tisdag 30 juni 2009

PostHeaderIcon خىتاينىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدە 5مىڭ خىتاي 800 ئۇيغۇرنى قاتتىق ئۇرغان


خىتاي تاجاۋۇزچىلار
مۇبارەك ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن بېرى تۈرلۈك-تۈمەن ھىلە-مىكىرلەر بىلەن خەلقىمىزگە زۇلۇم قىلىپ كەلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر قىزلارنى خىتاي يۇرتلىرىغا مەجبۇرى يۆتكەپ ئاپىرىپ ئەرزان ئەمگەك كۈچى قاتارىدا ئىشلىتىشكە باشلىدى ۋە مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىززەت-ئابرويىغا، دىنىي ئېتىقادىغا ھاقارەت قىلىپ كەلدى 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتىن 27-كۈنى سەھەرگىچە خىتاينىڭ گۇئاڭدوڭ ئۆلكىسى شائوگۇئان شەھرىدىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىغا مەجبۇرى ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر دېھقانلار بىلەن خىتايلار توقۇنۇشقان بولۇپ، تاجاۋۇزچى، زالىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئېغىر يارىلاندۇرغان.


ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 5000 خىتاي 800 نەپەر ئۇيغۇرنى كېچىچە دۇمبالاپ ئۇرغان، نەچچە ئون ئۇيغۇرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن، نەچچە يۈز ئۇيغۇر دېھقاننى ئۆلەرمىجان قىلىپ زاۋۇت ھويلىسىنى قانغا بويىۋەتكەن.
ھىلىگەر، زالىم خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خەۋەرنى تامامەن بۇرمىلاپ ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ "تەتەي ئىشچىلارغا باسقۇنچىلىق قىلماقچى" بولغانلىقى ئۈچۈن نارازى بولغان خىتاي ئىشچىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقە-قىلىپ كۆرسەتمەكتە.دۈشمەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدە 600 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچى باشقا نامەلۇم جايلارغا مەجبۇرى يۆتكەپ كېتىلگەن.


ئەمەلىيەتتە فاشىت، تېررروچى خىتايلار نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر قىزلارنى خىتاي يۇرتلىرىدىكى زاۋۇت-فابرىكىلارغا ئەرزان ئىشچى سۈپىتىدە مەجبۇرى ئاپىرىش، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ روھىنى سۇندۇرۇش، ئۇيغۇر قىزلارنى ئىشچى نامى بىلەن يۆتكەپ بۇزۇقچىلىققا زورلاش، مىللەتنىڭ نازۇك ھېسسىياتلىرىغا ۋە ئىسلام ئېتىقادىغا ھاقارەت قىلىشتەك ئۆلۈمدىن باشقا جازا ھارام قىلىنغان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزمەكتە.
شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلارغا قارشى جىھاد ئېچىشى، ئىنتىقام ئېلىشى ياغدەك زۆرۈر بولماقتا.


زالىم خىتايلار بىلەن ئاپاق-چاپاق بولغان، مۇستەقىللىق كۈرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق كىشىنى مۇناپىق دەپ بىلىش ۋە جازالاش كېرەك. پۈتكۈل تۈركىستان خەلقى، جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار، تۈرك مىللىتى خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىشى لازىم

