fredag 29 maj 2009

PostHeaderIcon سۈرە فاتىھە مەككىدە نازىل بولغان، 7 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان الله نىڭ ئىسمى بىلەن باشليمەن.
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان الله نىڭ ئىسمى بىلەن باشليمەن [ 1]. جىمى ھەمدۇسانا
.[ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى الله قا خاستۇر [ 2]. الله ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر [ 3
قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر [ 4]. (رەببىمىز) ساڭىل ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنل ياردەم
تىلەيمىز [ 5]. بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن [ 6]. غەزىپىڭگە يولۇققانلرنىڭ ۋە ئازغانلرنىڭ
.[ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلرنىڭ يولىغا (باشلىغىن) [ 7

onsdag 27 maj 2009

PostHeaderIcon قىيامەتنىڭ ئالامەتلىر دىن بايانلار

قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ) دىن بايانلار !

*نېمىشقا ھەقىقەتنى سۆزلىمەك شۇنچىلا تەس، يالغاننى سۆزلىمەك شۇنچىلا ئاسان؟
نېمىشقا بىزلەر مەسچىتتە شۇنچە مۈگدەيمىز، لېكىن ناماز تۈگۈشىگىلا توساتتىن ئويغۇنىمىز؟
*نېمىشقا ﷲنى سۆزلىمەك شۇنچىۋالا تەس، لېكن پەس ئېشلارنى سۆزلىمەك شۇنچىۋالا ئاسان؟
*نېمىشقا ئسلامى ماقالىلارنى كۆرۈش شۇنچىۋالا زېرىكىشلىك، لېكىن پەس ماقالىلانى كۆرۈش شۇنچىۋالا ئاسان *نېمىشقا ﷲ توغرۇلۇق ئېىلخەتلەرنى ئۆچۈرۈۋىتىش شۇنچىۋالا ئاسان، لېكىن بىز ھەممىمىز پەسكەش ئىلخەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرسى-بىرسىمىزگە يەتكۈزىمىز؟ -.

* نېمىشقا مەسچىتلەر كىچىكلەپ، دېسكوخانىلار چوڭۇيۇپ كېتىدۇ؟ سىز ۋاز كېچەمسىز؟

ئويلۇنۇپ بېقىڭ...... !

سىز بۇ خەتنى باشقىلارغا ئۇلاپ يوللامسىز ياكى ئۆچۈرۈۋىتەمسىز؟
شۇ ئېسڭىزدە بولسۇن- ﷲ سىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.)
دۇئا چاقى(تەرجىمە قىلغۇچىدىن: ئېنگلىزچىسىدە Prayer Wheel دەپ ئېلىنغان، توردىن ئاختۇرۇشۇمچە، دۇئا يېزىلغان سىلىندىرسىمان نەرسىكەن. تىبەت بۇددۇسلىرىنىڭ قارىشىچە،

بۇ چاقنى دۇمۇلاتقانلىقنىڭ شۇ ئۈستۈگە يېزىلغان دۇئالارنى ئوقۇغان بىلەن ئوخشاش رولى باركەن.)، بىز شەيتاننىڭ بۇنى توختاتقىنىنى كۆرەيلى! بۇ دەل چاقنىڭ ئەسلى مەنىسدۇر. بۇ ئېلخەتنى قوبول قىلغاندا، مۇشۇنى ئەۋەتكەن كىشى ئۈچۈن بىر دۇئا قىلىپ قويۇڭ...... ھېچقانداق ھەق يوق، لېكىن ئسىل مۇكاپاتلار بار...... بىز بىر-بىرىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى داۋاملاشتۇرايلى.
بىز مۇشۇ ماقالىنى كۆرۈۋاتقىچە پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇشۇ ئالامەتلەردىن ئالدىن خەۋەر بەرگەن ۋاقتىدا، قانچىلىك راس سۆزلىگەنلىكىنى تونۇپ يېتىمىز. 1400 يىل ئىلگىرى!!! كۆرۈپ باققىن..... ھازىر بۇ قورقۇنۇشلىق، لېكىن شۇنچىۋالا راست!!!!
*تۆگە قاتناش قورالى بولماي قالىدۇ.
*كىشىلەر ئىگەرلەرگە مۈنىدۇ، لېكىن ئۇ ئىگەر ئەمەس؛(پىكاپ؟)
*يەردىكى ئارلىق قىسقىراپ كىتىدۇ؛ ~

*ئاتلار ئۇرۇشتا ئىشلىتىلمەيدۇ؛ )
*مۇسۇلمانلا بىزەنتىيانلارنى(Byzantines) مەغلۇپ قىلىدۇ، بۇ كونسىتەنتىنوپولنىڭ(ئىستانبول) ئىگەللىنىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ؛ .
*يەھۇدىلار بىلاد كاناندا ( Bilad Canaan) ياشاش ئۈچۈن قايتىدىن توپلىنىدۇ؛ - *ناھايىتى ئىگىز بىنالار سېلىنىدۇ؛

* ئىلىم يوقاپ، نادانلىق مەيدانغا كىلىدۇ، قىرغىنچىلىق بىلەن
*قانۇنسىز جىنسى مۇناسىۋەت كەڭ تارقىلىدۇ،( ئىنگلىزچىسىدە Adultery دەپ ئالغان، بۇ توي قىلىپ بولغان كىشىلەرنىڭ، ئۆز ھالال جۇپتى بىلەن ئەمەس ، باشقىلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشىدەك مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.) ھاراق-شاراپ ئىچىش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالىدۇ؛

