻡ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﺎﯕﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺗﺎ-ﺑﻮﯞﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻱ ﻗﺎﻻﺭﻣﯘ؟ ﺩﯨﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺧﻪﻳﺮﯨﻴﻪﺕ، ﮬﻪﻣﻤﯩﺰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﻪﻥ-ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺳﯚﻳﺴﻪﻙ، ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﺴﻪﻙ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﺟﺎﯞﺍﭘﻘﺎ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ.
ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﯓ.ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪﺧﺖ ﺗﯩﻠﻪﭖ: …»
ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﯩﮕﯜﭼﻰ: ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺗﻮﺭﻯ (www.meripet.org www.meripet.com) ﺩﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ

ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﻮﺭ ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ:
1) «ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ»http://www.un.org/esa/socdev/unpfii/documents/E_C19_2008_7.pdf

2) ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺗﻮﯞ ﺳﻜﯘﺗﻨﺎﺏ-ﻛﻪﯕﮕﯧﺲ ﺧﺎﻧﯩﻢ (Tove Skutnabb-Kangas) :http://www.neiu.edu/~duo/skutnabb.htm

3) ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻯ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﻰ:http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=30697

4) ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﻮﺭﺑﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﻰ:

PostHeaderIcon [ئەركىن سىدىق] ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ(2) - [ئانا تىل]

[ئەركىن سىدىق] ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ(2) - [ئانا تىل]
بېشى


[3] مەكتەپتە بالىلارنىڭ ئانا تىل ئىشلىتىشىنى كۈچەيتىش يالغۇز ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بالىلارنىڭ مەكتەپ تىلىدىكى ھەر خىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىمۇ پايدىلىق. يۇقىرىدىكى بايقاشلاردا كۆرسىتىپ ئەتكەندەك، قوش تىللىق بولۇش بالىلارنى تىل جەھەتتىكى يېڭى ئەۋزەللىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداقلا ئىككى خىل تىلدىكى ئىقتىدارلار بىر-بىرىگە ناھايىتى بېقىنىدىغان بولىدۇ. ئەگەر مەكتەپ ئانا تىل ئۆگىتىشنى ئۈنۈملۈك ھالدا يولغا قويىدىكەن، ھەمدە شەرت-شارائىت يار بەرگەندە بالىلارنىڭ ئانا تىلىدىكى ساۋاتىنى تولۇق چىقىرىدىكەن، قوش تىللىق ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئوقۇشىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر بالىلار ئانا تىلىنى تاشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدىكەن، ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئانا تىلدىكى تەرەققىياتى كەينىگە چېكىندۈرۈلىدىكەن، ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىشتىكى كىشىلىك ۋە ئىدىيىۋى ئاساسى ئاجىزلاشتۇرۇلىدۇ.

نۇرغۇن تورداشلار ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدىن باشلاپ كۆپ مىقداردىكى دەرسلەر خەنزۇ تىلىدا ئۆتىلىشكە باشلىغاندىن كېيىن، ياكى بولمىسا ئۇيغۇر تىلى زادىلا ئۆتۈلمىگەندىن كېيىن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئوقۇش ئەھۋالىدا ئادەمنى ئېچىندۇرىدىغان دەرىجىدە چېكىنىش پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مېنىڭچە مۇشۇ ئابزاستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىلمىي بايقاشلار ئاشۇنداق بولۇشنىڭ بىر قىسىم سەۋەبلىرىنى روشەن ھالدا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.

[4] مەكتەپتىكى دەرسلەرنى بالىلارنىڭ ئانا تىلىدا ئۆتۈش ئۇلارنىڭ مەكتەپ تىلىدىكى ئاكادېمىك تەرەققىياتىغا ھەرگىزمۇ يامان تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر مائارىپ ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئارقىلىق بايقىغان بىر كۈچلۈك ھۆكۈم شۇ بولدىكى، بىر ياخشى ئىجرا قىلىنغان قوش تىل پروگراممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ تىلىدىكى تەرەققىياتىغا ھېچ قانداق سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەيلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئانا تىلىدىكى ساۋاتى بىلەن ئانا تىلىدىكى كەسپىي بىلىملىرىنىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ. بېلگىيىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە يولغا قويۇلغان ئانا تىل، گوللاندىيە تىلى ۋە فرانسۇز تىلىدىن ئىبارەت ئۈچ تىلدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىش پروگراممىسى بۇنىڭ بىر مىسالى بولالايدۇ. بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى مۇنداق. بالىلار ئانا تىلدا بىلىم ئالغاندا، ئۇلار بىر تار سېزىم دائىرىسىدىكى ئاشۇ بىر تىلنىلا ئۆگىنىپ قالماي، ئۇلارنىڭ مەكتەپ تىلى مۇھىتىدىمۇ جارى قىلدۇرىدىغان ئىقتىدارلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇم ۋە ئەقلىي ماھارەتلەرنىمۇ تەڭ ئۆگىنىدۇ. ئانا تىلىدا ۋاقىتنى دەپ بېرەلەيدىغان بالىلار ۋاقىت ئۇقۇمىنى تولۇق چۈشىنىدۇ. ئىككىنچى بىر تىلدا ۋاقىتنى دەپ بېرەلەيدىغان بولۇش ئۈچۈن ئۇلار ۋاقىت ئۇقۇمىنى قايتا ئۆگىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇلار پەقەتلا ئۆزلىرى ئاللىقاچان ئۆگىنىپ بولغان بىر ئەقلىي ئىقتىدارغا بىر يېڭى بەلگە تاپسىلا كۇپايە. بۇ خىل ئەھۋال بىلىم ئېلىش جەريانىنىڭ يۇقىرى باسقۇچلىرىدىمۇ ئوخشاشلا داۋام ئېتىدۇ. يەنى، بىر مەزمۇن ياكى ھېكايىدىكى ئاساسىي ئىدىيە بىلەن قوشۇمچە ئىدىيىلەرنى پەرقلەندۈرۈش، سەۋەب بىلەن نەتىجىنى ئايرىش، پاكىت بىلەن پىكىرنى پەرق ئېتىش، بىر ھېكايە ياكى تارىختىكى ۋەقەلەرنىڭ ۋاقىت تەرتىپىنى توغرا تىزىپ چىقىشقا ئوخشاش ئاكادېمىك ۋە تىل ساۋاتى ئىقتىدارى جەھەتتە ئوخشىمىغان تىللار ئوتتۇرىسىدا داۋاملىق ئالمىشىش يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

[5] بالىلارنىڭ ئانا تىلى نازۇك بولۇپ، مەكتەپ ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا ئاسانلا يوقاپ كېتىدۇ. مەكتەپ تىلى ئانا تىلى ئەمەس بالىلار مەكتەپ تىلى بىلەن ئانا تىلى ئوخشاش بالىلارغا قارىغاندا مەكتەپ تىلىدا سۆزلىشىشنى ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋالىدۇ. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، مەكتەپ تىلى ئانا تىلى ئەمەس بالىلار ئانا تىلىنى ناھايىتى تېزلا يوقىتىپ قويىدۇ. يالغۇز مەكتەپتىلا ئەمەس، ئويىدىمۇ ھەم شۇنداق. ئەگەر ئانا تىل مەكتەپ سىرتىدىكى مۇھىتتا كۆپ ئىشلىتىلسە، كىچىك بالىلارنىڭ ئانا تىلنى يوقىتىپ قويۇش دەرىجىسىمۇ تۆۋەنرەك بولىدۇ. ئەمما، ئەگەر ئۆز مىللىتىدىن بولغان كىشىلەر مەكتەپ ئەتراپىدىكى رايوندا توپلىشىپ ياشىمىغان بولسا، بالىلار ئۆز ئانا تىلدا سۆزلىشىشنى مەكتەپكە كىرىپ 2-3 يىل ئۆتكەندىن كېيىنلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بالىلار ئانا تىلىنى چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قالمىسىمۇ، ساۋاقداش ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن مەكتەپ تىلىدا سۆزلىشىدىغان، ئاتا-ئانىسىغا مەكتەپ تىلىدا جاۋاب قايتۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندا بولسا، ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى تىل جەھەتتىكى پەرق بىر ھېسسىي ئازگالغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنداقلا بالىلار ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى چەتكە قاقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

بالىلارنىڭ ئانا تىلنى يوقىتىپ قويۇش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار چوقۇم بىر كۈچلۈك ئائىلە تىل پروگراممىسىنى يولغا قويۇپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلنى ئىشلىتىش پۇرسەتلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ بېرىشى كېرەك. مەسىلەن، ئۆي ئىچىدە پۈتۈنلەي ئانا تىلدا سۆزلىشىش، ئانا تىلدا كىتاب ئوقۇش، ئانا تىلدا ماقالە يېزىش، ۋە ئەسلى يۇرتىغا بېرىپ تۇغقان يوقلاش قاتارلىقلار. بۇ جەھەتتە ئوقۇتقۇچىلارمۇ ناھايىتى چوڭ رول ئوينىيالايدۇ. مەسىلەن، ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا بىر تىلنى ئارتۇق بىلىشنىڭ ئىنتايىن پايدىلىق ئىش ئىكەنلىكىنى، قوش تىللىق بولۇش تىل ۋە ئەقىل جەھەتتىكى بىر چوڭ نەتىجە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلسا بولىدۇ.

[6] مەكتەپتە بالىلارنىڭ ئانا تىلىنى تاشلىۋېتىش بالىلارنى تاشلىۋەتكەنلىك بىلەن باراۋەر. ئەگەر مەكتەپ ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا بالىلارغا «ئۆز تىلىڭ بىلەن ئۆز مەدەنىيىتىڭنى مەكتەپ ئىچىگە ئەكىرمە» دېگەندەك سىگنالدىن بىرنى بېرىدىكەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنىڭ مەركىزىي قىسمىنىمۇ مەكتەپ ئىچىگە ئەكىرمەيدۇ. ئۇلاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاشلىۋېتىلىش ھېسسىياتى پەيدا بولسا، ئۇلارنىڭ دەرس ئاڭلاشتىكى ئاكتىپلىقى بىلەن ئىشەنچىمۇ زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى كىملىكىنى پاسسىپ ھالدا قوبۇل قىلسا يېتەرلىك ئەمەس. ئۇلار چوقۇم تەشەببۇسكار بولۇپ، بالىلارنىڭ تىل جەھەتتىكى كىملىكىنى ئەتراپ قىلىشى كېرەك. مەسىلەن، مەكتەپ ئىچى ۋە مەكتەپ ئەتراپىغا بالىلارنىڭ ئانا تىلىدا يېزىلغان تەشۋىقات قەغەزلىرىنى چاپلاش، ئۇلارنى بىر قىسىم ماقالىلەرنى ئانا تىلىدا يېزىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيىتى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان ۋە مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان سىنىپ مۇھىتىنى بەرپا قىلىش قاتارلىقلار.

قىسقىسى، بالىلارنىڭ ئوي ئىچىدە توپلىغان ئانا تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەجرىبىلىرى ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى بىلىم ئىگىلەش پائالىيىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ، بىز ئۇ ئاساسلارنى ھەرگىزمۇ ئاجىزلاشتۇرماسلىقىمىز، ئەكسىچە ئۇلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا ھەر بىر بالىنىڭ مەكتەپ ئىچىدە ئۆز تالانتىنى تونۇتۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى بار بولۇپ، مەكتەپ ئىچىدە بۇنداق ھوقۇق چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك.



4. بالىلارغا ئىككىنچى تىلنى ئۆگىتىشنى قانچە ياشتىن باشلىسا ئەڭ مۇۋاپىق؟


مەن كۆرگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەخسۇس تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدىكى پەننىي نەزەرىيىلەرنى توپلىغاندىن كېيىن، بۇ نەزەرىيىۋى ماتېرىياللارنى ھەر بىر شەھەرنىڭ مائارىپنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا تارقىتىپ بەرگەن. بالىلارغا قايسى تىلنى ئىككىنچى تىل قىلىپ ئۆتۈش، ئىككىنچى تىلنى قانچە ياشتىن باشلاپ ئۆتۈش، ۋە ئۇنى قانداق ئۇسۇل بىلەن ئۆتۈشنى ھەر بىر شەھەردىكى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن مەكتەپ بىرلىشىپ قارار قىلغان.