söndag 28 juni 2009

PostHeaderIcon مىللەت ئىزدەش ئېلانى

مىللەت ئىزدەش ئېلانى
دىققەت ! بۇنىڭدىن تەخمىنەن ئۈچيۈز يىگىرمە يىللار بۇرۇن ئۇيغۇر دېگەن بىرمىللەتنى يىتتۈرۈپ قويىدۇ ق.بۈگۈنكى كۈندە خاتا ھالدا (شىنجاڭلىق يانجۇقچى،ياكى پائىشە)دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان بىرزەئىپ، بوشاڭ،مەسئۇلىيەتسىز بىرتۈركۈم ئادەملەرنى يەنىلا خاتا ھالدا مۇشۇ بۈيۈك نام بىلەن چاقىرىپ ،ھاياتىمىزدىن قەدىرلىك بۇنامنىڭ شەنىگە داغ يىتىۋاتىدۇ.تېپىۋالغۇچىلارغا ھازىرۋەكەلگۈسى،ئۇرۇ ق ئەۋلادلىرى،بىلەن قوشۇلۇپ مەڭگۈلۈك بەخت،ۋە خاتىرجەم باياشات تۇرمۇش،ۋە پارلاق كەلگۈسى سۈيۈنچە بىرلىدۇ.تېپىۋالغۇچىلار ۋىجدانى بىلەن ئالاقىلىشىپ قايتۇرۇپ كەلسۇن.........
تىپىۋىلىشىڭىزغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، بۇ مىللەتنىڭ بىرقانچە ئالاھىدىلىكىنى دىقىتىڭلارغا سۇندۇم.
1-تارىخىدا ئەزەلدىن دۈشمەنگە باش ئەگمىگەن،جەڭدە ئەمەس،ئۈستەلدە مەغلۇپ بولىدىغان.
دۇنياغا يىپەك يولى بىلەن مەدەنىيەت تارقاتقان.مەسئۇلىيەت،ۋىجدان،غۇرۇرنى جاندىن ئەزىز بىلىدىغان،ھە ق ئۈچۈن جاندىن كىچىدىغان ئوغلاننى تەربىيىلىيەلەيدىغان ئانىلارغا ،تىرىشچان ۋە نومۇسچان ،مىللەت ۋە ۋەتەنگە خەۋپ كەلگەندە جەڭگىۋارلىقى يىگىتلەردىن قىلىشمايدىغان ساھىبجامال قىزلارنى تەربىيىلەيدىغان روھقا ئىگە بىر قەۋىم ئىدى.
2-ئۆزتارىخدابىرقانچە ئىمپىراتۇرلۇ ق قۇرغان،قۇدرىتى 4ئىقلىمغا كەڭ تارقالغان قەۋىم بولۇپ.قىسقىغىنە 10يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم دۈشمەننى ئانا يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرا لىغان.بىراق ئۈستەل يۈزىدە مەغلۇپ بولغان قەۋىم بولۇپ قىنىدا ئەجدادلىرىنىڭ قىزىق قىننى ئىلىپ يۈرگەن ھىيلە نەيرەڭلەر دەستىدىن باتۇرلۇقىنى دۈشمەنگە ئەمەس بىر-بىرىگە ئىشلىتىدىغان روھى خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
3-مەدەنىيەت جەھەتتە ھەرقاندا ق مىللەتتىن ئۈستۈن بولۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ ،دۈشمەنلەرنىڭ ئىچى تارلىقى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ بىخۇد،مەسۇلىيەتسىزلىكى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە تىل-يىزىق ،ۋە ئاشۇ بۈيۈك مەدەنىيەتلەربىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ بۈيۈك نامنىڭ، مۇزىخانىنىڭ بوسۇغىسىدا بىچارىلەرچە تەمتىرەپ يۈگەن بەرباد ،ئالتۇن تاۋاقلىق تىلەمچى بولۇپ قالغان.
4-تارىختا ئۆزىنى بۆرە ئەۋلادى دەپ ئىتپاقلىشىپ،شىريولۋاس،تۈلكىلەرنى غال-غال تىترەتكەن،جاھان تەرەققىي قىلىپ بۆرىدىن ئىتقا ئايلانغان ،تۈلكە غوجىسىغا قۇللۇ ق قىلىپ،بىر-بىرىنى تالايدىغان ئەسلىنى ئۇنتۇغان كىملىكىنى بىلىشنى خالىمايدىغان ،بىلدۈرگەنلەرنى بىرپارچە سۆڭەك ئۈچۈن چىقىپ قويىدىغان پەسكەشلىكلەرنى ئۆزىگە مىجەزقىلۋالغان.
يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەر گەرچە ھەممىسى بولالمىسىمۇ بىرا ق ئەسلىنى، ئاپئاق غوجا ،سەيپىدىن گە ئوخشاش پەسەندى مەخلۇقاتلار تەرىپىدىن غايىب بولغان ۋە يوقىتىلغان ئاشۇ سەرسان روھنى ئىزدەشكە ياردىمى بولسۇن دېدىم.
ئەۋلادلىرڭىزسىزدىن ئەنسىرەپ كەتتى.قىز ئوغۇللىرڭىز كېسەل بولۇپ كوچا دوقمۇشلاردا يىتىپ قالدى.ئاتا ئانىڭىز يوقسۇزلۇ ق،غىرىپلىق ۋە كەمسىتىلىنىشتە ھا لى بەك خاراب. دوختۇرلار ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاتمىسا ئۆلۈپ كېتىدۇ دەيدۇ.مەزكۇر ئېلاننى كۆرگەندىن كىيىن چاققان قايتىپ كىلشىڭىزنى سورايمىز.پۈتۈن تورداشلارنىڭ بۇ ئېلانى تارقىتىپ ئاشۇ بىگۇناھ ئاتا -ئانا ئەۋلادلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.ئۇيغۇر ئەگەر ۋىجدانىڭىز بولسا مۇشۇ ئېلاننى كۆرگەندىن كىيىن چاققان ئۈيىڭىزگە كېلىپ تارىخ ۋە كەلگۈسىڭىزنى قۇتقۇزۇڭ.