*50 ئايالغا قاراشقا بىر ئەر قالغىچە، ئەرلەرنىڭ سانى ئازداپ، ئاياللارنىڭ سانى كۆپىيىدۇ؛ :
*روزا ، ناماز، سەدىقە ۋە باشقا ئادەتلەرنىڭ نىمىلىكىنى بىلىدىغان كىشى تۈگۈگەنگە قەدەر ، ئىسلام كىيىملەر كونىراپ يىرتىلغاندەك، يىرتىلدۇ؛ ;
* ﷲ قانۇنسىز جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىلارغا داۋاسى يوق بىر كىسەل ئەۋەتىدۇ؛(ئەيدس؟)`
*كىشىلەر يۇلتۇزلارغا ئىشىنىشقا باشلاپ، ئەل قەدرنى (تەقدىر توغرىسىدىكى مۇقەددەس بۇيرۇقلار)رەت قىلىدۇ؛
*كىشىلەر باشقىلارنىڭ قەبرىسىدىن ئۆتكۈچە مۇنداق دەيدۇ:' مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولسام بوپتىكەن'

( ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتىردىك ئۆلۈمنىڭ كۆپ يۈز بېرىشى؟)*ئېفرات دەرياسىدا (The Euphrates) ئالتۇن تاغ بايقىلىدۇ، كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ(سۈرىيەگە يېقىن ئالفۇرات 'Alfurat' دەرياسى)؛

*چوڭ ئىككى گۇرۇپ كىشىلەر بىر-بىرىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ ئۇرۇشتا ئۆلىدۇ؛ ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش بىر دىنغا ئەگىشىدۇ؛(ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى؟) -5d^n\CDK
*تەخمىنەن 30 جەللال مەيدانغا كىلىدۇ، ھەر بىرسى ئۆزۈنى ﷲنىڭ ھەقىقىي ئەلچىسى دەپ جار سالىدۇ:

*يەر تەۋرەش كۆپۈيىدۇ؛

*ۋاقت ئىتتىك ئۆتىدۇ؛
*ئازابلار كۆپىيىدۇ؛
*ئۆلتۈرۈش كۆپۈيى
*بايلىق كۆپۈيىدۇ؛

*ئاياللار كىيىم كەيمىگەندەكلا كىيىملارنى كىيىدۇ؛

*پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن:' ئەگەر مىنىڭ ئۈممىتىم 15! خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولسا، ئازاپقا قالىدۇ.'( قىيامەت كۈنى) بەزىلەر سورىدى:' ئى! ﷲنىڭ ئەلچىسى ئۇلار قانداق كىشىلەردۇر؟' پەيغەمبىرىمىز شۇنداق جاۋاب بەردى: !
*تاپاۋەتلەر بايلار ئارىسدىلا بۆلۈنۈپ، كەمبىغەللەرگە پايدىسى يەتمىگەندە؛

* ئامانەت پايدا ئېلىشنىڭ بىر خىل قورالى بولۇپ قالغاندا؛
*زاكات بىرىش بىر خىل يۈككە ئايلىنىپ قالغاندا؛*مەسچىتتە ئاۋازلار يۇقۇرلىغاندا؛
*يول باشچىسى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ناچىرى بولغاندا؛ ,

*كىشىلەر بىر كىمنىڭ نىمە قىلىش مۇمكىنچىلىقىغا قاراپ ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا؛ *كۆپ ھاراق ئىچىلگەندە؛ قىزىل شامال ياكى يەر ئۇلارنى يۈتۈدۇ ياكى ھايۋانلارغا ئايلىنىپ كىتىدۇ.'*ئىمران ئبن ھۈسەين مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ:' پەيغەمبىرىمىز شۇنداق دىگەن، 'بۇ ئۈممەتتىن بەزى كىشىلەرنى يەر يۈتۈۋىتىدۇ ياكى ھايۋانلارغا ئايلىنىپ كىتىدۇ، بەزىسى بولسا تاشلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. ' بىر مۇسۇلمان شۇنداق سورىدى، ئى! ﷲنىڭ ئەلچىسى بۇ قاچان يۈز بىرىدۇ؟ ' پەيغەمبىرىمىز شۇنداق جاۋاب بېرىدۇ،'ناخشىچىلار ۋە مۇزىكىلىك ئەسۋابلار مودا بولغانداھەم ھاراق كۆپ ئىچىلگەندە.''
*قىيامەتنىڭ تىخىمۇ چوڭ ئالامەتلىرى شۇكى، قۇرئان بىر كىچىدىلا غايىپ بولىدۇ، ھەتتا كىشىلەرنىڭ قەلبىدىنمۇ، ھەمدە يەر يۈزىدە ھېچقانداق ئايەت قالمايدۇ.( بەزى قېرىلار قېپ قالىدۇ، ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: 'بىز ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ « لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېگىنى ئاڭلىغان، شۇڭا بىز ئۇنى قايتىلايمىز' *مەھدىنىڭ (MAHDI) پەيدا بولۇشى؛ " *دەججالنىڭ( ئىساغا قارشى) پەيدا بولۇشى؛*يەجۇج ۋە مەجۇجنىڭ پەيدا بولۇشى؛(ئىنجىلدىكى گوگ ۋە ماگوگGog and Magog) |MWGvaed `4wy *!]
*ئىسا دەججەل زامانىدا چۈشىدۇ؛ *قوياشنىڭ غەربتىن چىقىشى؛ *كەئبىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ۋە ئۇنىڭ بايلىقلىرنىڭ ئەسلىگە كىلىشى؛ *ئىس-تۈتەك؛ .سىزنىڭ ھازىر ئىككى تاللىشىڭىز بار: 1- بۇ ئۇچۇرنى ئۆز جايىغا قويۇپلا قويۇش. سىز قارغشقا ئۇچرىمايسىز ياكى باشقا ئىشلار سىزگە يۈز بەرمەيدۇ( ئىنشا ﷲ).2-بۇ ئۇچۇرنى سىز تونۇيدىغان كىشىلەرگە يەتكۈزۈش. ﷲنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئەۋەتكەن ھەر بىر كىشى ئۈچۈن سىزگە سالاملار يوللىنىدۇ. مۇنبەر ئارىلاۋىتىپ بۇ تىمىنى كۆرۈپ قالدىم،،شۇڭا كۆپچىلىكنڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم،،،،،ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر~!مەنبە؛ http://bbs.uzmakan.com