مەن كۆرگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ بالىلارغا چەت ئەل تىلى ئۆگىتىشتىكى ئەھۋالى مۇنداق ئىكەن:

كۆپىنچە ئەھۋالدا، بالىلارغا بىر چەت ئەل تىلىنى ئۆگىتىشنى باشلانغۇچ 4-سىنىپتىن باشلايدىكەن. ئىككىنچى تىل ئۆگىتىشنى 6-سىنىپتا باشلىغان مەكتەپلەرمۇ بار ئىكەن. بەزى مەكتەپلەر چەت ئەل تىلى، بولۇپمۇ ئىسپانىيە تىلى ئۆگىتىشنى باشلانغۇچ 1-سىنىپتىن باشلىغان بولسىمۇ، دەرس مىقدارى ئىنتايىن ئاز، مەسىلەن، ھەر ھەپتىسى 15 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە ئىكەن. ئامېرىكىدا مېكسىكىلىقلارنىڭ نوپۇس سانى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ كالىفورنىيىدىكى نوپۇس نىسبىتى 50 پىرسەنتتىن ئاشىدۇ. شۇڭلاشقا ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن مەكتەپلەر ئىسپانىيە تىلىنى بىرىنچى چەت ئەل تىلى قىلىپ تاللايدۇ.
مېكسىكىدىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن بالىلارغا ئاچقان مەخسۇس سىنىپلار بار بولۇپ، ئۇلار باشلانغۇچ 4-سىنىپىغا كىرگىچە ھەممە دەرسلەرنى ئىسپانىيە تىلىدا ئۆگىنىدىكەن.
ھازىرغىچە بايقالغان ئىلمىي نەزەرىيىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر بىر بالا 10 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن بىر چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىشنى باشلىسا، ئاشۇ تىلدا شۇ تىلنى ئانا تىل قىلغان مىللەت ئادەملىرىدەك سەۋىيىگە يېتەلەيدىكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىلارنىڭ بىر چەت ئەل تىلىدا تولۇق ساۋات چىقىرىشىغا 4 يىلدىن 6 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدىكەن. دېمەك، ئەگەر بالىلار باشلانغۇچ 4-سىنىپتىن (يەنى 9 ياشقا كىرگەندىن) باشلاپ ئىككىنچى تىلنى ئۆگىنىشنى باشلىسا، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگۈچە ئۇ تىلدىن تولۇق ساۋاتىنى چىقىرىپ بولالايدىكەن.
دېمەك، ئەگەر ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئامېرىكىدىكى بىلەن ئوخشاش ئىش تۇتسا، ئۇيغۇر بالىلىرى ئانا تىلدا ئوقۇپ، تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە خەنزۇچىدە ساۋاتلىق بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە ئىنگلىز تىلىدىكى ساۋاتىنىمۇ خېلى بىر يەرگە ئاپىرالىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن.



5. ئانا تىلنىڭ تەقدىرى ئۆزىڭىزنىڭ قولىدا

ئامېرىكىغا 1953-يىلىدىن 61-يىلىغىچە پرېزىدېنت بولغان Dwight Eisenhower ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «ئەركىن ئادەملەرنىڭ تارىخى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي يېزىلىپ قالغان ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۇلار ئۆزلىرى تاللىغان يول ئارقىلىق ئاشۇنداق يېزىلغان.»

«ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى» دېگەن كىتابنى يازغان ستەۋەن كوۋەي («Stephen Covey») ئەپەندى ئۇ كىتابتىن كېيىن «سەككىزىنچى ئادەت: ئۈنۈملىكتىن ئۇلۇغلۇققىچە» دېگەن ماۋزۇدا يەنە بىر كىتاب يازغان بولۇپ، ئاشۇ كىتابنىڭ 4-بابىدا مۇنداق دەيدۇ: «يېرىم ئەسىرنىڭ مابەينىدە، مەن پۈتۈن دۇنيادا مۇشۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئوخشاش مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى نۇرغۇن ئوخشىمىغان شەكىلدە ئۇچراتتىم. ئەگەر سىز مەندىن كىشىلەرگە ئەڭ زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر ئاساسىي ئىدىيە، بىر ئاساسىي تېما، بىر ئاساسىي نۇقتا نېمە، دەپ سورىسىڭىز، سىز مەندىن كىشىلەرنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ياڭرايدىغان بىر ئۇلۇغ ئىدەئال نېمە، دەپ سورىسىڭىز، سىز مەندىن ئەڭ ئەمىلى، ئەڭ قىممىتى بار، دەۋرگە ئەڭ مۇۋاپىق، شارائىت بىلەن ئەڭ مۇناسىۋەتسىز بولغان بىر ئىدەئال نېمە، دەپ سورىسىڭىز، مەن قىلچە ئىككىلەنمەي، كۆڭلۈم بىلەن قەلبىمدە چوڭقۇر قايىل بولغان ھالدا، ۋە ناھايىتى تېزلا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىمەن: بىزنىڭ تاللاش ئەركىنلىكىمىز بار. سىزنىڭ تاللاش قابىلىيىتىڭىز سىزنىڭ پەقەت جېنىڭىزدىنلا كېيىن تۇرىدىغان ئەڭ ئۇلۇغ تۇغما تالانتىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قابىلىيەت بىلەن ئەركىنلىك ھازىرقى جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان باشقىلارنىڭ قۇربانى بولۇش تۇيغۇسى بىلەن باشقىلارغا دۆڭگەش مەدەنىيىتىگە روشەن سېلىشتۇرما بولغان ھالدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. تۈپ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز تاللاشنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، تەبىئىي كۈچ (گېن) ياكى تەربىيىلەش (بېقىپ چوڭ قىلىش، مۇھىت) نىڭ مەھسۇلاتى ئەمەس. ئەلۋەتتە، گېن بىلەن مەدەنىيەت كىشىلەرنىڭ قانداق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ قانداق ئۆسۈپ يېتىلىشىنى بەلگىلىمەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ بىر تۈپ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار ئۆز ھاياتىنى قايسى تەرەپكە ئېلىپ مېڭىشنى ئۆزى بەلگىلىيەلەيدۇ. ئىنسانلار ئۆز ئالدىغا ئىش ئېلىپ بارالايدۇ، ئەمما ھايۋانلار بىلەن ماشىنا ئادەملەر پەقەت ئىنكاس قايتۇرۇش تەرىقىسىدىلا ئىش ئېلىپ بارالايدۇ. ئىنسانلار ئۆزىنىڭ قىممەت كۆز-قارىشى ئاساسىدا ئۆز يولىنى ئۆزى تاللىيالايدۇ. سىز ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ يۆنىلىشىنى تاللاش قابىلىيىتىڭىز ئارقىلىق باشقىدىن بىر يېڭى ئادەم بولۇپ چىقالايسىز، كەلگۈسىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز، ھەمدە باشقا ئادەملەرگە كۈچلۈك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلەيسىز. سىز مۇشۇ بىر تۇغما تالانتىڭىز ئارقىلىق باشقا بارلىق تالانتلىرىڭىزدىن پايدىلىنالايسىز. سىز مۇشۇ بىر تۇغما تالانتىڭىز ئارقىلىق ئۆز ھاياتىڭىزنى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرەلەيسىز.»

ئانا تىلنى قوغداش ئىشىدا ھەر بىر ئادەم ئۆينىڭ سىرتىدا نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا مەن ئۇشبۇ يازمىنىڭ باشقا قىسىملىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە توختالدىم. شۇڭا بۇ يەردە مەن ھەر بىر ئادەم ئۆز ئائىلىسى دائىرىسىدە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن. ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتى لوس ئانژېلىس شەھەر رايونىدىكى دىئامېتىرى 250 كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرە ئىچىدە جەمئىي 18 ئائىلە ئۇيغۇر بار. بۇنىڭدىن تەخمىنەن ئىككى يىل بۇرۇن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كىچىك بالىلىرى بار تۆت ئائىلە بىرلىشىپ، 7-8 ئوقۇغۇچىسى بار بىر ئۇيغۇر تىلى سىنىپى تەشكىللىدى. بۇ تۆت ئائىلە ئولتۇراقلاشقان رايوننىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن 45 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇلار ھەر يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 12 گىچە نۆۋەتلىشىپ بىرسىنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ، بالىلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس ئۆتىدۇ. بۇ دەرسنىڭ ئىشقا ئېشىش نىسبىتى مېنىڭ پەرىزىمچە 95 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي، بالىلارغا پات-پات ھەر خىل مەدەنىيەت پائالىيىتىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ. ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ تىلىنى بۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۆيىگە سىملىق تېلېۋىزور ئورناتماي، بالىلىرىغا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئەكەلدۈرگەن ئۇيغۇرچە VCD لارنىلا قويۇپ بېرىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ بۇ سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ناھايىتى ياخشى چىقتى. بۇ سىنىپ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار بالىسىنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرچە چىقىرالىغان يەردە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار تېخىمۇ شۇنداق قىلالايدۇ. بۇ يەردىكى گەپ ئاشۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قانداق يولنى تاللىشىدا. مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى يازمىسىدا ھەر بىر ئادەمنىڭ رولى بىلەن نىشانى ئۈستىدە ئازراق توختالدىم. مەن ئۇنى بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قوياي: سىزنىڭ ئاتا-ئانا بولۇش ۋە ئۇيغۇر بولۇشتىكى ئەڭ مۇھىم رولىڭىز ۋە نىشانىڭىز نېمە؟ سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئۇيغۇرلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز؟ سىز تۇرۇۋاتقان شەھەر دائىرىسىدە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز؟ سىز تۇرۇۋاتقان يېزا دائىرىسىدە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز؟ سىز ئىشلەۋاتقان مەكتەپ ياكى ئىدارە دائىرىسى ئىچىدە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز؟ ئۆزىڭىزنىڭ ئائىلىسى دائىرىسىدە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز؟ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەقدىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا. ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قايسى تەرەپكە يۈزلىنىشىنى ھەر بىر ئۇيغۇر تاللىغان يول بەلگىلەيدۇ. ئەگەر ئانا تىلىمىز ساقلىنىپ قالسۇن دېسىڭىز، سىز ھازىردىن باشلاپ باشقىلارغا دۆڭگەش ياكى مىللەتنى ئەيىبلەش ئادىتىڭىزنى تاشلاپ، ئانا تىلىمىزنى قوغداپ قېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ئۆزىڭىز قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا تىرىشىپ ياشاڭ. بەزى ئىشلارنى ئۆزىڭىز قىلىڭ. بەزى ئىشلارنى بولسا ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ئەمەل ئەھلىلىرىگە قىلدۇرۇشقا تىرىشىڭ. مېنىڭچە بولغاندا ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىرغىچە يولغا قويۇلغان قوش تىللىق مائارىپ ئەھۋالىنى ھازىر دەرھال بىر قېتىم تەكشۈرۈپ باھالاپ چىقىش كېرەك. ھەمدە كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىش توغرىسىدا بىر قارار ئېلىشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇر دىيارىدا زىيالىيلار ۋە ئەمەل ئەھلىلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئۇلارنى شۋېتسىيە بىلەن ئامېرىكىغا ماڭدۇرۇپ، ئاشۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى، ھەمدە قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدىكى ھازىرقى زامان نەزەرىيىۋى بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ كېلىشى كېرەك. قارارلارنى شۇنىڭدىن كېيىن چىقىرىش، سىياسەتلەرنى شۇنىڭدىن كېيىن تىزىش كېرەك. مانا بۇ ھەقىقىي تەرەققىياتنى كۆزلەيدىغان كىشىلەر تۇتىدىغان يوللارنىڭ بىرى. ئىلمىي ئۇسۇللارنىڭ بىرى.