مەزمۇننى بۇ يەردىن يۆتكەپ كىلىنگەن
tisdag 9 juni 2009

PostHeaderIcon ئىسلامى كۈي، ئاللاھ

Dawami

PostHeaderIcon ئۆزبىكچە ،ھەقىقەت

ئۆزبىكچە ( ھەقىقەت ) 1


ئۆزبىكچە ( ھەقىقەت ) 2



ئۆزبىكچە ( ھەقىقەت ) 3



ئۆزبىكچە ( ھەقىقەت ) 4



ئۆزبىكچە ( ھەقىقەت ) 5



ئۆزبىكچە ( ھەقىقەت ) 6



ئۆزبىكچە ( ھەقىقەت ) 7


fredag 5 juni 2009

PostHeaderIcon جەننەت قانداق جاي؟

ئېھ! جەننەت، جەننەت! بالىلار بىلەمسىلەر؟ جەننەت قانداق جاي؟ ئەگەر مەن جەننەت ھەققىدە گەپ باشلىسام گېپىم ھېچ تۈگىمەيدۇ... ئەمما مەيلى كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئازغىنە بولسىمۇ سۆزلەپ بېرەي. قالغىنىنى چوڭ كىتابلارنى ئوقۇغۇدەك بولغاندا ئۆزىڭلار بىلىۋالىسىلەر. سىلەرگە جەننەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى قايسى باغقا، قايسى گۈزەل شەھەرگە ئوخشاتسام بولاركىن-ھە؟ ياق، ئۇنى ھېچ نەرسىگە ئوخشىتالمايمەن. چۈنكى بۇ دۇنيادا جەننەتكە ئوخشايدىغان ھېچقانداق جاي يوقدە..؟!ئۇ يەر شۇنداق چىرايلىقكى، سۆز بىلەن تەرىپلەپ بولغىلى بولمايدۇ. ئۇ يەرگە پەقەت بېرىپ كۆرۈپ بېقىش كېرەك. ئەنە شۇنداق چاغدىلا جەننەنتنىڭ قانداق جاي ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز. "جەننەتتە كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان، ئادەمنىڭ خىيالدىن ئۆتمىگەن نەرسىلەر بار" دېگەن پەيغەمىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام. جەننەت ھازىر بارمۇ؟ ئەلۋەتتە، جەننەت ھازىر بار. ئۇ يەتتە قەۋەت ئاسماننىڭ ئۈستىگە، ئاللاھ ئەرشنىڭ ئاستىغا جايلاشقان. ئۇ ناھايىتى چىرايلىق باغلاردىن، شارقىراپ ئېقىۋاتقان دەريالاردىن، ئاجايىپ شەھەر ۋە مەملىكەتلەردىن، سايىسى سالقىن ئارامگاھلاردىن بېزەلگەن. جەننەتتكە كىرگەن ئادەم، بۇ دۇنيانى ئۇنتۇپ ھېچ قايتىپ چىققىسى كەلمەيدۇ. ئۇنداق قانچىلىك كاتتىلىقىنى ئېيتايمۇ؟ يەتتە قەۋەت ئاسمان بىلەن يەتتە قەۋەت يەرنىڭ ھەممىسى قوشۇلسىمۇ، جەننەتكە ھەرگىز تەڭ بولالمايدۇ. جەننەت ئەنە شۇنداق ئېسىل جاي! ئۇنىڭ خۇشبۇي ھېدى 100 يىللىق يىراق يولدىن كېلىپ تۇرىدۇ. جەننەت قەۋەت - قەۋەت قىلىپ يارىتىلغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرىسى "فىردەۋىس جەننىتى" دەپ ئاتىلىدۇ. دۇنيا يوق بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما جەننەت ھەرگىز يوقالمايدۇ. جەننەتنىڭ سەككىز دەرۋازىسى بار. دارۋازىلار شۇنداق كەڭرىكى، ئۇ چېتدىن - بۇ چېتىگىچە 40 يىللىق يولدۇر. جەننەتنىڭ ئالدى دەرۋازىسىغا تۇنجى بولۇپ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام كېلىدۇ. جەننەت ئۇ كىشىگە ئېچىلىدۇ. جەننەتكە ئەڭ ئاۋۋال شۇ زات كىرىدۇ. كېيىن ئۇ كىشىنىڭ ئۇممەتلىرى مۆئمىنلەر، يەنى بىز مۇسۇلمانلار كىرىمىز. شۇنىڭدىن كېيىن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇممەتلىرى كىرىدۇ. دىن يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلەر، ئىلىمىگە ئەمەل قىلغان ئالىملار، كەمبەغەللەرنى ياخشى كۆرگەن بايلار ۋە ياخشى كىشلەر جەننەتكە بىرىنجى تۈركۈمدە كىرىدۇ. جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپ قىسمى كەمبەغەللەر ۋە كۆپ زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىلەر بولىدۇ. ئاتا - ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئالغان ئادەملەر، ئېرىنى رازى قىلغان ئاياللار، خۇش پېئىل كىشلەرمۇ جەننەتكە تېزرەك كىرىدۇ. جەننەتنىڭ كۆپ دەرىجىسى بار. ئىنسانلار دۇنيادا قانچىلىك ئەمەل قىلغانلىقىغا قاراپ، تۈرلۈك خىل دەرىجىدە جاي ئالىدۇ. جەننەتنىڭ ھاۋاسى بەكمۇ يېقىملىق بولۇپ، سوغۇقمۇ ئەمەس، ئىسسىقمۇ ئەمەس. دائىم ئىللىق باھاردەك بولۇپ تۇرىدۇ. ئەتتىگىنى كۈن چىقىش ئالىدىدا تۇرغان بىر ۋاقىت باركى، جەننەت دەل شۇ ۋاقىتقا ئوخشاش پاكىز ھەم ساپ بولىدۇ. ئۇ يەردە قۇياش بولمايدۇ. ئەمما ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن ھەممە جاي يوپيورۇق بولۇپ تۇرىدۇ.