PostHeaderIcon دۇئانىڭ ئجابەت بولۇش ۋاقتلىرى

دۇئانىڭ ئجابەت بولدىغان ۋاقتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ مۇھملىرى تۆۋەندىكلەردىن ئبارەت:

*كىچە ۋە كۈندۈزدىكى ۋاقىتلارغا كەلسەك،كىچىنىڭ ئاخرىقى ئۈچتىن بىرىدە(يەنى سەھەر ۋاقتىدا)قىلىنغان دۇئا ئجابەتدۇر.چۈنكى،ئاللاتائالا بۇ ۋاقىتتا دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشىدۈ.ئەزان بىلەن تەكبىر ئارسىدىكى ۋقتتا قىلىنغان دۇئا ئجابەتتۇر.تاھارەت ئالغاندىن كىيىن سەجدە قلغان چاغدا،نامازدىن سالام بىرىشتىن ئلگرى،نامازلاردن كىيىن،قۇرئاننى تامملىغان چاغدا،خوراز چىللغان چاغدا،سەپەرگە چىققان چاغدا،زۇلۇمغا ئۇچۇرغان،قاتتق ئېھىتياجلىق بولۇپ قالغاندا قىلنغان دۇئا ئجابەتتۇر.ئاننىڭ بالىغا قىلغان دۇئاسى،ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمانغا ئۇ يوق يەردە قلغان دۇئاسى،ئۇرۇشتا دۈشمەن بىلەن ئۇچىرشقاندا قلغان دۇئا ئجابەتتۇر.*ھەپتە ئچىدىكى ۋاقىتلارغا كەلسەك،جۈمە كۈنى،بولىپمۇ،جۈمە كۈنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا (شام نامازدىن ئلگىرى)قىلىنغان دۇئا ئجابەتتۇر.*ئاياللارغا كەلسەك،رامىزان ئېيدا ئىپتىارۋە زولۇق ۋاقتتىدا،شەبى قەىر كېچىسى ۋە ئەرەفات كۈنى قىلىنغان دۇئالار ئجابەتتۇر.*ئۇلۇغ جايلارغا كەلسەك،پۈتۈن مەسچىتلەردە، كەبىنىڭ ئالدىدابولۇپمۇ،مۇزلتەلفمدە(يەنى ھەجىر ئەسۋەد بىلەن كەبئنىڭ ئشكى ئارلىقىدا)،ماقامى ئبراھم ،سەفا مەرۋەر بىلەن مەرۋە ئۈستىدە ئەرفاتتا،مۇزدەلفمدە،مىنادىكى ھەج كۈنلىرىدە،زەمزەم سۈيى ئچكەندە ۋە شۇنڭدەك ئورۇنلاردا قىلىنغان دۇئا ئجابەتتدۇر