6. ئاخىرقى سۆز

مەن ئۇشبۇ يازمامنىڭ ئەڭ بەشىدە تەسۋىرلىگەن، بىر ناھىيە دەرىجىلىك ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 3- ياكى 4-يىللىققا چىقمىغۇچە ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ئۆتۈلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ھازىر بولۇۋاتقان راست ئىش، دەپ ئويلايمەن. لېكىن، ئۇ ھازىر قانچىلىك ئومۇملاشتى، ئۇنىسى ماڭا ئېنىق ئەمەس. بۇنى بىلىدىغانلار بولسا Bilik.cn دىكى ئۇشبۇ يازمىنىڭ ئاخىرىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويغان بولساڭلار. ئومۇملىشىش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇنداق مائارىپ پروگراممىسى پۈتۈنلەي خاتا. پروفېسسور «Jim Cummins» بىر كىتاب قىلىپ يېزىپ چىققان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكىدىكى كۆپ سانلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەر قوبۇل قىلغان قوش تىللىق مائارىپ نەزەرىيىسى بۇيىچە قارىغاندا، بۇنداق پروگرام پۈتۈنلەي خاتا. مېنىڭ پەرىزىمچە، مۇشۇنداق سىياسەتنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەمەل ئىگىلىرىنى ئاساس قىلغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بىر يەرگە يىغىلىپ تۈزۈپ چىققان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقى مۇقەررەر. بۇ ئىشلارنى ئېنىقراق بىلىدىغان تورداشلارنىڭمۇ بىلىدىغىنىنى بىزگە دەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرىگە كۆڭۈل بولىدىغان ۋە ئۇنىڭغا كۆيۈنىدىغان، ئۆزىنىڭ ۋىجدانى قەرزى بىلەن تارىخىي بۇرچىنى ئەتراپ قىلىدىغان ھەر بىر ئادەم ئۆز-ئۆزىدىن، ئۆز باشلىقلىرىدىن، ھەمدە باشلىقىنىڭ باشلىقىدىن مۇنداق سوئاللارنى سوراپ بېقىشى كېرەك:
بۇ سىياسەت قانداق مەيدانغا كەلگەن؟
ئۇنىڭ مەقسىتى نېمە؟
ئەگەر مەقسەت تەرەققىيات بولسا، تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىش كۆرۈش كېرەكتىغۇ؟
ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ سىياسەتنىڭ ئىلمىي ئاساسى نېمە؟ ئۇ ئىلمىي ئاساسلارنى كىم تەمىنلىگەن؟
ئۇيغۇرلار ئىچىدە مائارىپشۇناسلار ۋە بالىلار پسىخولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىدىن قانچىسى بار؟ (ھەكىمە ئەرشىدىن ھەدىمىز ئەنگلىيىدە مائارىپشۇناسلىق ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تاشقى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مەسئۇللۇق ۋەزىپىسى بېرىلىپتىكەن.) ئۇلارنىڭ ئىچىدە جۇڭگودا تونۇلغان ۋە دۇنيادا تونۇلغانلىرىدىن قانچىسى بار؟
سىزنىڭ پەرزەنتىڭىزنىڭ قانداق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھېچ كىم سىز كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. مىللىتىڭىزنىڭ تەقدىرىگە باشقا مىللەتلەر ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزدەك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ «ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە» دېگەن يازمىسىدا دۇنيادا ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يىراقنى توغرا كۆرەلەيدىغان، كەلگۈسىنى توغرا مۆلچەرلىيەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، يىراقنى توغرا كۆرەلىگەنلەر ياخشى نەتىجە يارىتىدىغانلىقىنى، يىراقنى خاتا كۆرگەنلەر يامان ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدىم. يىراقنى توغرا كۆرۈش ئۈچۈن چوقۇم بىر ئېگىز پەللىگە چىقىش كېرەك. بۇ قانداق ئېگىز پەللە بىلەمسىز؟ ئۇ ئىلىم-پەننىڭ ئېگىز پەللىسىدىن ئىبارەتتۇر. جۇڭگودىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئەمەل ئەھلى بولۇش بىلىم ئەھلى بولۇشتىن جىق ئاسان. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىلىم ئەھلىنىڭ ئەمەل ئەھلى بولالىشى، ھەمدە شۇنداق بولالىغاندىمۇ ئۆز ئەمىلىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قالالىشى ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سىياسەت تۈزۈشكە ئوخشاش چوڭ ئىشلارغا ھەممە ئۇيغۇر كۆڭۈل بولۇشى كېرەك. بۇنداق سىياسەتكە ئىلمىي ئاساس بولىدىغان نەرسىلەر ئۇيغۇر دىيارىدا ياكى جۇڭگودا تېپىلمىسا، ئۇلارنى چەت ئەلدىن كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. مەن ئۇشبۇ يازمامدا ئاشۇنداق ئىلمىي ئاساسلاردىن بىر قىسمىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. ئەگەر سىز شۇنداق قىلمىسىڭىز، ئاشۇنداق ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىش كۆرمىسىڭىز، سىز چوقۇم زاۋاللىققا يول تۇتىسىز. چوقۇم مەغلۇپ بولىسىز. بۇ ئىنسان تارىخى تەكرار-تەكرارلاپ ئىسپاتلاپ چىققان بىر ھەقىقەت. بۇ ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن مېنىڭچە بىرەر چوڭ بەدەل تۆلەش كەتمەيدۇ. دۆلەتلىك ۋە يەرلىك قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ ئىچىدە تۇرۇپمۇ قىلغىلى بولىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار. بۇ يەردىكى گەپ سىزنىڭ ئاشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ سىناپ بېقىشنى خالاش-خالىماسلىقىڭىزدا. سىزنىڭ ئاشۇنداق بىر يولنى تاللاش-تاللىماسلىقىڭىزدا. ياۋاش ئادەمنى تاپقاندا ئۇنى ھەممە ئادەمنىڭ بوزەك قىلغۇسى كېلىدۇ. بۇ ئەھۋال دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئوخشاش. مەن كىچىك ۋاقتىمدا داۋاملىق تۈردە ماۋ زېدۇڭنىڭ «قەيەردە زۇلۇم بولسا شۇ يەردە قارشىلىق بولىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئاڭلايتتىم. ئۇيغۇرلاردا «ئۆز تەقدىرىڭنى ئۆز ئالىقىنىڭغا ئال» دېگەنگە ئوخشاش بىر گەپمۇ بار. بۇ سۆزلەر نورمال ئىنساندەك ياشايدىغان ئادەملەرگە قارىتىلغان. مېنىڭچە ھازىر ئۇيغۇرلارغا نورمال ئىنساندەك ياشايدىغان، ھېچ بولمىغاندا قانۇن سىزىقىنىڭ سىرتىغا چىقماي تۇرۇپ نورمال ئىنساندەك ياشاشقا ئۇرۇنۇپ باقىدىغان ۋاقىت كەلدى. مەن بۇرۇنمۇ ئېيتىپ ئەتكەندەك، ئەگەر سىز بىر ئىشنى قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقمىسىڭىز، ئۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىش ئېھتىماللىقى نۆل بولىدۇ. بۇ گەپنى ھەرگىز ئىسىڭىزدىن چىقارماڭ. ھازىر ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئاشۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلىۋاتقانلارنىڭ سانى بىر قەدەر ئاز، ئۇنىڭ ئەكسىچە باشقىلارغا ياخشى-يامان ئادەم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر خۇشامەتچىلىك، تەخسىكەشلىك قىلىپ ياشايدىغانلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، توغرا يولنى تۇتقانلار، قانۇن بويىچە ئىش قىلغانلار يالغۇز قېلىپ، ئاسانلا زەربە بېرىش ئوبيېكتى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. خاتا يولنى تۇتقانلار بولسا قانات ئاستىغا ئېلىنىۋاتىدۇ. بۇمۇ بىر پۈتۈنلەي خاتا يۈزلىنىش بولۇپ، بۇنداق يۈزلىنىشنى پۈتۈنلەي توسۇش كېرەك. يامان ئىللەتلەرنى يوقاتمىغۇچە، ياخشى ئىللەتلەر باش كۆتۈرەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا مىللەتنىڭ ئەھۋالىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش پەيدا قىلىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم ئالدى بىلەن قانۇن بويىچە توغرا ئىش قىلغانلارنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە رىغبەتلەندۈرىدىغان، قانۇنغا خىلاپ ھالدا تەخسىكەشلىك قىلىپ جان باقىدىغانلارغا زەربە ۋە جازا بېرىدىغان بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

ئوتكەن ئايدا، يەنى 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، مېنىڭ ئون نەچچە يىللىق يەھۇدىي تونۇشۇم ئالېكس ئۆزى ھازىر تۇرۇۋاتقان فلورىدا شتاتىدىن لوس ئانژېلىسقا كەلگەندە، بىر دوستىنى باشلاپ بىزنىڭ ئوينى يوقلاپ كەلدى. شۇ چاغدا مەن پاراڭلار ئارا ئۇنىڭدىن مۇنداق بىر سوئال سورۇدۇم: «سىلەر يەھۇدىيلار بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن ئەھۋاللارغا دۇچار بولغان بىر قانچە مىڭ يىل جەريانىدا ئۆزۈڭلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالىدىڭلار. بۈگۈنكى كۈندە بولسا دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ چىقتىڭلار. ئەگەر ئۇيغۇرلار سىلەرنىڭ تەجرىبەڭلارنى ئۆگەنمەكچى بولسا، سېنىڭچە قانداق تەجرىبەڭلارنى ئۆگىنىشى كېرەك؟» ئالېكس ماڭا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى (ئۇنىڭ سۆزىنى ئەينەن خاتىرىلىۋالمىغان بولغاچقا، پەقەت ئاساسى مەزمۇنىلا يازىمەن): «يەھۇدىينىڭ ئەرلىرى يۈزدە-يۈز پىرسەنت ساۋاتلىق بولغىلى ئۈچ مىڭ يىلدىن ئاشتى. بۇ ئىش بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدا ئاساسلىق رول ئوينىدى. مائارىپنى چىڭ تۇتقانلىقى، ھەمدە قاتتىق تىرىشچان بولغانلىقى ئۈچۈن، ھازىرغىچە بېرىلگەن بارلىق نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئىچىدىكى ئۈچتىن بىر قىسمىنى يەھۇدىيلار ئالدى. بىر بالىنىڭ كەلگۈسىدە قايسى دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالىشى 60 پىرسەنتتىن 70 پىرسەنتكىچە بولغان ۋاقىتتا ئاشۇ بالىنىڭ ئانىسىغا باغلىق. يەھۇدىي ئانىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئۆز پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلەش بولۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنگىچە ساقلىنىپ تۇرالىشى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكىدەك تەرەققىي قىلالىشىدا يەھۇدىي ئانىلارنىڭ ئوينىغان رولى ئىنتايىن چوڭ. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلار بىزدىن دورايمىز دەيدىكەن، ئىشنى چوقۇم مائارىپتىن باشلىشى، مائارىپنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.» دېمەك، ئالېكس نىڭ جاۋابىغا ئاساسلانغاندا، مىللىي مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىش ۋە بىر مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مائارىپ بىلەن تىرىشچانلىقتىن ئىبارەت ئىككى نەرسىگە تايىنىش كېرەك ئىكەن. مەن يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكىنىمدەك، بىر مىللەتنىڭ مائارىپ سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشىدا ئاشۇ مىللەتنىڭ ئانا تىلى ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ. مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار ئۈچۈن ئانا تىلنى ئۆگىنىدىغان ئىككى ئورۇن بار. ئۇنىڭ بىرسى مەكتەپ، يەنە بىرسى ئۆي ۋە ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى ماكان. بالىلارغا ئانا تىلنى ئۆگىتىشتە مەكتەپ قانداق يول تۇتسا توغرا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يۇقىرىدا جىق توختالدىم. بالىغا ئۆيدە ئانا تىلنى ئۆگىتىش جەھەتتە ئانا ئوينايدىغان رول ئەڭ چوڭ. ئۇنىڭدىن قالسا دادا، قېرىنداشلار، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە خولۇم-خوشنىلار قاتارلىقلارمۇ بار. بۇ ئىشتا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق بۇرچى بار. شۇڭا ئۇ بۇرچىڭىزنى ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالماڭ. ئەگەر سىز بىر بالىنىڭ ئاپىسى ياكى دادىسى بولسىڭىز، سىزنىڭ بالىڭىزغا ئاجراتقان ۋاقتىڭىز سىزنىڭ بالىڭىز ئۈچۈن سالغان مەبلىغىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مەبلەغنى كۆپرەك سالسىڭىز، مول-ھۇسۇلنىمۇ كۆپرەك ئالىسىز. ئەگەر ھېچ قانداق مەبلەغ سالمىسىڭىز، ھېچ نېمىگە ئېرىشەلمەيسىز. سىز بالىڭىزغا ئانا تىلنى ئۆگىتىشتە مەكتەپ ئىچىدە بەزىبىر چەكلىمىلەرگە ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن ئۆي ئىچىدە ئۇنداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايسىز. ئوي ئىچىدە بالىڭىزنى قانداق تەربىيىلىسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. شۇڭلاشقا مەن يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان، باشلانغۇچتا بالىلارغا ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆتۈش ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇش بىلەن بىرگە، بالىڭىزنىڭ ئوي ئىچىدىكى ۋە ئوي ئەتراپىدىكى ئانا تىل تەربىيىسىنىمۇ چىڭ تۇتۇڭ. بۇنى سىز ھەم بالىڭىز ئۈچۈن قىلىسىز، ھەم مىللەت ئۈچۈن قىلىسىز.