بالىلار! جەننەتنىڭ مېۋىلىرىگە كەلسەك، ئۇنىڭ نەچچە مىڭ خىل ئىكەنلىكىنى بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇلار ھازىر مەي باغلاپ پىشىپ، جەننەتكە كىرىدىغان ئادەملەرنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇلار ھەرگىز. پۇراپ قالمايدۇ، سېسىمايدۇ. تىك تۇرۇپ ئۈزىمەن دېسىڭىزمۇ، ئولتۇرۇپ ئۈزىمەن دېسىڭىزمۇ، يانپاشلاپ يېتىپ ئۈزۈپ يەيمەن دېسىڭىزمۇ بولىدۇ. جەننەت مېۋىلىرى سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئۆزى كېلىپ تۇرىدۇ. بىرنى ئۈزسىڭىز، ئۇنىڭ ئورنىغا دەرھال يېڭىسى ئۆسۈپ تۇرىدۇ. ئۇ مېۋىلەر شۇنداق شېرىنكى، تەمى ئاغزىڭىزدىن ھەرگىز كەتمەيدۇ. ئەگەر گۆش يېگىڭىز كېلىپ قالسا، ئالدىڭىزغا تۈرلۈك قۇشلار ئۇچۇپ كېلىشىدۇ. شۇنداقلا تىلغا كېلىپ سىزگە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلايدۇ. "مەن پالانى قۇشمەن، پالان نەرسىنى يەپ چوڭ بولغانمەن، مېنىڭ گۆشىمنى يەڭ دەيدۇ-بىرسى."، "مەن پالان - پالان گۈللەرنى يەپ ئۆسكەنمەن، مېنىڭ گۆشىم تېخىمۇ شىرىن، مېنى يەڭ دەيدۇ يەنە بىرسى" سىز قايسى بىرسىنى تاللىسىڭىز، ئۇ شۇ ھامان پىشىپ، ئويلىغىنىڭىزدەك ئالدىڭىزغا كېلىدۇ. يەپ بولۇشىڭىز بىلەنلا ئۇ يەنە تىرىلىپ ئۇچۇپ كېتىدۇ. جەننەتتە بىر ئادەمگە مىڭ خىزمەتچى بولىدۇ. ئۇلار يېنىڭىزغا كەلگەندە نازۇ - نېئمەتلەرنى ئېلىپ كېلىشىدۇ. ھەر قېتىم كەلگەندە 70 خىلدىن ئارتۇق تائاملار، سان - ساناقسىز قەدەھلەردە ئىچملىكلەرنى ئېلىپ كېلىشىدۇ. تاللىغان تائاملىرىڭىزدىن ئارزۇيىڭىز بويىچە يەۋىرىسىز. خالىغان ئىچملىكلەرنى ئىچىۋىرىسىز. قورسىقىڭىز تويۇپ بىئارام بولمايسىز. تائامدىن كېيىن ھاجەت قىلىش بولمايدۇ. يىگەن تائاملىرىڭىز تەرگە ئايلىنىپ ئۆزى چىقىپ كېىتدۇ. تېرىڭىزدىن چىققان شۇ تەردىن ئاجايىپ خۇشپۇراق ئەتىرنىڭ ھېدى كېلىدۇ. جەننەتتە مىشقىرىش، تۈكۈرۈش، يۆتىلىش، شامالداش، كېسەل بولۇش يوق. ئاللا ئۇ يەردە ھەممە ئادەملەرگە يېڭىدىن بەدەن ئاتا قىلىدۇ. بەدىنىڭىزدە قان، يىرىڭ، بەلغەم بولمايدۇ. نەپەسلەنگەن چېغىڭىزدا، ئاغزىڭىزدىن ئۆز-ئۆزىدىن ھەمدۇ- سانا ۋە تەسبىھ چىقىپ تۇرىدۇ. جەننەتتە ھەر بىر ئىنسانغا تائام يىيىش، ئىچىش، ۋە باشقا ئىشلار ئۈچۈن 100 ئادەمنىڭ كۈچى بېرىلىدۇ. بۇنداق ياخشىلىقلار بۇ دۇنيادا ھارام نەرسە يىمىگەن، ھارام ئىشلارنى قىلمىغان، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى دېگەن ئىشلارنى قىلغان، نەپسىنى تېزگىنلىگەن ئىنسانلار ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان.