مەنبە:رىغبەت ئىسلام مۇنبىرى

PostHeaderIcon ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ھەقىقىتى

ئاللاھنىڭ ئسمى بىلەن باشلايمەن.
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ - سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا، "ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ يەكۈنى چىن قەلبىدىن پەرۋەردىگارغا بولغان ھەقىقىي مۇھەببەتنى ئىزھار قىلىشتۇر، ساھابە كىراملارغا تىل ئۇزارتىش ئىمانغا دەخلى يەتكۈزىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.
ئاللاھغا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ ئەمىلى دەلىلى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن ھالقىمىغان ھالدا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئەقىل ئىگىلىرى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى ئۈستىدە داۋاملىق تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتى ۋە ئىمانىنى داۋاملىق يېڭىلاپ كۈچلەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئاقىللارنىڭ زېھنىدىن ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى، ئاللاھنىڭ زىكرى مىنۇت- سىكىنۇتمۇ غايىپ بولمايدۇ. ئىماننىڭ مىۋىسى ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ قەلبىدە مۇستەھكەم مۇھەببەت ئورنىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى قەلبىگە ئورنىغانلارنى ھېچقانداق كۈچ ياكى ئامىل ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىدىن يىراقلاشتۇرالمايدۇ. ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى مۆمىنلەرنى ھەرقانچە ئېغىر بەدەل تۆلەش ۋە قۇربان بېرىشلەرگە توغرا كەلسىمۇ، ئۇ بەرداشلىق بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىدۇ. ئاللاھقا مۇھەببەت قىلغان كىشىدە شۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇكى، كىشىلەر ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن مۇھەببەت قىلىدۇ. ئاللاھ زېمىن يۈزىدە پەزىلەت ئاتا قىلسا، ئاخىرەتتە ئالاھىدە ئىمتىياز بىلەن باشقا ئىنسانلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
مەشھۇر تابىئىنلاردىن بولغان زەيد ئىبنى ئەسلەم مۇنداق دېگەن: "كىمىكى، ئاللاھدىن قورقۇپ تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، كىشىلەر ئۇ ئادەمنى ياخشى كۆرىدۇ. دۈشمەنلىرى يامان كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ باقسىمۇ يول تاپالمايدۇ".
ئاللاھقا ھەقىقى رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاللاھقا مۇھەببەت قىلغان كىشىنى، ئاللاھ مۆمىنلەر ئارىسىدا مەرتىۋىسىنى كۆتۈرىدۇ، كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بولىدۇ. مۆمىنلەر ئارىسىدا مەرتىۋىسى ئۈستۈن بولغاندىن سىرت دوستلۇق، مۇھەببەت رىشتىسى كۈچىيىدۇ. ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرگەن، مۇھەببەت قىلغان كىشىگە ئاداۋەت قىلىشنىڭ ئۆزى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاداۋەت قىلغان بىلەن باراۋەردۇر. ئاللاھنىڭ دوستلىرىنى ساغلام يول بىلەن ئۇلۇغلىغان كىشىنى ئاللاھ ئۇلۇغلايدۇ. جۈملىدىن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ساھابىلىرىغا تىل ئۇزارتىش، ئۇلارنى تەنقىدلەش، يامان تىللار بىلەن سۆكۈش ئىنساننى دىندىن چىقىرىدىغان كۇپۇرلۇققا ئېلىپ بارىدۇ. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ساھابىلار ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر (يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار) دىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھدىن مەمنۇن بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر» سۈرە تەۋبە 100-ئايەت.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ساھابىلارغا تىل ئۇزارتىشتىن مەنئى قىلغان ھەمدە ئىنسانلار ئىچىدە ھېچبىر كىشى ساھابىلارنىڭ مەرتىۋىسىگە يېتەلمەيدىغانلىقى، ئەنسارىلارنى ياخشى كۆرۈش سەمىمىي ئىماننىڭ ئالامىتى ئۇلارنى ئۆچ كۆرۈش بولسا مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتى دەپ بايان قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنى ياخشى كۆرۈش ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسىدۇر. ساھابىلار ھەققىدە ھېچقانداق مۇسۇلمان ئىختىلاپ قىلىشمايدۇ. ساھابىلارنىڭ مۇھەببىتى قەلبتىكى ئىماندىن شاخلىنىدۇ. ساھابە كىراملارنى ياخشى كۆرۈش بولسا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى، ساھابە كىراملار ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىش يولىدا بارلىق كۈچىنى سەپەرۋەر قىلغان، ئاللاھنىڭ دىنىنى، كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش يولىدا جان ماللىرىنى پىدا قىلغانلاردۇر. يەنە كېلىپ ساھابە كىراملار رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە جىھاد قىلغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىخلاس قىلىپ بارلىقىنى ئاتىغان زاتلاردۇر. ساھابىلار بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىمىزدا ئۈلگە، يولباشچى رەھبەرلەردۇر. ئۇلارنىڭ ھەرقاندىقىغا تىل ئۇزارتىش ھېچقانداق كىشىنىڭ ھەققى ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆھبىتىگە مۇشەررەپ قىلغان. ئۇلار ئىسلامنىڭ ھەقىقىي روھىنى ھاياتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ دۇنيادىن ئۆتكەنلەردۇر.

ئاللاھ بىزلەرنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا مۇھەببەت قىلىدىغانلار قاتارىدىن قىلسۇن! ساھابە كىراملارنىڭ ماڭغان ئىزىدىن مېڭىشقا نېسىپ قىلسۇن ئامىن