مەن بۇ يازمامنى دوكتۇر ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىينىڭ تۆۋەندىكى بىر ئابزاس سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن: «بىزنىڭچە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر مىللەت بولۇپ تۇرۇش سالاھىيىتىلا بولىدىكەن، ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى مۇقەددەس ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا ھەرگىزمۇ يۈزلەنمەيدۇ، بۇ بىر تەرەپ، يەنە بىر تەرەپتىن، سىز-بىز ئۆزىمىزنى "مەن ئۇيغۇرمەن" دەپ مەيدىمىزگە مۇشتلاپ يۈرگەنىكەنمىز، تىرىكلا بولساق ئۇيغۇر تىلىنى تۇرمۇشىمىزدىكى مۇقەددەس ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا ھەرگىزمۇ يۈزلەندۈرمەيمىز: بىزچە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش دېمەك ئۇيغۇر مىللىتىنى قوغداش دېمەكتۇر، ئەڭ مۇھىمى، ئۇيغۇرنى، ئۇيغۇر تىلىنى مەۋجۇتلۇق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش بىزنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي ھەققىمىزدۇركى، بۇ ھەققىمىزنى قوغداش ئۈچۈن، گېزى كەلسە ھېچ ئىككىلەنمەي جېنىمىزنى پىدا قىلىمىز!»
]ئەركىن سىدىق[

تەھرىرلىگۈچى: ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى ( http://www.orkhun.com ) دىن ياۋۇز.

ئەسكەرتىش:
[1] بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.
[2] ئەگەر بۇ يازمىدىكى تور بەت ئۇلانمىلىرى ئىشلىمەي قالسا، سىز مەرىپەت تور بېتى www.meripet.com نىڭ ئەڭ ئاستىدىكى "ئەركىن سىدىق يازمىلىرى" دېگەن سەھىپىگە كىرىپ، مېنىڭ مۇشۇ يازمامنىڭ لاتىن يېزىقى نۇسخىسىنى ئاچسىڭىز، ئۇنىڭدىكى تور بەت ئۇلانمىلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا ئىشلەيدۇ.

PostHeaderIcon ئۇيغۇر يېزىقى پەقەت بىرلا, ئانا تىل


ئۇيغۇر يېزىقى پەقەت بىرلا

كۆپ يەردە «كونا يېزىق» دېگەن سۆزنى ئۇچراتتىم. «كونا يېزىق» دېگەن ئاتالغۇ 60-70-يىللاردا ئىشلىتىلگەن «يېڭى يېزىق» قا ئاساسەن قويۇلغان نام. 80-يىلدىن باشلاپ بۇ يېزىق ئەمەلدىن قالغان. «يېڭى يېزىق» ئەمەلدىن قالغان ئىكەن «كونا يېزىق» تىكى «كونا» دېگەن سۆزمۇ ئەمەلدىن قېلىشى كېرەك. «كونا» نى 21-ئەسىردىمۇ سۆرەپ يۈرۈيمىزمۇ؟!
كونا يېزىق دەپ ئاتىساق، يەنە بىر «يېڭى يېزىق» نىڭ بارلىقىنى ئېتراپ قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقى دېسە ھەر قانداق ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان يېزىق كېلىدۇ. ئۇنىڭغا زورلاپ «كونا» نى قوشۇۋېلىش ئارتۇقچە.
ئۇيغۇرنىڭ بىرلا يېزىقى بار دېسەم، مەلۇم بىرەيلەن سابىق سوۋېت ئىتتپاقىدىكى ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن سىلاۋيان يېزىقىنى كۆرسىتىپ، «ئەمسە ماۋۇ قايسى يېزىق؟» دەيدۇ. ئۇ سىلاۋيان يېزىقى، ئۇيغۇر يېزىقى ئەمەس. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار سىلاۋيان يېزىقى ئىشلەتسە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئېنگىلىز يېزىقىنى ئىشلەتسە، ئۇنداقتا ماۋۇ جۇڭگودا تۇرغان ئۇيغۇرلار خەنزۇ يېزىقىنى ئىشلىتىمىزمۇ؟
تېررىتورىيىلىك مۇھىتنىڭ، دەۋرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشىمىغان يېزىق ئىشلىتىش مەدەنىيەتنىڭ چېكىنىشىدىن، بۆلگۈنچىلىكتىن باشقا ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ.
ئەلۋەتتە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىسەن دەپ مەجبۇرلىيالمايمىز، لېكىن تەشەببۇس قىلىمىز. ئۇيغۇر يېزىقى غول لىنىيە. قالغان ULY, UKY, USY, UYY دېگەنلەر ئۇيغۇر يېزىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى،بارا-بارا ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كېتىشى كېرەك.
ئۇيغۇر ئېدىت، يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ ۋە ياكى تور يۈزى تەھرىرلىگۈچلىرىدە بىرلا بۇيرۇق بىلەن ULY, UKY, USY, UYY لارنى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاساسى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» ئەمەلدىن قالمىغانلا بولسا ئۇيغۇر تىلى ھازىرمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت تىلى.
تىل-يېزىق كومېتىتىمۇ «ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىنچە ئىپادىلەش لاھىيسى» نى ئېلان قىلدى. دىققەت: ئۇيغۇر لاتىن «يېزىقى» ئەمەس، «لاھىيسى» نى ئېلان قىلدى. ئۇ خەنزۇچىدىكى پىنيىنغا ئوخشاش ئۇيغۇر يېزىقى ئۈچۈن قوشۇمچە رول ئوينايدۇ، خالاس.




ماۋۇنىڭغا ئوخشاش دۇنياۋى تور بېكەت گوگۇلدىمۇ ئۇيغۇر تىلىنى تاللاپ قويساق مۇشۇ ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆرۈندۇ.
شۇڭا دەيمەن ئۇيغۇرنىڭ يېزىقى پەقەت ۋە پەقەت بىرلا. ئۇ بولسىمۇ كۆز ئالدىڭىزدىكى مۇشۇ يېزىق.
onsdag 1 juli 2009

PostHeaderIcon بۈيۈك ئۇيغۇر ئېمپىراتورلىقى

بۈيۈك ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى __ قۇياش ئېمپىرىيىسى مۇغا تەۋە ئەڭ چوڭ مۇستەملىكە خاراكتىرلىك ئېمپىرىيە بولۇپ، دۇنيادا تونۇلغان ئېمپىرىيىلەر ئىچىدە مۇدىن قالسىلا ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسىدىن چوڭ ئېمپىرىيە يوق ئىدى.
ئۇيغۇر ئېمپىريىسىنىڭ شەرقىي چېگرىسى تىنچ ئوكيانغا، غەربىي چېگرىسى ھازىرقى روسىيەنىڭ موسكۋا شەھىرى جايلاشقان زېمىننى بويلاپ، ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، يىراقلارغا سوزۇلۇپ ئاتلانتىك ئوكيانغا تۇتاشقان ئىدى. شىمالىي چېگرىسىغا ئائىت خاتىرىلەر يوق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ شىمالىي چېگرىسىنى شىمالىي مۇز ئوكيانغا تۇتاشقان دەپ پەرەز قىلىش مۈمكىن. جەنۇبىي چېگرىسى بولسا ھىندىچىنى، بېرما، ھىندىستان ۋە پېرسىيەنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئۇيغۇر تارىخى دىمەكلىك __ ئارىئانلارنىڭ تارىخى دىمەكتۇر. چۈنكى بارلىق ئارىئانلار ھەقىقى ئارىئان ئېرقىدىكىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ياۋروپانىڭ مەركىزىنى بويلاپ ماكانلاشقان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىلىنىش تارىخىنى تاكى ئۈچۈنچى ئېرا دەۋرىگىچە سوزۇش مۈمكىن. ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن غايەت دەھشەتلىك يەر پوستى ئۆزگىرىشى ۋە تاغلارنىڭ كۆتۈرۈلۈپ چىقىشى نەتىجىسىدە ئېمپىرىيە ۋەيران بولغان بولسىمۇ لېكىن بۇ ئاپەتلەردىن ئامان قالغانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ياۋروپادا قايتىدىن ئاھالە بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇ پېلىستوسىن دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. سىلاۋىيانلار، تيوتنلار، كېلىتلار، ئېرلاندلار، بېرتونلار ۋە باسكلار ئۇيغۇرلاردىن پەيدا بولغان مىللەتلەردۇر. بېرتونلار بىلەن باسىكلار ۋە ھەقىقى ئېرلاندلار ئۈچۈنچى ئېرا دەۋرىدە ياۋروپاغا كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن تارقالغان خەلقلەردۇر ھەم بۇلار دەل ھېلىقى يەر پوستى ئۆزگىرىشى ۋە تاغلار ئۆزگىرىش ھەركىتىدە ئامان قالغانلاردۇر.
يەر پوستى ھەركىتى ۋە تاغلار كۆتۈرۈلۈپ چىقىشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى گۈللەپ ياشنىغان ھېلىقى دەۋرلەردە ھەزىرقى گوبى چۆللۈكى سۈيى ئەلۋەك مۇنبەت تۈزلەڭلىك ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايدىكى پايتەختى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، 1896- يىلى تىبەتتىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن قەدىمقى شەھەر قارا خوتۇنى زىيارەت قىلغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى مۇشۇ قارا خوتۇ شەھىرىنىڭ ئاستىدا بولۇشى مۈمكىن دەپ قىياس قىلىشىپ بۇ خارابىلىقنى قېزىشنى باشلىۋەتكەن ۋە 40 فۇت قېلىنلىقتىكى قورام تاش قاتلىمى، شالغۇم ۋە قۇم قاتلاملىرىدىن ئۆتۈپ قەدىمقى پايتەخت شەھەرنىڭ خارابىسىنى تاپقان ھەمدە نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئېرىشكەن. لېكىن شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ قېزىش راسخوتى تۈگەپ كەتكەنلىكتىن بۇ ئارخېئولوگىيە پائالىيىتىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان ھەم بۇ قېتىمقى ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشنى روسىيەلىك داڭلىق ئارخېئولوگ كوزلوفقا ئېيتقان. كېيىن كوزلوف بىر ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتىنى باشلاپ ئۇلارنىڭ قارا خوتۇدىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان ۋە ئۆزىنىڭ روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئۆزىنىڭ بۇ شەھەردىكى ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا: غايىپ بولغان قۇرۇقلۇق مۇنى باش ئەگدۈردۈم __ دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
شەرقتىكى ئەللەردە كەڭ تارقالغان رىۋايەتلەردە : < پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن ھىمالايا تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئورنى بىر زامانلاردا مۇنبەت تېرىلغۇ يەرلەر، ئورمانلىقلار، كۆل ۋە دەريالار بىلەن تولغان بىپايان تۈزلەڭلىك ئىدى. ئۇ جايلاردىكى كەڭ ھەم تۈپتۈز يوللار چوڭ - كىچىك شەھەر بازارلارنى بىربىرىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى. بۇ كاتتا شەھەرلەردە ھەيۋەتلىك ئىبادەتخانىلار ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئورۇنلىرى، ھۆكۈمرانلارنىڭ سۈرلۈك ئوردا قەسىرلىرى بار ئىدى > دىيىلگەن. ھازىرمۇ گوبى چۆللۈكىدىكى ھېلىقى توپان سۈيىنىڭ يالاپ قوراملىققا ئايلاندۇرىۋېتىشىدىن ئامان قالغان تۇپراق قاتلاملىق قىسىملىرىدا قۇرۇپ كەتكەن دەريالارنىڭ قىنى، قاناللار ۋە كۆللەرنىڭ ئىزنالىرى ئوچۇق كۆزگە تاشلىنىدۇ. گوبى چۆللۈكىنىڭ بىرقانچە جايلىرىدا ھېلىقى توپان سۈيى يالاپ كەتكەن دائىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