ئى بالىلار! جەننەتتە قېرى مۇمايلار ياش قىزلارغا ئايلىنىپ كىرىدۇ. بۇۋايلار يىگىتقا ئايلىندۇ. ساقاللار بولمايدۇ. جەننەتتە ھەممە ئادەملەر بىر خىل ياشتا يەنى 33 ياشتا بولىدۇ. ھەرگىز قېرىمايدۇ ھەم ئۆلمەيدۇ. دائىم ياش ۋە چىرايلىق ھالىتدە بولۇپ يۈرۋېرىدۇ. جەننەتتە بىر بازار بولۇپ، ئۇ يەردە ھېچنىمە سېتلمايدۇ. ئەمما ھەرخىل چىرايلىق ئادەملەرنىڭ سۈرىتى بولىدۇ. شۇ يەرگە قايسى سۈرەت سىزگە ياقسا شۇنى تاللايسىز. سىز شۇ سۈرەتتىكى چىرايلىق ئادەمگە ئايلىنىسىز. شۇنداق قىلىپ جەننەتتە ھەممە ئادەم ئۆزى خالىغانچە چىرايلىق ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. جەننەتتە بىر دېڭىزدا سۇ، يەنە بىر دېڭىزدا سۈت، يەنە دېڭىزدا ھەسەل، يەنە باشقا دېڭىزدا باشقا ئىچملىكلەر بولىدۇ. ئەنە ئاشۇ دېڭىزلاردىن، دەريالاردىن توختىماي ئىچملىكلەر ئاقىدۇ. ئۇ ئۆيىڭىزنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. ئەمما ھېچكىمگە زىيان سالمايدۇ. ئادەملەر ئۆيىدە تۇرۇپ جەننەتنى تاماشا قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ يەردە يەنە بىر دەريا بار. دەريانىڭ بويىدا چىرايلىق قىزلار بولىدۇ. ئۇ بەكمۇ چىرايلىق ئاۋازلىرى بىلەن ناخشا ئېيتىشىدۇ. ئادەملەر كېلىپ ئۇلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلايدۇ. ئۇنداق چىرايلىق ئاۋازنى دۇنيادا ھېچكىم ئاڭلىمىغان. ئاشۇ قىزلاردىن قايسىبىرى كىمگە يېقىپ قالسا، ئاللاھ ئۇنى شۇ كىشىگە ھەدىيە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا ئاللاھ شۇ زامان باشقىسىنى يارىتىپ قويىدۇ. ئاللاھ ھەر بىر كىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلسۇن دەپ 72 قىز سوۋغا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىككىسى بۇ دۇنيادىكى قىز - ئاياللاردىن، 70 ى جەننەت ھۆرلىدىن بولىدۇ. جەننەت مۆئىمن ئاياللارمۇ ئۆزلىرى خالىغان كىشلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ. ئۇلارغا ئاللاھ تېخىمۇ كۆپ ياخشىلقلارنى تەييارلاپ قويغان.

ئى بالىلار! جەننەت بىر دەرەخ بار. ئەگەر سىز ئۇنىڭ ئاستىدا ئات بىلەن 100 يىل چاپسىىڭىزمۇ سايسى تۈگىمەيدۇ. جەننەتتە قاناتلىق ئۇچار ئاتلار بولىدۇ. ئۇنى مىنسىڭىز سىزنى ئۇچۇرۇپ ئوينىتىدۇ. ئەمما يىقىتىۋەتمەيدۇ. ئېلىپ قېچىپ كەتمەيدۇ. قەيەرگە دېسىڭىز "خوپ" دەپ ئېلىپ بېرىپ سىزنى تاماشا قىلدۇرىدۇ. بۇ دۇنيادا كەم ئەمەل قىلغان، جەننەتكە ھەممىدىن كېيىن كىرگەن، ئەڭ ئاز مۇكاپات ئالىدىغان كىشى ھەققىدە سۆزلەپ بېرەيمۇ؟ ئۇ ئادەمگە جەننەت بېرىلىدىغان باغلار، گۇلزارلار، شەھەر ۋە مەملىكەتلەر، ھازىر بىز ياشاۋاتقان دۇنيا بىلەن باراۋەر بولىدۇ. كېيىن ئۇنىڭغا يەنە شۇ دۇنيادىن 10 ھەسسە بېرىلىدۇ. ئەنە قاراڭ؟ جەننەتتىكى ئەڭ ئاز مۇكاپات شۇ بولسا، ئەمدى راسا كۆپ ئەمەل قىلغان ئادەمگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتنى قانداق تەسەۋرۇر قىلغىلى بولىدۇ؟ جەننەتنىڭ شەھەر ۋە كوچىلىرى ساراي ۋە قەسىرلىرى، ھويلا - ئۆيلىرى، ئالتۇن كۆمۈشتىن، ياقۇت ۋە زەرلەردىن، مەرۋايىت ۋە زۇمرەتلەردىن بولىدۇ. يەردە چاڭ - توزان ۋە كىرلەر يوق بولۇپ، يەردە خۇشپۇراق چېچىپ تۇرىدىغان زەفىران بولىدۇ. بولدى بەس! جەننەتتە ئىنسانلارغا تەبىئىتىگە نېمە ياقسا شۇ بار، نېمە ياقمىسا ئۇ دوۋزاخقا يۆتكەپ قويۇلغاندۇر. جەننەتكى ئەڭ چوڭ نېئمەت ۋە مۇكاپات شۇكى، ھەممە مۆئمنلەر ئاللاھنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. شۇنداقلا يۇزمۇ - يۈز تۇرۇپ سالاملىشدۇ، پاراڭلىشىدۇ. بۇ ئەڭ ئۇلۇغ بەخىتتۇر. دېمەك بىز جەننەتتە ئاللاھنى ۋە پەيغەمبىرىمىزنى كۆرىمىز. بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بوۋا - مۇمىلىرىمىزنى ئىنىشائاللاھ جەننەتتىن تاپىمىز. ئۇ يەردە ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادەملىرى، دوستلىرى بىلەن بىرگە ياشايدۇ. بىز ياشاۋاتقان دۇنيا قىيامەت كۈنى يوق بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ مۆئىمنلەرنى جەننەتتكە كىرگۈزىدۇ. جەننەت بۇ دۇنيادا ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈپ ئىبادەت قىلغان، پاكىزە ھايات كەچۈرگەن، سەبرىلىك، غەيرەتلىك ۋە جەسۇر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان. مۇسۇلمانلار جەننەت ئەبەدىي راھەتتە ياشايدۇ. ئەمما جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن، ئىنسان بۇ دۇنيادا ھەق يولدا بۇلىشى، قېينچىلىق ۋە سىناقلارغا چىرايلىق سەۋرى قىلىشى كېرەك.