PostHeaderIcon ھېيتگاھىنىڭ 5 قېتىم تاقىلىشى

قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ھېيتگاھ جامەسى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى. 16 مىڭ 820 كۋادرات مېتىر ھەجىمگە ئىگە بۇ جامەدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى كۈندە 5 ۋاق ناماز ئوقۇغاندىن باشقا، ئادەت بويىچە ھەر جۈمە كۈنى 20 مىڭ ئېتىقادچى ئامما جۈمە نامىزىنى، ھەر يىلى روزى ھېيت، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە 60 مىڭدىن 80 مىڭ ئېتىقادچى ئامما بۇ 2 ھېيت نامىزىنى ئۆتەيدۇ.بۇ جايدا بۇ خىلدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقىنىغا 1000 يىلغا يېقىن بولدى. ئەمما، ھېيتگاھ جامەسىدىكى بۇ خىل دىنىي پائالىيەت تىپتىنچ، ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلگىنى يوق. ھېيتگاھ جامەسى بىنا بولغاندىن تارتىپ يېقىنقى زامانغىچە بولغان ئارىلىقتا قانچە قېتىم تاقىلىپ قالغانلىقى ھەققىدە قولىمىزدا ئېنىق مەلۇمات يوق. ئەمما، 19 - ئەسىردىن بۇيانقى تارىخنى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمىزدە ھېيتگاھ جامەسىنىڭ 5 قېتىم تاقىلىپ قېلىپ، بۇ جايدىكى دىنىي پائالىيەتنىڭ 5 قېتىم ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى بىلىمىز.
بىرىنچى قېتىملىق تاقىلىپ قېلىشى مىلادىيە 1878 - يىل 3 - ئايدا بولغان، بۇ چاغ ليۇجىنتاڭ باشچىلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ قەشقەرنى مەركەز قىلغان ياقۇببەگ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، قەشقەرنى ئىشغال قىلغىنىغا بىر يېرىم ئاي بولغان مەزگىل ئىدى
شۇ يىلى 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ليۇجىنتاڭ باشچىلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى قەشقەرنى ئىشغال قىلىپ، ياقۇببەگنىڭ 14 يىللىق ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بەرگەندىن كېيىن، ياقۇببەگنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى، جۈملىدىن قەشقەردىكى تەسىرىنى تازىلاشقا جىددىي كىرىشكەن. سىياسىي جەھەتتە ياقۇببەگ بىلەن مۇناسىۋىتى بار، ياقۇببەگ ئۈچۈن خىزمەت قىلغان كىشىلەرنى ئېنىقلاپ تۇتۇپ، بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي جەھەتتىكى تەسىرنىمۇ تازىلاشقا تۇتۇش قىلغان. بىراق، خەلق ھېيتگاھ جامەسىنى چېقىشقا تۇتۇش قىلىنىۋاتقاندا، قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ تۇرۇۋالغانلىقتىن، چېقىۋېتىشكە مۇمكىنچىلىك بولمىغان. شۇڭا ليۇجىنتاڭ چيەنلۇڭخاننىڭ: «بىر بۇتخانا سېلىش −− 200 مىڭ ئەسكىرىي كۈچكە باراۋەر» دېگەن سۆزىگە ئەمەل قىلىپ، ھېيتگاھ جامەسىنى مياۋ بۇتخانىسىغا ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇق قىلغان، بۇيرۇققا بىنائەن بىر ئالتۇن باشلىق بۇت ھەيكىلى جامەنىڭ كايىۋانىدىكى مېھراب ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان ھەمدە دەرۋازىلارغا قۇلۇپ سېلىۋېلىپ، جامەنىڭ ئالدى چوڭ دەرۋازىسىغا ھېيتگاھ جامەنى بۇتخانىغا ئۆزگەرتكەنلىك ھەققىدىكى فىڭتيونى (پەرمان خېتىنى) چاپلاپ قويغان. 15 كۈنگىچە جامەمۇ ئېچىلمىغان، بۇ ئىشقا قەشقەر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قاتتىق ئىچى پۇشۇپ، بەكمۇ غەزەپلەنگەن. شۇ چاغدىكى قەشقەرنىڭ چوڭ مۆتىۋەر مۇقتىداسى، شەرئى مەھكىمىنىڭ قازىكالانى ئابدۇقادىر قازىكالان بىر جۈمە كۈنى ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، ئۈستىگە ئاق كىپەن كىيىپ، قولىغا پالتا ئېلىپ، دەرۋازىلاردىكى قۇلۇپلارنى چېقىپ تاشلاپ، چوڭ دەرۋازىدىكى فىڭتيونى يىرتىپ تاشلايدۇ. كايىۋاندىكى ئالتۇن باشلىق بۇتىنىمۇ چېقىپ، پارە - پارە قىلىۋەتكەن. ئەزان ئېيتىش مۇنارىغا چىقىپ، جۈمە نامىزىغا ئەزان چىللىغان. شۇنىڭ بىلەن يېقىن - يىراقتىكى ئېتىقادچى ئاممىدىن 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھېيتگاھقا يىغىلىپ، ئابدۇقادىر قازىكالاننىڭ باشچىلىقىدا جۈمە نامىزىنى ئوقۇغان. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ليۇجىنتاڭ تېخى كىشىلەر جۈمە نامىزىدىن تارقىلىپ بولماستىن ئىلگىرىلا 2000 چىرىكنى يېڭىشەھەردىن كىرگۈزۈپ، ئابدۇقادىر قازىكالاننى تۇتقۇزۇپ، يېڭىشەھەرگە ئېلىپ كەتكەن. جامەگىمۇ قايتا قۇلۇپ سالدۇرۇۋالغان. ئارىدىن 6 ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ ھېيتگاھ جامەنىڭ ئېچىلىشىدىن دېرەك بولمىغان. ليۇجىنتاڭنىڭ تەرجىمانى ئابدۇرېھىمبەگ ھاجىنىڭ مەسلىھەتىگە بىنائەن قەشقەردىكى چوڭ بايلار، سودىگەرلەر، موللا، ئۆلىمالار، ھۈنەرۋەن، كاسىپلار پۇل يىغىش قىلىپ، نوۋېشى مەھەللىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى سېپىل تۈۋىگە سېلىنغان قوقان خانلىقىنىڭ سودا ۋاكالەتخانىسىنى (ھازىرقى نوۋېشى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئورنىنى) سېتىۋالغان ھەمدە ئۇنى بۇتخانا قىلىش ئۈچۈن ليۇجىنتاڭغا تەقدىم قىلغان. ليۇجىنتاڭ بۇ جاينىڭ بەدىلىگە ھېيتگاھ جامەنى ئېچىپ بەرگەن.
ھېيتگاھ جامەنىڭ 2 - قېتىملىق تاقىلىپ قېلىشى مىلادىيە 1912 - يىل 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى شەنبىدە يۈز بەرگەن. شۇ كۈنى كەچ سائەت 8 دە قەشقەردىكى گىلاۋخۇيچىلار 8 ئاي ئىلگىرى باستۇرۇلغان ئۆز قېرىنداشلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن شيەن يامۇلى (ھازىر مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ئاق ئوردىدىكى ئائىلە قورۇسى) ئارقىسىدىكى فاڭشىڭمياۋ بۇتخانىسىغا يىغىلىپ، داقا - دۇمباق چېلىشىپ، جاڭ ئۇرۇپ، قەغەز كۆيدۈرۈشكەن.
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ جەنۇبىدا «قوناق سارىيى» قوناق سارىيى −− بۇغداي، قوناق، ئاشلىق ساتىدىغان ساراي بولماستىن، بەلكى ئادەملەر قونۇپ ئۆتىدىغان دەڭ ساراي ئىدى.