ھازىرغىچە يېتىپ كەلگەن تارىخلار بىزگە ئۇيغۇرلارنىڭ قۇدرەت تاپقان ھېلىقى دەۋرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. تەلىيىمىزگە يارىشا بىز بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەرگە مۇھتاج ئەمەس، تىبەتلەرنىڭ بىر ئىبادەتخانىسىدا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان نائاكال خانلىقىغا ئائىت يازما خاتىرىلەر ساقلانغان. مەن ئۇنىڭدىكى < 70000 يىللار ئىلگىرى نائاكاللىقلار ئۆز ۋەتىنى ھەققىدىكى مۇقەددەس يازمىلارنىڭ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختىگە يوللىنى > دىگەن نەقىلنى ئالساملا كۇپايە. رىۋايەت تۈسىنى ئالغان نەقىللەر نامەلۇم يۇرتلاردىن ئاسىياغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ باشتا ھازىرقى سېرىق دېڭىز ساھىلىغا كېلىپ ماكانلاشقانلىقىدىن مەلۇمات بېرىدۇ. < ئۇلار ئۇ جايدىن ئىچكىرىگە قاراپ كېڭەيدى، ئۇلارنىڭ دەسلەپتە يېتىپ بارغان جايى __ تۈز كەتكەن سۇغۇرۇشقا ئەپلىك تۈزلەڭلىك (گوبى) دۇر>. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىگەللەپ كاسپىي دېڭىز بويلىرىغا ۋە ئاندىن كېيىن مەركىزىي ياۋروپانى بېسىپ ئاتلانتىك ئوكيانغا كېڭەيدى.
يازما خاتىرىلەردىن مەلۇم بولىشىچە ئۇيغۇرلار نۇرغۇن كاتتا شەھەرلەرنى بىنا قىلغان بولۇپ ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كېيىن سۇ ئېقىتىپ كەتكەن، بەزىلىرى بولسا گوبى چۆللۈكى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن.
خەنزۇلارنىڭ بەزى خاتىرىلىرىدە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 500- يىللاردىكى تەققى-تۇرقى <قوڭۇر چاچ كۆك كۆز خەلق>، < ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايى ئاق سۈزۈك، قوڭۇر كۆز ۋە قوڭۇر چاچ كېلىدۇ. شىمالدىكى جايلاردا ياشىغانلىرى ئاساسەن كۆك كۆز سېرىق چاچ، جەنۇپتا ياشايدىغانلىرى قارا چاچ قارا كۆز كېلىدۇ > دەپ تەسۋىرلەنگەن.
ئەمدى مەن ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختىنىڭ قاچان نىمە سەۋەپتىن ۋەيران بولغانلىقى، باي مۇنبەت گوبىنىڭ چۆللۈككە ئايلىنىپ كېتىشىدىكى سەۋەپلەر ۋە يەر پوستى تارىخىنىڭ قايسى دەۋرلىرىدە قۇم قاپلىغان گىياھ ئۈنمەس چۆللۈككە ئايلىنىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە توختۇلىمەن.
ئىبادەتخانىلاردا ساقلانغان قەدىمقى خاتىرىلەردە < ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى ۋە ئۇنىڭدا ياشىغۇچى خەلقلەر بۇ ئېمپىرىيىنىڭ شەرقى قىسمىنى تامامەن يالماپ كەتكەن تاشقىندا خانىۋەيران بولۇپ ھالاك بولدى، ئۇنىڭدىن ھىچنەرسە ئامان قالمىدى > دەپ قەيت قىلىنغان. بۇ قەدىمقى خاتىرىلەر گېئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ئاساسىدا ئىسپاتلاندى. قەدىمى پايتەخت شەھەر قارا خوتۇدىكى ئىمارەتلەر باشتىن ئاياق قورام، شالغۇم ۋە قۇم قاتلاملىرى ئاستىدا قالغان. ئەمدى بۇ تاشقىن ئاپىتىنى دۇنيادىكى بارلىق گېئولوگلار ئورتاق ئېتىراپ قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى ئىنجىلدا < توپان بالاسى > دىيىلگەن بۇ تاشقىن ئۆتكەنكى ماگنىتىك شىددەتلىك ئۆزگىرىش دەۋرىدە شىمالىي يېرىم شاردا يۈز بەرگەن.
مەن ئېكىسپىدىتسىيە ئۆمىكى بىلەن بىرگە بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىن تاكى لېنا دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىغىچە بولغان جايلار ۋە شىمالىي مۇز ئوكيان بويىدىكى ئاراللاردا گېئولوگىيەلىك چارلاش ئېلىپ باردىم. بىزنىڭ يول بويى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىمىز بۇنىڭدىن بىرقانچە مىڭ يىللار مۇقەددەم شىددەت بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن مۇز ئارىلاشمىغان دەھشەتلىك سۇ دولقۇنى جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ بۇ يەرنى يالماپ ئۆتكەنلىكىدەك بىر پاكىتنى ئاشكارىلىدى. بىز گېرىنىۋىچ سىزىقىنىڭ 110 گىرادۇس شەرقىغىچە بولغان جايلاردا بۇ تاشقىن ئاپىتىنىڭ ئىزنالىرىنى بايقىمىدۇق، لېكىن بۇ دائىرىدىن شەرققە قاراپ ماڭغىنىمىزدا شۇ قېتىملىق تاشقىن ئاپىتىنىڭ ئىزنالىرى ئۇچراپ تۇردى. ھېلىقى تاشقىننىڭ جەنۇپتىن باستۇرۇپ كېلىپ شىمالغا كەتكەنلىكىگە ئائىت دەلىللەر ھەممىلا جايدا ئۇچراپ تۇردىيۇ، لېكىن بىز بېسىپ ئۆتكەن سىبىرىيىنىڭ ھىچقانداق جايىدا ھېلىقى تاشقىنغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇزلاردىن قالغان بىرەر ئىزنالارنى بايقىمىدۇق. تاشقىن ئەڭ قاتتىق بېسىپ ئۆتكەن يەر لېنا دەرياسى بولسا كېرەك.
لېنا دەرياسىنىڭ ئېغىزىدىن چىققاندىن كېيىنكى جاي للاكوف ئارىلى. بۇ ئارال مامونت ۋە باشقا ئورمان ھايۋانلىرىنىڭ ئۇستىخان ۋە چىشلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، بۇلارنى ھېلىقى تاشقىن موڭغۇلىيە ۋە سىبىرىيە دالىلىرىدىن ئېقىتىپ كېلىپ تاشلىغان. چۈنكى بۇنداق ھايۋانلا للاكوف ئارىلىدا ياشىغان ئەمەس. بۇ ئۇستىخانلاردىن بىز شۇنى جەزىملەشتۈرەلەيمىزكى، تاشقىنغا ھىچقانداق مۇز ئارىلاشمىغان، بولمىسا بۇ ھايۋانلارنىڭ تېنى ئۇستىخانلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يانچىلىپ ئۇماچ بولۇپ كەتكەن بولاتتى، يەنى شەرقى شىمالىي ئامېرىكىدەك ھالەت كېلىپ چىققان بولاتتى، ئۇ جايدا للاكوف ئارىلىدىكىدەك بۇنداق قالدۇق ئىزنالارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.
گېئولوگىيەلىك تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ئۇ تاشقىن گېئولوگىيەلىك ئاتالغۇ بولغان مۇز دەۋرىدە شىمالىي يېرىم شاردا يۈز بەرگەن. خاتىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسىنىڭ شەرقى يېرىمى پايتەختى بىلەن قوشۇلۇپ شۇ تاشقىن ئاپىتىدە ۋەيران بولغان ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلار قىرىلىپ تۈگىگەن، لېكىن غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبىي قىسمى ئامان قالغان.
تاشقىن ئاپىتى بولۇپ مەلۇم زامانلار ئۆتكەندىن كېيىن (قاچانلاردا پەيدا بولغانلىقى ھەققىدىكى يازما خاتىرىلەرنى ئۇچراتمىدىم) مەركىزىي ئاسىيادىكى تاغ بۆلەكلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسىنى ئوراپ تۇرغان ۋە ئۇنى كېسىپ ئۆتكەن تاغ تىزمىلىرى كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، يەرلەر ئولتۇرۇشقان ۋە مۇشۇ سەۋەپتىن ھاسىل بولغان يەر تەۋرەش تۈپەيلىدىن يەرلەر پارچىلىنىپ، يەر قوينىدىن قوراملار ئۆسۈپ چىققان، بۇ ئومۇمىي ۋەيرانچىلىققا قوشۇلۇپ پارتلىغان ۋولقانلار قىزىق لاۋا ئېقىمى ھاسىل قىلغان. شۇ قېتىمقى تاشقىن ئاپىتىدە قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ قۇتۇلۇپ قالغانلىقى ۋە تاغلارنىڭ كۆتۈرۈلۈپ چىقىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ۋەيرانچىلىقتا قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئامان قالغانلىقىنى ئېنىق مۆلچەرلەش قىيىن، ئىشقىلىپ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىلا ھايات قالغان. بۇ يەر شارىنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە تاغ كۆتۈرۈلگەندە كېلىپ چىقىدىغان ئوخشاش ھادىسە. ساق قالغان ئىنتايىن ئاز بىرقىسىم ئۇيغۇرلار تاغ ئارا قېچىپ يۈرۈپ جېنىنى ساقلاپ قالغان. بۇ ئەھۋاللار باشقا باپلاردا سۆزلىنىدۇ. پەيدا بولغان بىرقانچە تاغلار گوبى دىگەن بۇ زېمىننى كېسىپ ئۆتۈش ۋە دائىرىگە ئېلىۋېلىش نەتىجىسىدە، ئېقىپ كېلىدىغان سۇ يولىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. يەر يۈزى ھالىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن بۇ يەرگە قويۇلىدىغان سۇلار يەرنىڭ ئاستىدىكى قوراملارنى بويلاپ سىڭىپ يەر ئاستى دەريالىرىنى شەكىللەندۈرگەن. دىمەك يەر يۈزىدىكى سۇلارنىڭ سىڭىپ كېتىشى نەتىجىسىدە گوبى بىز بۈگۈن كۆرۈپ تۇرغان قۇم، قوراملار قاپلىغان ئادىمىزاتسىز چۆللۈككە ئايلىنىپ كەتكەن. شەك شۈبھىسىزكى ھازىرمۇ بۇ قۇملۇقنىڭ بىرنەچچە فۇت تەكتىدىن سۇ تاپقىلى بولىدۇ. بىز 7 - 10 فۇت چوڭقۇرلۇقتىن سۇ تاپتۇق.
ھازىرغىچە يېتىپ كەلگەن تارىخلاردىن مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار پۈتكۈل ئوتتۇرا ياۋروپاغا تارقىلىپ ماكانلاشقان، ھىندىلارنىڭ قەدىمقى كىنابى < مانۇ >دا مۇنداق يېزىلغان: < ئۇيغۇرلار كاسپىي دېڭىزىنىڭ شىمالى ۋە شەرقىي قىرغاقلىرىنى بويلاپ ئولتۇراقلاشقان >.، بۇلار ماكىس مۇللېر ئېيتقان پلېي سىتوسېن دەۋرىدىكى كۆچمەنلەرگە ئوخشاش ئىككىنچى قېتىم ياۋروپاغا كۆچۈپ كىرگەن ئۇيغۇرلار بولۇشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن. مېنىڭچە شەك شۈبھىسىزكى ئالىملار ئېيتقان شەرقىي ياۋروپانىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۆزلەشتۈرگۈچىلىرى دەل ئادىمىزاتسىز چۆلدەرەپ قالغان ھېلىقى تاغلىقتىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قالدۇقلىرىدۇر. بۇ قاراش ماكىس مۇللېر تەرىپىدىن دەلىللەنگەن. ئۇ بۇ توغرىدا مۇنداق يازغان: < دەسلەپتىكى بۇ بىر كىچىك توپ كاۋكازلىقلار مەركىزىي ئاسىيانىڭ تاغلىقلىرىدىن كەلگەن. ئۇ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇنداق دەيدۇ: < ئۇلار كاۋكاز دالىلىرىغا پلېي سىتوسېن دەۋرىدە يەنى يەر پوستىدىن تاغلار كۆتۈرۈلۈپ چىققان دەۋرلەردە يېتىپ بارغان. يۇقۇرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك يەر پوستىدىن تاغلار كۆتۈرۈلۈپ چىقىشتىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىلا ياۋروپادا ئۇيغۇرلار بار ئىدى. ھازىرمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان نۇرغۇن قەۋملەر ئۆزلىرىنىڭ تارىخىنى يەر پوستىدىن تاغلار كۆتۈرۈلۈپ چىققان ھېلىقى دەۋرلەرگە سۈرىدۇ. يوقالغان قۇرۇقلۇق مۇ دىگەن كىتابىمدا كوزلوف قارا خوتۇدىن تېپىپ سۈرەتكە ئالغان بىر قىسىم سىمۋوللۇق رەسىملەرنى ئايرىپ چىقىپ مەنىسىنى ئىزاھلاپ ئۆتكەن ئىدى. تىبەت ئوتتۇرا ئاسىياغا جايلاشقان، ئۇ شەرقتە جۇڭگو، شىمالدا موڭغۇلىيە، جەنۇپتە ھىندىستان، غەرپتە كەشمىر ۋە تۈركىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. گوبى چۆللۈكى ئۇنىڭ شىمالىي چېگرىسىنىڭ بىر قىسمىدۇر. تىبەت بىر زامانلاردا بۈيۈك ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. يەنى ئۇ چاغلاردا تېخى يەر پوستىدىن تاغلار كۆتۈرۈلپ چىقمىغان بولۇپ، بۇ ئەلنىڭ زېمىنى مۇنبەت تۈزلەڭلىك ئىدى. ھازىر بۇ جاي غەرپتىن شەرققە قاراپ سوزۇلغان تاغ تىزمىلىرى بىلەن تولغان دۇنيا بويىچە ئەڭ بۈيۈك ئىگىزلىك. جەنۇبىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىگىز تاغ تىزمىسى ___ ھىمالايا تاغلىرى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ؛ مۇشۇ تاغ تىزمىلىرى ئىچىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىگىز چوققا ___ جۇمۇلاڭما چوققىسى تىبەت چېگرىسىغا جايلاشقان، شۇڭا تىبەت < دۇنيانىڭ ئۆگزىسى > دىگەن نام بىلەن مەشھۇر.