ئى بالىلار! ياخشىسى ئۆزۈڭلار تېزراق كىتاب ئوقۇيالايدىغان بولۇڭلار. شۇندىلا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالىسىلەر. ئەڭ مۇھىمى، سىلەر جەننەتكە كىرىدىغان ياخشى بالىلار ۋە ياخشى قىزلار بولۇڭلار. ئىلىملىك، ئەدەبلىك، ئىبادەتلىك، تەقۋالىق، مېھنەت سۆيەر، سەۋرلىك ۋە قورقماس بولۇپ ئۆسۈڭلار. قورۇقماي ياشاڭلار.

خوش بالىجانلار، سىلەردىن ئەمدى سوئال سورايمىز.

----------------------------------------


1- سۇئال: پەيغەمبىرىمىز جەننەتنى قانداق تەرىپلىگەن؟ جەننەت ھازىر قەيەردە؟

2- سۇئال: جەننەتتكە ئەڭ ئاۋال كىملەر كىرىدۇ؟

3- سۇئال: جەننەت ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

4- سۇئال: جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىش كېرەك؟
مەنبەسى : ئىسلام ئائىلىسى

PostHeaderIcon {قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى چۇقۇم كۈرۈڭ}

(قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ) دىن بايانلار !

*نېمىشقا ھەقىقەتنى سۆزلىمەك شۇنچىلا تەس، يالغاننى سۆزلىمەك شۇنچىلا ئاسان؟
نېمىشقا بىزلەر مەسچىتتە شۇنچە مۈگدەيمىز، لېكىن ناماز تۈگۈشىگىلا توساتتىن ئويغۇنىمىز؟
*نېمىشقا ﷲنى سۆزلىمەك شۇنچىۋالا تەس، لېكن پەس ئېشلارنى سۆزلىمەك شۇنچىۋالا ئاسان؟
*نېمىشقا ئسلامى ماقالىلارنى كۆرۈش شۇنچىۋالا زېرىكىشلىك، لېكىن پەس ماقالىلانى كۆرۈش شۇنچىۋالا ئاسان
*نېمىشقا ﷲ توغرۇلۇق ئېىلخەتلەرنى ئۆچۈرۈۋىتىش شۇنچىۋالا ئاسان، لېكىن بىز ھەممىمىز پەسكەش ئىلخەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرسى-بىرسىمىزگە يەتكۈزىمىز؟

* نېمىشقا مەسچىتلەر كىچىكلەپ، دېسكوخانىلار چوڭۇيۇپ كېتىدۇ؟ سىز ۋاز كېچەمسىز؟

ئويلۇنۇپ بېقىڭ......

سىز بۇ خەتنى باشقىلارغا ئۇلاپ يوللامسىز ياكى ئۆچۈرۈۋىتەمسىز؟
شۇ ئېسڭىزدە بولسۇن- ﷲ سىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.)
دۇئا چاقى(تەرجىمە قىلغۇچىدىن: ئېنگلىزچىسىدە Prayer Wheel دەپ ئېلىنغان، توردىن ئاختۇرۇشۇمچە، دۇئا يېزىلغان سىلىندىرسىمان نەرسىكەن. تىبەت بۇددۇسلىرىنىڭ قارىشىچە،

بۇ چاقنى دۇمۇلاتقانلىقنىڭ شۇ ئۈستۈگە يېزىلغان دۇئالارنى ئوقۇغان بىلەن ئوخشاش رولى باركەن.)، بىز شەيتاننىڭ بۇنى توختاتقىنىنى كۆرەيلى! بۇ دەل چاقنىڭ ئەسلى مەنىسدۇر. بۇ ئېلخەتنى قوبول قىلغاندا، مۇشۇنى ئەۋەتكەن كىشى ئۈچۈن بىر دۇئا قىلىپ قويۇڭ......
ھېچقانداق ھەق يوق، لېكىن ئسىل مۇكاپاتلار بار...... بىز بىر-بىرىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى داۋاملاشتۇرايلى.