(ھازىرقى جانان كوچىسىنىڭ شىمال تەرەپ ئېغىزىنىڭ غەربىدە بولۇپ، ئىزى ئۆچكەن) دەپ ئاتىلىدىغان بىر ساراي بولۇپ، بۇ جايدا 30 غا يېقىن جوھۇت ئولتۇراقلىشىپ، سودا - تىجارەت، جازانىخورلۇق بىلەن شۇغۇللىناتتى. بۇلارنىڭ سودا - تىجارەت، جازانىخورلۇقىنى چاررۇسىيىنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسى قوللايتتى ۋە قوغدايتتى. قوناق سارىيى بىلەن فاڭشىڭمياۋ بۇتخانىسىنىڭ ئارىلىقى ئىنتايىن يېقىن بولغاچقا، بۇددا دىنىنىڭ تەزىيە بىلدۈرۈش قائىدىسىنى بىلمىگەن سارايدىكى جوھۇتلار جاراڭ- جۇرۇڭ قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ ئۆگزىگە چىقىدۇ ۋە كېچە قاراڭغۇسىدا كۆيدۈرۈلگەن قەغەزدىن چىققان، ئاسمانغا تاقاشقان ھەيۋەتلىك ئوت يالقۇنىنى كۆرىدۇ - دە، «ئۇلار ساراينى كۆيدۈرىدىغان ئوخشايدۇ» دەپ خاتا ئويلاپ، ئەھۋالنى دەرھال چاررۇسىيىنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلى سوكوۋغا دوكلات قىلىدۇ ھەمدە ئۆزلىرىنى ۋە مال - مۈلۈكلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىدۇ. سوكوۋ ئەھۋالنى ئۇقۇپ كېلىش ئۈچۈن 4 سولدات بىلەن بىر پاژارنى ماشىنىنى كىرگۈزىدۇ. سولداتلار ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇلارمۇ جوھۇتلار ئويلىغاندەك ئويلاپ، دەرھال ھېيتگاھ جامەسىنىڭ قۇلۇپىنى چېقىپ كىرىپ، جامە ئىچىدىكى كۆلدىن ماشىنىغا سۇ قاچىلايدۇ - دە، مۇنارغا يامىشىپ چىقىپ، بۇ جايدىن بۇتخانا ئىچىگە سۇ چاچىدۇ. ئوتلار ئۆچۈشكە باشلايدۇ. سۇ ئىچىدە قالغان تەزىيىچىلەرنىڭمۇ داقا - دۇمباق ئاۋازى بېسىلىدۇ. گىلاۋخۇيچىلار بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ كېلىشكە سىرتقا ئادەم چىقىرىدۇ. گىلاۋخۇيچىلارنىڭ ئادەملىرى ئەھۋالنى ئۇقۇپ، گىلاۋخۇيچىلارغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، گىلاۋخۇيچىلار دەرھال قىلىچ، چەيدولىرىنى كۆتۈرۈشۈپ چىقىپ، رۇس سولداتلىرى بىلەن ئېلىشىدۇ. نەتىجىدە گىلاۋخۇيچىلاردىن 6 ئادەم، رۇسلاردىن 2 ئادەم ئېغىر يارىلانغان. سولداتلار قېچىپ چىقىپ، ئەھۋالنى سوكوۋغا دوكلات قىلىدۇ. سوكوۋ سەمەن ئاقتامدا تۇرۇشلۇق قوشۇنىدىن 400 ئاتلىق سولداتنى ئاجرىتىپ، ھېيتگاھقا ئاتلاندۇرغان. رۇس سولداتلىرى شەھەر دەرۋازىسىغا كەلگەندە كېچە سائەت 3 بولۇپ، دەرۋازىلار ئاللىقاچان تاقىلىپ قالغانلىقتىن، ئۇلار ياۋاغ دەرۋازىسىنى توپ بىلەن پارتلىتىپ، شەھەرگە بېسىپ كىرگەن. بىراق، ئۇلار ھېيتگاھقا كەلگەندە پائالىيەت ئاياغلىشىپ، گىلاۋخۇيچىلارمۇ تاراپ كەتكەن. ئۇلار ھېچ نەتىجىگە ئېرىشەلمەي، ئاخىرى ھېيتگاھ جامە ئىچىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئاتلىرىنى پېشايۋان، كايىۋانغا باغلاپ، سىيدۈرۈپ، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ دىنىي ھېسسىياتىغا ئېغىر زەربە بەرگەندىن تاشقىرى ئۆزلىرى كوچىمۇكوچا چارلاپ ئادەم تۇتىدۇ. ئەتىسى تاڭ ئاتقاندىمۇ ئۇلار ھېيتگاھ جامەنى بوشاتماي داۋاملىق ئىگىلىۋالغانلىقتىن، ئەتىگەنلىك بامدات نامىزى ئوقۇلمىغان. قەشقەر دوتىيى جاۋ بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، كونسۇل سوكوۋغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشى بىلەن سائەت 10 بولغاندا چاررۇسىيە سولداتلىرى ھېيتگاھ جامەنى بوشىتىپ، ئېتىقادچى ئاممىغا تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ 3 - قېتىم تاقىلىشى 