تىبەت ___ < تىلسىمات ۋە سىر ھېكمەتلەر بۆشۈكى > دەپ ئاتالغان ھىندىستاننىڭ قوشكېزەك ھەمشىرىسى ۋە بۇ شۆھرەت تاجىنىڭ ھەقلىق ئېگىسى. تىبەتنىڭ ئادەم كىرگىلى بولمايدىغان تاغ ئارىلىرىدا نۇرغۇن مۇناستىر، ئىبادەتخانا ۋە بۇتخانىلار بولۇپ تاشقى دۇنيادىن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن باردى كەلدىلەردىن خالى راھىپلار ئۆزلىرىگە خاس ئەھكاملار بويىچە پىنھان، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، شۇ جىلغىلاردا ياشايدىغان ئازغىنە چارۋىچىلاردىن باشقا ھىچكىم ئۇلارنى بىلمەيدۇ. ھىمالايالىقلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ ئىبادەتخانىلىرىدىكى راھىپلارنىڭ بىرمۇنچىلىرى ئۆزلىرىنى بۇنىڭدىن 3000 يىللار ئىلگىرى بىراھمانلار تەرىپىدىن ھىندىستاندىن قوغلاپ چىقىرىلغان نائاكاللارنىڭ پۇشتىلىرى دەپ ئاتىشىدۇ. بۇلار ئەڭ ئىپتىدائىي دىن ۋە ئالەملەرنىڭ بەزى سىر ھېكمەتلىرىگە ئائىت تۇنجى بۈيۈك مەدەنىيەتنى ساقلاپ قالغۇچىلاردىن بولۇشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن. مېنىڭ بۇ يەردە < بەزى > دىگەننى تەكىتلىشىمدىكى سەۋەپ شۇكى، بۇ ئىبادەتخانىلار تىبەتتىكى نەچچە يۈزلىگەن ئىبادەتخانىلارنىڭ ئىچىدىكى ساناقلىقلا بىر قىسىمىدىن، يەنى بەش بارماقنىڭ ئىچىدىكى بىر بارماقتىنلا ئىبارەت خالاس. مەن پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچىنىلا بىلىمەن، بۇ ئىبادەتخانىلارنىدىكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۇددا دىنىغا ئىخلاس قىلىدۇ.
بىرنەچچە يىل ئىلگىرى سىچليېمان لاسادىكى بىر قەدىمى بۇددا ئىبادەتخانىسىدىن مۇنىڭ خانۋەيرانچىلىقى بايان قىلىنغان يازمىلارنى بايقىغان. بۇ يازمىلار قەدىمقى ئابىدە يادىكارلىقلىرىدىن پەھلىۋى ۋە تىبەت تىلى ئارىلاشتۇرۇلۇپ تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئەسلى مەنبەسىنىڭ قەيەر ئىكەنلىكى تازا ئېنىق ئەمەس، كىم بىلىدۇ دەيسىز بەلكىم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نەچچە يۈزلىگەن يازمىلارغا قوشۇلۇپ ئاللىقانداقتۇر نامەلۇم بىر ئىبادەتخانىنىڭ بىرەر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا ياكى پول ئاستىلىرىدا بىراۋلارنىڭ قىيا كۆزىنى سېلىپ قويۇشىغا زار بولۇپ، مەينەت كىگىز پالازلارنىڭ قېتىدا چاڭ - توزانغا مىلەنگەن ھالدا ساقلىنىپ تۇرىۋاتقاندۇ.
قاتمۇ قات تاغلارنىڭ ئارىسىدىكى بىراھما پوترا دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىدا بەزى ئىبادەتخانىلار ۋە بۇتخانىلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئېنىق سانىنى ھازىر دەپ بېرەلمەيمەن. مۇشۇ ئىبادەتخانىلارنىڭ ئىچىدە مۇكەممەل نائاكال كۇتۇپخانىسى دەپ ئاتىلىشقا لايىق نەچچە مىڭلىغان ئابىدىلەر ساقلانغان بىر ئىبادەتخانا بار. ئۇ يەردىكىلەر بۇنىڭ ئەينى چاغلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەخت شەھىرىگە تەۋە نائاكال كۇتۇپخانىسى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى، دىمەك ئۇيغۇرلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى، ئاجايىپ تارىخى ئەنە شۇ ئابىدىلەرگە باغلانغان. مەن بۇ پاكىتلار ھەققىدە قەدىناس رايشى بۇرادىرىمگە ئېغىز ئېچىپ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى تەقدىرى ھەققىدە بىرەر نەرسە ئاڭلىغان ئاڭلىمىغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا بۇ ئىبادەتخانىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ۋە ھېلىقى ئابىدىلەرنىڭ تارىخى توغرىسىدا ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى. مەن تۆۋەندە ئۇنىڭ ماڭا دەپ بەرگەنلىرىنى ئەينەن تەكرارلاپ ئۆتىمەن:
نائاكاللار كۇتۇپخانىسىنىڭ بۇ كەچۈرمىشلىرىنى ماڭا ھېلىقى قېرى رايشى سۆزلەپ بەرگەن.
< ئۇلۇغ تاشقىن شەرقى ۋە غەربىي شىمالىي ئاسىيانى بېسىپ كەتكەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەخت شەھىرى ۋەيران بولۇپ ئۇنىڭدىكى ئاھالىلەر غەرق بولغان ۋە نائاكاللار ۋەتىنىدىن ئۇ يەرگە ئېلىپ بارغان بۈيۈك كۇتۇپخانا (ئابىدىلەر)نى كۆمۈپ تاشلىغان. ئارىدىن ئۇزاق يىللار ئۆتكەندىن كېيىن تاشقىن باسمىغان غەربىي تاماندىكى نائاكاللار پايتەخت شەھەرنىڭ خارابىسىگە بېرىپ ئابىدىلەرنى كولاپ چىقىرىۋېلىپ ئۆزلىرىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى ئىبادەتخانىسىغا ئېلىپ كەتكەن. ئابىدىلەر تاكى يەر پوستىدىن تاغلار كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ ھېلىقى ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىپ ئۇلارنى قايتىدىن يەر قەھرىگە كۆمۈپ تاشلىغانغا قەدەر ھېلىقى ئىبادەتخانىلاردا ساقلىنىپ تۇرغان. ئارىدىن ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئۆتكەندىن كېيىن ھېلىقى تاغلار كۆتۈرۈلش ھەركىتى دەۋرىدىكى ئاپەتتىن ئامان قالغان نائاكاللارنىڭ ئۇرۇق پۇشتىلىرى قايتىدىن ھېلىقى خارابىلىقنىڭ ئىزىغا بېرىپ ئابىدىلەرنى قايتىدىن كولاپ چىقىرىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىبادەتخانىلىرىغا ئېلىپ كەتكەن، ئۇلار ھازىرغىچە شۇ يەردە ئۇيقۇ ھالىتىدە ياتماقتا. خاھى ئۇ ئىبادەتخانا ياكى ئابىدىلەر بىزگە سىر بولغان بىلەن شەرقنىڭ ئىلىم ئەھلىلىرىگە تولىمۇ ئېنىق. مېنىڭ بىلىشىمچە 3 ئەنگىلىيەلىك ۋە 2 روسىيەلىك ھېلىقى ئىبادەتخانىنى زىيارەت قىلغان. بۇ رىۋايەتنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن مەنرايشىدىن ھېلىقى كۇتۇپخانىلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان بىرسىنىڭ ھازىر بار يوقلىقىنى سورىدىم، ئۇ ماڭا: < مېنىڭچە ھازىر يوق ئوغلۇم، بىز داستان قىلىپ يۈرگەن ھېلىقى رايشى شەھىرىمىز ئايخۇدىيا باسقۇنچى قوشۇنلار تەرىپىدىن بۇلاڭ تالاڭ قىلىنىپ كۆيدۈرۈپ تاشلانغان، سىرلىق ئارخىپلار بىلەن تولغان ھېلىقى نائاكال كۇتۇپخانىمىز بار ئىبادەتخانىنى دۈشمەنلەر تاپالمىغان، ئەگەر بۇ رىۋايەتلىرىمىز راس بولسا نائاكال كۇتۇپخانىسى ھېلىقى ئىبادەتخانىنىڭ خارابىسى ئاستىدا ئەينەن ئۆز پېتى ئامان ئېسەن ساقلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ > دىدى.
بۇ ماڭا شۇنىڭدىن بىشارەت بېرىپ تۇرىۋاتىدۇكى، نامىنى ئاتاپ ئۆتكەن تىبەت، كەشمىر ۋە شىمالىي ھىندىستاندىكى جايلار، يوللار، ئۆتكەللەر ھەققىدىكى يازمىلىرىم ئىچىدە بۇ ئۇچۇرنىڭ سىياسىي قىممىتى ھەممىدىن يۇقۇرى، سەۋەپ: بۇ ئۇچۇرلارنىڭ تولۇق ئاساسى بار، شۇڭا بۇنىڭدا كۆڭلۈمنىڭ رايىغا بېقىشنى ئۆزۈمنىڭ بۇرچۇم ۋە خۇشاللىقىم دەپ قارايمەن.
جۇڭگو __ خەنزۇ مەدەنىيىتى ئەڭ قەدىمقى مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرسى دىيىلىپ ۋە شۇنداق قارىلىپ كەلدى، لېكىن خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى ئارانلا 5000 يىل ئەتراپىغىلا بارىدۇ. ئۇلار ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى ئۆزىمىز راۋاجلاندۇرغان دەپ ئىشىنىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس. خەنزۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ئۇلارغا ئاتىلىرى تەرىپىدىن مىراس قالدۇرۇلغان، يەنە بىرسى خەنزۇلار قارىماققا موڭغۇللارغا بەك ئوخشاپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇلار يېرىم موڭغۇل ئېرقىغا تەۋە، ئۇلارنىڭ يىراق بوۋىلىرى ئاق تەنلىك ئارىيانلاردۇر. ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى دەۋرىدە بىر مۇنچە ئاق تەنلىك ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئەللەردىكى سېرىق تەنلىك موڭغۇللار بىلەن ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولغان ۋە ئەنە شۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى خەنزۇلارنىڭ تۇنجى ئېمپىرىيىسىنى قۇرۇپ چىققان، قەدىمكى يازمىلاردا < ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرلىرى سېرىق تەنلىك بەدىۋىلەرنىڭ ئارىسىدىكى چىرايلىق ئاياللارنى تاللاپ ئەمرىگە ئالاتتى > دەپ قەيت قىلىنغان. شەك شۈبھىسىزكى بۇ تەرجىمىدىكى خاتالىق، چۈنكى ئۇ چاغلاردا بۇنداق تويلىشىشنىڭ بولۇپ تۇرغانلىقى ئېنىق، دۇنيادا بەدىۋىلەر ھىچقاچان چىراي تۇرقىدىن مەلۇم بولمايدۇ، دىمەك ئۇنىڭ مەنىسى < سېرىق تەنلىك ئەبگا ئېرق > دىگەنلىكتۇر، ئەنئەنە جەھەتتە بۇ < سېرىق تەنلىك موڭغۇللار ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا تېخىمۇ بەدىۋى ھالەتتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەن تۇراتتى . دىگەننى ئىسپاتلايدۇ. بۈگۈنكى كۈندىمۇ نۇرغۇن خەنزۇلارنىڭ، بولۇپمۇ ئالىي نەسەپتىكىلىرىنىڭ ئۆڭى ئاق سۈزۈك بولىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ تومۇرىدىكى ئۇيغۇر قېنىنىڭ ئالامىتىدىن ئىبارەت. بۈگۈنكى تۆۋەن نەسەپلىك، ئادەتتىكى قارا ئىش قىلىدىغان خەنزۇلاردا ئۇيغۇر قېنى يوق، مانا بۇلار بولسا قەدىمقى سېرىق تەنلىك موڭغۇللارنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر. بۇنداق ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولغان ئۇيغۇر دادىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس تەربىيىلىنىپ چوڭ بولۇشىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى، شۇڭا تومۇرىدا ئۇيغۇر قېنى ئېقىپ تۇرغان، ئۇيغۇرلارغا خاس يۈكسەك مەدەنىيەتنىڭ تەربىيىسى سىڭگەن ئەۋلاتلار تۇنجى خەنزۇ ئېمپىرىيىسىنى قۇرۇپ چىققان. دىمەك خەنزۇ مەدەنىيىتى ___ ئۇلارغا ئاتا بوۋىلىرىدىن مىراس قالغان قەدىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت. خەنزۇلارنىڭ تەرىقەتچىلىك دىنى ئىبادەتخانىلىرىدا ساقلانغان نۇرغۇنلىغان يازمىلار يۇقۇرىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىرىمىزنى ئىسپاتلايدۇ ھەمدە بىرمۇنچە خەنزۇ مۇتەپەككۈرلەر بۇنى شەك شۈبھىسىز ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا خەنزۇلاردا < خەنزۇلار باشتىن ئاياق ئاسىيادىلا ياشىغان بولماستىن بەلكى ئۇلار يىراق ئەللەردىن قۇياش چىققان جايلارنى قوغلىشىپ كەلگەن > دىگەن ئەنئەنىۋى قاراش گەۋدىلىك ساقلانغان.
مەن خەنزۇلارنىڭ رىۋايەت تۈسىدىكى تارىخىنى شەكىللەندۈرگەن خەنزۇ رىۋايەت ئەپسانىلىرىنى تېپىپ توپلاشقا تىرىشىپ باقتىم، بۇلار ئەسلىدە مەۋجۇت بولۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى تېپىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدىم.
تۆۋەندە خ . ئې . پاركېرنىڭ جۇڭگو تارىخى توغرىسىدىكى كىتابىنىڭ 71- بېتىدىن مىسال كەلتۈرىمەن:
سۇلالىلەر نامى پادىشاھلار سانى سەلتەنەت سۈرگەن دەۋرى
بەش پادىشاھ دەۋرى 9 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2852- 2206- يىللار
شيا 18 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2052- 1767- يىللار
شاڭ 28 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1766- 1122- يىللار
غەربىي جۇ 10 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1121- 828- يىللار
شەرقىي جۇ 25 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى827- 255- يىللار
يۇقارقىلارغا ئاساسلانغاندا ھەرقايسى سۇلالىلەردە ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ ئوتتۇرىچە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن ۋاقتى تۆۋەندىكىچە:
بەش پادىشاھ دەۋرى ئوتتۇرىچە ھۆكۈمرانلىق دەۋرى 71 يىل
شيا ئوتتۇرىچە ھۆكۈمرانلىق دەۋرى 24 يىل
شاڭ ئوتتۇرىچە ھۆكۈمرانلىق دەۋرى 23 يىل
غەربىي جۇ ئوتتۇرىچە ھۆكۈمرانلىق دەۋرى 29 يىل
شەرقىي جۇ ئوتتۇرىچە ھۆكۈمرانلىق دەۋرى 22 يىل
پاركېر مۇنداق دەيدۇ: < بەش پادىشاھ دەۋرى دىگىنى تامامەن ئەپسانە؛ شيا سۇلالىسى دىگىنىمۇ ئەپسانە ئارىلاشقان رىۋايەت؛ ساڭ سۇلالىسى دىيىلگىنى ئاساسەن رىۋايەت؛ غەربىي جۇ سۇلالىسىدە سەلتەنەت سۈرگەن 10 پادىشاھ دىگىنى يېرىم رىۋايەت؛ شەرقىي جۇ سۇلالىسىدە سەلتەنەت سۈرگەن 25 پادىشاھ دىگىنى تارىخ> .