بىز مۇشۇ ماقالىنى كۆرۈۋاتقىچە پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇشۇ ئالامەتلەردىن ئالدىن خەۋەر بەرگەن ۋاقتىدا، قانچىلىك راس سۆزلىگەنلىكىنى تونۇپ يېتىمىز. 1400 يىل ئىلگىرى!!!

كۆرۈپ باققىن..... ھازىر بۇ قورقۇنۇشلىق، لېكىن شۇنچىۋالا راست!!!!

*تۆگە قاتناش قورالى بولماي قالىدۇ.

*كىشىلەر ئىگەرلەرگە مۈنىدۇ، لېكىن ئۇ ئىگەر ئەمەس؛(پىكاپ؟)

*يەردىكى ئارلىق قىسقىراپ كىتىدۇ؛ ~

*ئاتلار ئۇرۇشتا ئىشلىتىلمەيدۇ؛ )

*مۇسۇلمانلا بىزەنتىيانلارنى(Byzantines) مەغلۇپ قىلىدۇ، بۇ كونسىتەنتىنوپولنىڭ(ئىستانبول) ئىگەللىنىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ؛ .
*يەھۇدىلار بىلاد كاناندا ( Bilad Canaan) ياشاش ئۈچۈن قايتىدىن توپلىنىدۇ؛ -

*ناھايىتى ئىگىز بىنالار سېلىنىدۇ؛

* ئىلىم يوقاپ، نادانلىق مەيدانغا كىلىدۇ، قىرغىنچىلىق بىلەن

*قانۇنسىز جىنسى مۇناسىۋەت كەڭ تارقىلىدۇ،( ئىنگلىزچىسىدە Adultery دەپ ئالغان، بۇ توي قىلىپ بولغان كىشىلەرنىڭ، ئۆز ھالال جۇپتى بىلەن ئەمەس ، باشقىلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشىدەك مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.) ھاراق-شاراپ ئىچىش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالىدۇ؛

*50 ئايالغا قاراشقا بىر ئەر قالغىچە، ئەرلەرنىڭ سانى ئازداپ، ئاياللارنىڭ سانى كۆپىيىدۇ؛ : 
*روزا ، ناماز، سەدىقە ۋە باشقا ئادەتلەرنىڭ نىمىلىكىنى بىلىدىغان كىشى تۈگۈگەنگە قەدەر ، ئىسلام كىيىملەر كونىراپ يىرتىلغاندەك، يىرتىلدۇ؛
* ﷲ قانۇنسىز جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىلارغا داۋاسى يوق بىر كىسەل ئەۋەتىدۇ؛(ئەيدس؟)`
*كىشىلەر يۇلتۇزلارغا ئىشىنىشقا باشلاپ، ئەل قەدرنى (تەقدىر توغرىسىدىكى مۇقەددەس بۇيرۇقلار)رەت قىلىدۇ؛
*كىشىلەر باشقىلارنىڭ قەبرىسىدىن ئۆتكۈچە مۇنداق دەيدۇ:' مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولسام بوپتىكەن'

( ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتىردىك ئۆلۈمنىڭ كۆپ يۈز بېرىشى؟)[
*ئېفرات دەرياسىدا (The Euphrates) ئالتۇن تاغ بايقىلىدۇ، كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ(سۈرىيەگە يېقىن ئالفۇرات 'Alfurat' دەرياسى)؛

*چوڭ ئىككى گۇرۇپ كىشىلەر بىر-بىرىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ ئۇرۇشتا ئۆلىدۇ؛ ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش بىر دىنغا ئەگىشىدۇ؛(ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى؟)
*تەخمىنەن 30 جەللال مەيدانغا كىلىدۇ، ھەر بىرسى ئۆزۈنى ﷲنىڭ ھەقىقىي ئەلچىسى دەپ جار سالىدۇ:

*يەر تەۋرەش كۆپۈيىدۇ؛

*ۋاقت ئىتتىك ئۆتىدۇ؛
*ئازابلار كۆپىيىدۇ؛
*ئۆلتۈرۈش كۆپۈيىدۇ؛

*بايلىق كۆپۈيىدۇ؛

*ئاياللار كىيىم كەيمىگەندەكلا كىيىملارنى كىيىدۇ؛

*پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن:' ئەگەر مىنىڭ ئۈممىتىم 15! خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولسا، ئازاپقا قالىدۇ.'( قىيامەت كۈنى) بەزىلەر سورىدى:' ئى! ﷲنىڭ ئەلچىسى ئۇلار قانداق كىشىلەردۇر؟' پەيغەمبىرىمىز شۇنداق جاۋاب بەردى:

*تاپاۋەتلەر بايلار ئارىسدىلا بۆلۈنۈپ، كەمبىغەللەرگە پايدىسى يەتمىگەندە؛

* ئامانەت پايدا ئېلىشنىڭ بىر خىل قورالى بولۇپ قالغاندا؛
*زاكات بىرىش بىر خىل يۈككە ئايلىنىپ قالغاندا؛*مەسچىتتە ئاۋازلار يۇقۇرلىغاندا؛
*يول باشچىسى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ناچىرى بولغاندا؛

*كىشىلەر بىر كىمنىڭ نىمە قىلىش مۇمكىنچىلىقىغا قاراپ ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا؛
*كۆپ ھاراق ئىچىلگەندە؛ قىزىل شامال ياكى يەر ئۇلارنى يۈتۈدۇ ياكى ھايۋانلارغا ئايلىنىپ كىتىدۇ.'
*ئىمران ئبن ھۈسەين مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ:' پەيغەمبىرىمىز شۇنداق دىگەن، 'بۇ ئۈممەتتىن بەزى كىشىلەرنى يەر يۈتۈۋىتىدۇ ياكى ھايۋانلارغا ئايلىنىپ كىتىدۇ، بەزىسى بولسا تاشلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. ' بىر مۇسۇلمان شۇنداق سورىدى، ئى! ﷲنىڭ ئەلچىسى بۇ قاچان يۈز بىرىدۇ؟ ' پەيغەمبىرىمىز شۇنداق جاۋاب بېرىدۇ،'ناخشىچىلار ۋە مۇزىكىلىك ئەسۋابلار مودا بولغانداھەم ھاراق كۆپ ئىچىلگەندە.''
*قىيامەتنىڭ تىخىمۇ چوڭ ئالامەتلىرى شۇكى، قۇرئان بىر كىچىدىلا غايىپ بولىدۇ، ھەتتا كىشىلەرنىڭ قەلبىدىنمۇ، ھەمدە يەر يۈزىدە ھېچقانداق ئايەت قالمايدۇ.( بەزى قېرىلار قېپ قالىدۇ، ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: 'بىز ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ « لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېگىنى ئاڭلىغان، شۇڭا بىز ئۇنى قايتىلايمىز'

*مەھدىنىڭ (MAHDI) پەيدا بولۇشى؛ "

*دەججالنىڭ( ئىساغا قارشى) پەيدا بولۇشى؛

*يەجۇج ۋە مەجۇجنىڭ پەيدا بولۇشى؛(ئىنجىلدىكى گوگ ۋە ماگوگGog and Magog) MWGvaed
*ئىسا دەججەل زامانىدا چۈشىدۇ؛
*قوياشنىڭ غەربتىن چىقىشى؛
*كەئبىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ۋە ئۇنىڭ بايلىقلىرنىڭ ئەسلىگە كىلىشى؛ *ئىس-تۈتەك؛
سىزنىڭ ھازىر ئىككى تاللىشىڭىز بار:

1- بۇ ئۇچۇرنى ئۆز جايىغا قويۇپلا قويۇش. سىز قارغشقا ئۇچرىمايسىز ياكى باشقا ئىشلار سىزگە يۈز بەرمەيدۇ( ئىنشا ﷲ).
2-بۇ ئۇچۇرنى سىز تونۇيدىغان كىشىلەرگە يەتكۈزۈش. ﷲنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئەۋەتكەن ھەر بىر كىشى ئۈچۈن سىزگە سالاملار يوللىنىدۇ.

مۇنبەر ئارىلاۋىتىپ بۇ تىمىنى كۆرۈپ قالدىم،،شۇڭا كۆپچىلىكنڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم،،،،،ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر~!

مەنبەسى http://bbs.uzmakan.com
tisdag 2 juni 2009

PostHeaderIcon ھەزىرتى يۈسۈپ ئەلەيھىسالام

Dawami

PostHeaderIcon تۈرۈكچە كىنو. ئالىيا

Dawami

PostHeaderIcon تۈرۈكچە كارتون. سۇلتان مۇھەممەد

Dawami

PostHeaderIcon ھەزىرتى ئىبراھىم ئەلەيھىسالام

باش بۈلۈم

ئاخىرقى بۈلۈم
Dawami

PostHeaderIcon جەننەت ۋە جەھەننەم

Dawami

PostHeaderIcon ھەزىرتى نۇھ ئەلەيھىسالام ۋە توپان بالاسى

Yüklendikten sonra çizgi filmi izlemek için Play tuşuna basın.
i

بلوگ بىلدۈرگۈسى

ھەق يول
Essalamu eleykum qerindashlar! Heqyol islam blogi blogdiki bezi ixtidarning kemchilliki we sighimining kichikligi tupeyli blogdin muqim boshluqqa köshti. muqim adirsimiz www.heqyol.cn insha allah bundin kiyin yèngi adirsqa kilishingizni tewsiye qilimen. Hörmet bilen: Heqyol
Visa hela min profil

زىيارەتچىلەر سانى

زىيارەتچىلەر ئورنى