يۇقۇرىقىلاردىن بىز شۇنداق خۇلاسىگە كېلىمىزكى پاركېر ئاڭلىغانلىرىغا ئەمەس، پەقەت ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىگە ئىشەنگەن، رىۋايەتلەرنىڭ مەيلى قانچىلىك راست بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ ئۆزى ئىشەنچ ھاسىل قىلغىدەك يازمىلارنى كۆرۈشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىردەك ئەپسانە دەپ قارىغان. مېنىڭ ئادىتىم بولسا ئەپسانىنى ئىز قوغلاپ سۈرۈشتۈرۈپ ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ئىزدەيمەن، 90- قتىمدا بولمىسىمۇ 100- قېتىمدا ئۇنىڭ ئەپسانە ياكى رىۋايەت ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىدۇ. ئەپسانە رىۋايەتلەر ئۈزۈپ چاپلىنىش جەريانىدا نەتىجىسىدە كەم كۈتىسىز توقۇلمىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، لېكىن شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەككى ئوت يېقىلمىسا ئىس چىقمايدۇ. خۇددى پاركېر ئېيتقاندەك ئەپسانىنىڭ ئازدۇر كۆپتۇر ئۈزۈپ چاپلانغان رىۋايەت ئىكەنلىكىدىن مەنمۇ گۇمانلانمايمەن، خەلق ئاغىزىدىكى ھېلىقى توقۇلمىلارنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان خىلمۇ خىل نەق يازما خاتىرىلەرنى تەرىقەتچىلىك (داۋجياۋ) دىنى ئىبادەتخانىلىرىدىن تېپىش مۈمكىن.
پاركېر خەنزۇلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 200- يىلىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچىلىك بولغان تارىخىنى ياخشى ۋە تەپسىلى شەرھىلىگەن. ئۇ ھەرقايسى موڭغۇل قەبىلىلىرى ۋە مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىش ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىش تارىخىنى بايان قىلىپ بەرگەن. لېكىن ياپونلارغا كەلگەندە مۇتلەق خاتالاشقان، يەنى ئۇلار توغرىسىدا خاتا كېچىككە كىرىپ قالغان، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھۆكۈملىرىدىن شۈبھىلىنىشكە ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭ يېزىقچىلىق ئىستىلى يوغان مۈڭگۈزلۈك قوينى ئېلىپ كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن قېرى ماركو پولونى ھەپسىگە ئالغۇچىلارنىڭكى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ گوبىدىكى ۋەيرانچىلىقلارنىڭ ئىزنالىرى ۋە باشقا تارىختىن بۇرۇنقى بۈيۈك ئۆزگىرىشلەرگە ئائىت ئىزلارنى قانداق ئىزاھلاپ ئۆتكەنلىكىنى ئۇقمىدىم، روشەنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇنداق نەرسىلەرنىڭ كارىيىتى چاغلىق بولسا كېرەك.
ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى ۋەيران بولۇپ، ئارىدىن 7- 8 مىڭ يىللار ئۆتكەندىن كېيىن موڭغۇل ئېرقىدىكى ئۇششاق مىللەتلەرنىڭ سانسىزلىغان ئاھالىسى شەرقىي ئاسىياغا كۆچۈپ كېلىپ ياشىغان. چىڭگىزخان ۋە قۇبلايلار ئەنە شۇ تاتار ئېرقىغا تەۋە موڭغۇل مىللىتىنىڭ مەشھۇرلىرىدۇر. قۇبلايخان مىلادى 1277- يىللىرى يەنى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 600 يىللار بۇرۇن ئۆتكەن. بۈيۈك خەنزۇ مۇتەپەككۈرى ۋە پەيلاسوپى كۇڭفۇزى مىلادىدىن بۇرۇنقى 511- يىلىدىن 480- يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا، يەنى جۇڭگونىڭ يازما تارىخى باشلىنىپ 300 يىللار ئۆتكەندە ياشىغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 214- يىلى ئېمپىراتور چىن شىخۇاڭ بارلىق كىتاپلارنى ۋە قەدىمقى جۇڭگو ئەدەنىياتىغا دائىر ئەسەرلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلاش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن سان ساناقسىز كىتاپلار تارتىۋېلىنىپ كۆيدۈرىۋېتىلگەن، كۇڭفۇزى ۋە مېڭزىنىڭ كىتاپلىرىمۇ ئوتقا تاشلىنىش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. ھۇن تاتارلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ شىمالىغا توختىماي ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدىن جوشىدىنىش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ سەددىچىن سېپىلىنى سوقتۇرغىنى دەل پادىشاھ چىن شىخۇاڭ بولۇپ، ئۇ بارلىق قەدىمقى يازمىلارنى تەل تۆكۈس كۈل قىلىۋېتىش نىيىتىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرالمىغان، چۈنكى يازمىلارنىڭ بىرمۇنچىلىرى قۇتقۇزىۋېلىنغان ۋە تەرىقەت (داۋجياۋ) دىنى ئىبادەتخانىلىرىدا يوشۇرۇن ساقلىنىپ قېلىنغان، ھازىر شۇ جايلاردا دىنىي تەۋەرۈك سۈپىتىدە ساقلىنىپ تۇرىۋاتماقتا، بۇنى شۇ ئىبادەتخانىلارنىڭ ئۆزگە ھەرقانداق كىشىلەرنىڭ كۆرەلىشى مۈمكىن ئەمەس.
شۇنىڭ بىلەن شەرقىي ئاسىيا توغرىسىدىكى باپ تۈگىدى. كېيىنكى باپتا غەربىي ئاسىيا ھەققىدە توختىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن يىراق شەرقى ئاسىيادىكى بۈيۈك ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى ۋە ئۇنىڭ پايتەختىگە دائىر مەزمۇنلار بىلەن تولغان جەسەت ساندۇقىنىڭ ئاغزى ئېتىلدى.
3- ئېرا ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى ___ مېنىڭ بۇ يەردە توختالغىنىم ____ 20000 يىللار ئىلگىرى يۈز بەرگەن، ئىنجىلدا < توپان بالاسى > دەپ قەيت قىلىنغان دەھشەتلىك ئاپەتتىن بۇرۇن ئەپسانە تۈسىنى ئالغان گېئولوگىيەلىك < مۇز دەۋرى >دىن بۇرۇن ۋە يار پوستىلىقىدىن تاغلار كۆتۈرۈلۈپ چىقىشتىن بۇرۇنقى، يەنى 3- ئېرادىكى ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسىدىن ئىبارەت.
214- بەتتىكى ئاددى خەرىتە بۈيۈك ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسىنىڭ دائىرىسى ۋە كۆلىمىنى كۆرسىتىش مەقسىدىدە ھازىرقى جايلارغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ سىزىلدى. بۇنىڭدىن 20000 يىللار بۇرۇن بىرمۇنچە يەرلەر چۆۆۈپ كەتكەن بولسا، يەنە بىرمۇنچە يەرلەر ئۆرلەپ چىققان، مەن تىنچ ئوكياندىن ئاتلانتىك ئوكيانغا قارىتىپ ئاسىيانىڭ مەركىزىنى ۋە ياۋروپانى كۆرسەتكەن بىر كۆرسەتكۈچ سىزىق سىزدىم، مانا مۇشۇ سىزىق ئېمپىرىيەنىڭ تەخمىنى مەركىزىدۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ قالدۇقلىرى بالقانلىقلار ئارىسىدا تېپىلىدۇ. ئەڭ چەتتىكى ئالدىنقى قاراۋۇللىرى ___ ئېرلاندلار، فرانسىيەدىكى بېرىتونلار ۋە ئىسپانىيەدىكى باسكلاردۇر. ئېمپىرىيەنىڭ شىمالىي چېگرىسىنىڭ قانچىلىك ئۇزاقلارغا سوزۇلغانلىقى نامەلۇم، ئىشقىلىپ يىراق سىبىرىيەدىن قەدىمقى ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ خارابىلىرى تېپىلدى.
خەرىتىنىڭ غەربىي قىسمى جەزمەنلەشتۈرگىلى بولمايدىغان چېگرىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىغان ئىككى چېگرىسى ___ شەرقتە تىنچ ئوكيان ۋە جانۇپتىكى ناگا ئېمپىريەسىدىن ئىبارەت. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنىق ھالدا ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ تېنچ ئوكيانغا كېڭەيگەنلىكى ياكى بولمىسا ئالدىنقى قاراۋۇللىقىنى تۇرغۇزغانلىقى تېخى نامەلۇم بىر سىر. ھالبۇكى بىز ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىدا ئۇلارنىڭ پۇشتىلىرىنى تاپتۇق، لېكىن ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ھىچكىم دەپ بېرەلمىدى.
قەدىمقى شەرق ھۆججەتلىرىدە بايان قىلىنىشىچە ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى ئۆز ئالدىغا خان ھۆكۈمرانلىرى بار، ئۆىچىك خانلىق ياكى بەگلىكلەردىن تەركىپ تاپقان بىر ئېمپىرىيە بولسىمۇ لېكىن ئۇ يەنە بىر ئەڭ يۇقۇرى ئېمپىراتڭر ياكى پادىشاھقا قارام بولغان، ئۇ بولسىمۇ مېتروپولىيە قۇياش ئېمپىريىسى مۇغا قارام بولغان. ئۆزىمىزنىڭ ھۆۆۈمەت ئەندىزىمىزگە نەزەر تاشلايدىغان بولساقلا ئۇيغۇر ئېمپىرىيەسىنىڭ زورىيىپ بىر قوشما شىتاتقا ئايلانغانلىقىنى قىياس قىلىشىمىز تەس ئەمەس، مۇنىڭ ئۆزى بولسا شۇ چاغدىكى دۇنيادىكى بىردىنبىر قوشما شىتات ئىدى.

بۇ يازمىنى بۇ يەردىن ئەكەلگەن

PostHeaderIcon باشقا مىللەتنى يۇرتىغا سىغدۇرۇش ئاسانمىكەن؟

باشقا مىللەتنى يۇرتىغا سىغدۇرۇش ئاسانمىكەن؟

بىز ئۇيغۇرلار ۋەتىنىمىزدە 10 مىليون خەنزۇ ئاھالىسىنى سىغدۇرۇۋاتىمىز.بەلكى،قولۇغىمىزنىڭ گۈلى،بېشىمىزنىڭ تاجى قىلىپ قەدىرلەۋاتىمىز.

يىللاپ، ئەسىرلەپ ئۆزىمىز يىمەي(يېمەي) يىگۈزۈپ(يېگۈزۈپ)،ئۆزىمىز كەيمەي كەيگۈزۈپ،ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز باشقۇرماي،ئۆزىمىزنى ئۇلارنىڭ باشقۇرىشىغا(باشقۇرۇشىغا) تاپشۇرۇپ،ئۇلاردىن ھىساپ(ھېساب) ئالماي، ئۇلارغا ھىساپ(ھېساب) بىرىپ(بېرىپ)،ئۆزىمىزنىڭ بەخىتسىزلىگىمىز ھېساۋىغا ئۇلارغا بەخىت(بەخت) يارىتىپ... ياشاۋاتىمىز.

600 نەپەر ئۇيغۇرنى گوۋاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شائوگۇئاڭ شەھرىگە(شەھىرىگە) سىغدۇرالمىدىڭلارمۇ؟

تەرەپ - تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ "باسقۇنچى"بولغانلىغى(بولغانلىقى) يېزىلىۋاتىدۇ،سۆزلىنىۋاتىدۇ.

ئىككى،ئۈچ قەتىم(قېتىم) خەنزۇ قىزلىرىغا باسقۇنچىلىق ھەركەتلىرى(ھەرىكەتلىرى) بولغانلىغى(بولغانلىقى) پۈتۈن جۇڭگودا ئېغىزدىن-ئېغىزغا ئۆتۈپ تارقىلىۋاتىدۇ.
بۇمۇ ئاخىرقى ھىساپتا(ھېساپتا) يالغان چىقتىغۇ گۇاڭدوڭدا قانۇن يوقمۇ؟ساقچى يوقمۇ؟
ئەگەر شۇنداق ئىش بولغان بولسا،نىمىشكە(نېمىشقا) قانۇن ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىنىپ،جىنايەتچى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنمىدى؟
ئۆز يۇرتىدا خەنزۇ قىزلىرىغا باسقۇنچىلىق قىلمىغان ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كىلىشى(كېلىشى) بىلەنلا "باسقۇنچى" بولۇپ قالدىمۇ؟

ئۇيغۇرلار "باسقۇنچى" بولسا،ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 10 مىليون خەنزۇ ئاھالىسىنىڭ يېرىمى ئايال.ئۇلار نىمىشقا(نېمىشقا) باسقۇنچىلىققا ئۇچىرىمىدى(ئۇچرىمىدى)؟

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەكەن ناھىيسىدە(ناھىيىسىدە) 6 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاۋ پامىلىلىك بىر باسقۇنچى 2009 - يىلى 5 -6 .ئاي ئىچىدە 8-10 ياش ئارىسىدىكى نارىسىدە(نارەسىدە) 10 نەچچە نەپەر ئۇيغۇر قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلدى.قىلمىشى ئىنتايىن قەبىھ.
باسقۇنچىلىققا ئۇچىرىغان(ئۇچرىغان)،ئىنسانى قەدىر-قىممىتى دەپسەندە قىلىنغان بىر قانچە ئۇيغۇر نارىسىدە(نارەسىدە) قىزى ئەمەس. بارلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ غۇرىرى، ئىنسانى قەدىر-قىممىتى باسقۇنچىلىققا ئۇچىرىدى(ئۇچرىدى).دەپسەندە قىلىندى.
بىر نەپەر ئۇيغۇر چىقىپ بىر خەنزۇنى ئۇردىمۇ؟
قانۇننىڭ ئادالىتىگە ئىشىنىپ بارلىق ئۇيغۇر مىللىتى سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋاتمامدۇ(تۇرۇۋاتمامدۇ)؟

شائوگۇئاڭدا تاياقتىن ئۆلگەن،يارىدار بولغان،قورقۇپ مۈكىۋالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى،ۋەتىنىمىزدە خەنزۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بەدىلىگە ئۆز يۇرتىمىزدا ئىشسىز قالغان ياشلارغۇ!؟
ئۇلارنى، تاغدىن يېزىغا كىرىپ قالغان ياۋا توڭگۇزنى قورشىغاندەك،قانچە يۈز ئادەم قولىغا تاياق-توخماق ئېلىپ چىقىپ ئۇرۇشى،ئۇرۇشتا بەسلىشىشى ئىنسانى خىسلەتمۇ؟

خەنزۇلار غەرىپنى،ئۇيغۇرلار شەرىقنى ئېچىشىتىن ئىبارەت ئەقىلغا(ئەقىلگە)،ۋىجدانغا،ئەخلاققا سىغمايدىغان ئىستىراتىگىيە(ئىستراتېگىيە) كىم تەرىپىدىن،نىمە(نېمە) مەقسەتتە ئويدۇرۇپ چىقىرىلدى؟

ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىدا ۋە جۇڭگودا كەمسىتىلمەكتە.چەتكە قېقىلماقتا.
ھىچ(ھېچ) بولمىسا،جۇڭگودا،ئۇيغۇرلارنىڭ جان بىخەتەرلىگى(بىخەتەرلىكى)،مۇشۇك(مۈشۈك) ئېيىغى (شىئۇڭمائو)چىلىك قوغداش كاپالىتىگە ئىگە بولسۇن!

خەنزۇلار شۇنى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلۇنۇپ(ئويلىنىپ) كۆرسۇن؛
ئەگەر ئۇيغۇر دىيارىدا قانچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر تاياق-توخماق بىلەن بىر قانچە خەنزۇنى قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويسا،ياكى يارىدار قىلسا مەسىلىنىڭ خاراكتىرى(خاراكتېرى) نىمە(نېمە) دەپ بېكىتىلىشى مۇمكىن ئىدى؟

باشقا مىللەتنى يۇرتىغا سىغدۇرۇش ئاسانمىكەن؟

مەنبە -http://www.tirish.cn/bbs/viewthread.php?tid=1757

بلوگ بىلدۈرگۈسى

ھەق يول
Essalamu eleykum qerindashlar! Heqyol islam blogi blogdiki bezi ixtidarning kemchilliki we sighimining kichikligi tupeyli blogdin muqim boshluqqa köshti. muqim adirsimiz www.heqyol.cn insha allah bundin kiyin yèngi adirsqa kilishingizni tewsiye qilimen. Hörmet bilen: Heqyol
Visa hela min profil

زىيارەتچىلەر سانى

زىيارەتچىلەر ئورنى