1934 - يىل 2 - ئايدا بولغان. شۇ يىلى 1- ئايدا ماجۇڭيىڭ قوشۇنى تەركىبىدىكى مافۇيەن ۋە ماجەنساڭ («مازىخۇي»، «چولاق زىخۇي» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قىسىملىرى بىلەن خوجىنىيازھاجى قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا قەشقەر شەھىرىنى تالىشىش ئۇرۇشى بولۇپ، خوجىنىيازھاجى قىسىملىرى يېڭىلگەن ۋە بەشكېرەم، ئاتۇش يولى ئارقىلىق مارالبېشىغا چېكىنگەن. مافۇيەن بىلەن ماجەنساڭ قىسىملىرى خوجىنىيازھاجىنىڭ چېكىنگەن قوشۇنلىرىنى قوغلاپ، بەشكېرەمگە يەتكەندە، ئارىدىن پايدىلانغان يۈسۈپجاننىڭ ئۆزبېك قوشۇنلىرى قەشقەر شەھىرىنى ئىگىلىۋالغان. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان مافۇيەن، ماجەنساڭ قىسىملىرى خوجىنىيازھاجىنىڭ قوشۇنلىرىنى قوغلاشنى توختىتىپ، قەشقەر شەھىرىگە قايتىپ كىرگەن. يۈسۈپجان قۇربېشىنىڭ قىسىملىرىنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، ھېيتگاھ جامەنى ئىگىلىۋېلىپ چۈشكۈنخانا قىلىۋالغان ھەمدە قەشقەر خەلقىنىڭ يۈسۈپجان قۇربېشىنىڭ قىسىملىرىنى قارشى ئالغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىش يۈزىسىدىن شۇ يىلى 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە شەھەر ئىچىدە قەتلىئام يۈرگۈزۈپ، بىگۇناھ پۇقرالاردىن 4000 نى قىرىپ تاشلىغان. بۇ قەتلىئامدىن چەت ئەللەرنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ خادىملىرىمۇ ئامان قالمىغان. ئافغانىستاننىڭ قەشقەردىكى ۋاكالەتخانىسىنىڭ باش ۋاكالەتچىسى مۇھەممەت شېرىپخان، ھىندىستاننىڭ قەشقەردىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ 2 نەپەر خادىمى شىھىد قىلىنغان. ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇلىنىڭ ئايالى ئېغىر يارىلانغان. بۇ قىرغىنچىلىقتىن قاتتىق چۆچىگەن ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ۋە ھىندىستاننىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى قاتارلىق چەت ئەل خارجى ئورۇنلىرى بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇزاققا داۋاملىشىپ كېتىشى ۋە كېڭىيىپ كېتىشى خەۋپنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ، خانلىق مەدرىسكە ئادەم كىرگۈزگەن ۋە ئۆلىمالارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇ قىرغىنچىلىقنى توسۇشىنى جىددىي مۇراجىئەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئەپەندى مەخسۇم، موللا ئىسلام داموللام، جامال ئاخۇن خەلپىتىم، مامۇت ئاخۇن داموللام، ھامىد ئاخۇن داموللام قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق ئۆلىمالار بېشىنىڭ كېتىشىدىن قورقماي، مەدرىستىن ئاتلىنىپ چىقىپ ھېيتگاھقا بارىدۇ. ئۆستەڭبوي تەرەپتىن ئاتلىق كېلىۋاتقان ماجەنساڭ موللا، ئۆلىمالارنى كۆرۈپ ئاتتىن چۈشكەن. موللا، ئۆلىمالار ماجەنساڭنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ماجەنساڭ بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلارنىڭ يۈسۈپجان قاتارلىق ئايرىم كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، شەھەر پۇقرالىرىدا گۇناھ يوقلۇقىنى، شۇڭا پۇقرالارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قەتلىئامنى دەرھال توختىتىپ، مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئورنى بولغان ھېيتگاھ جامەسىنى دەرھال بوشىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. قەشقەرنىڭ شۇ چاغدىكى شەيخۇلئىسلامى بولغان ئەپەندى مەخسۇم بارلىق موللا، ئۆلىمالارغا ۋاكالىتەن شەھەر خەلقىدىن يىغقان ئالتۇن، كۈمۈش، ماللارنى نەق مەيداندىلا ماجەنساڭغا تەقدىم قىلغان. ماجەنساڭ موللا، ئۆلىمالارغا سۆز قىلىپ «سىلەرنىڭ بېشىڭلاردىكى سەللەڭلار مېنىڭ بىر تۇەن ئاتلىق ئەسكىرىمنىڭ كۈچىدىن ئۈستۈن كەلدى. پۇقرالارغا ئېيتىڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن بىز بىلەن قارشىلىشىدىغان ئىشلار قايتا يۈز بەرمىسۇن» دېگەن ھەمدە 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن باشلاپ، قىرغىنچىلىقنى توختىتىپ، ھېيتگاھ جامەسىنى ئېتىقادچى ئاممىغا بوشىتىپ بەرگەن
ھېيتگاھ جامەنىڭ 4 - قېتىملىق تاقىلىپ قېلىشى مىلادىيە 1936 - يىل 5 - ئايدا بولغان. قەشقەر گارنىزون قوماندانلىق شتابى ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بىرلەشمە يىغىلىشىنى ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، ھېيتگاھ جامە چوڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى سۇپىغا يىغىن سەھنىسىنى راسلىغان ھەمدە جامە دەرۋازىسىغا سۇنكۇبىننىڭ چوڭايتىلغان رەسىمىنى ئېسىپ قويغان. بۇنى كۆرگەن خەلق ئاممىسى ھېيتگاھ جامەنى يەنە تاقىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئەنسىرەپ، غۇلغۇلا قىلىشقا باشلىغان، خەلق ئاممىسىنىڭ غۇلغۇلىسىنى ئاڭلىغان قەشقەر بايلىرىدىن ئۆمەرئاخۇن باي، ئىنىسى مۇھەممەترەھىم ئاخۇن بايلار يىغىن مەيدانىدىلا خەلق ئاممىسىغا ۋاكالىتەن: «مەسچىت دەرۋازىسىغا رەسىم ئېسىش جايىز (دۇرۇس) ئەمەس» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ نارازىلىقنى ئۆزىگە قىلىنغان ھاقارەت دەپ چۈشەنگەن گارنىزون قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى ليۇسىلىڭ (ليۇبىڭ) نەق مەيداندىلا ئۆمەرئاخۇن باي بىلەن مۇھەممەت رەھىم ئاخۇن باينى تۇتۇپ قاماققا ئالغان ھەمدە ئۇلاردىن نۇرغۇن جەرىمانە ئېلىپ، ھېيتگاھ جامەنى ھەپتە تاقىتىپ قويغان. شەھەر بايلىرى، موللا، ئۆلىمالار خەلقتىن پۇل يىغىش قىلىپ، ليۇ سىلىڭنىڭ ئالدىغا بېرىپ ناماقۇللۇق بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ليۇ سىلىڭ ھېيتگاھ جامەنى ئېچىپ بەرگەن. 2 بايدىن جەرىمانە ئالغان ۋە خەلق ئاممىسىدىن يىغىۋېلىنغان پۇلغا ئۆز مەھكىمىسىنى ياسىۋالغان
ھېيتگاھ جامەنىڭ 5 - قېتىملىق تاقىلىپ قېلىشى مىلادىيە 1966 - يىل 8 - ئاينىڭ 23- كۈنى بولغان. شۇ كۈنى سائەت 2 دە قەشقەر شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپكە يىغىلىپ ئۆگىنىش قىلىۋاتقان قەشقەر شەھىرىگە قاراشلىق ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن «4 كونىنى بۇزۇش» قوشۇنى نوۋېشىغا كەلگەندىن كېيىن ئىككىگە بۆلۈنگەن. بىر بۆلىكى خەلقنىڭ ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئاختۇرۇپ، 4 كونا دەپ قارالغانلارنىڭ ھەممىسىنى بۇلاپ چىققان. مەسچىت، مەدرىسلەرمۇ «4 كونا» دەپ قارالغانلىقتىن، بىر بۆلىكى مەسچىت، مەدرىسلەرنى چېقىشقا ئاتلانغان. نوۋېشى چوڭ يول بويىدىكى مەسچىت چېقىلغاندىن كېيىن، مەسچىت، مەدرىس چاققۇچىلار ھېيتگاھ جامەسىگە باستۇرۇپ كىرىپ، جامە ئىچىدىكى كونا كىتابلارنى، خۇتبە ئوقۇيدىغان مۇنبەرنى جامە ئالدىدىكى مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. ئۇلار جامە چوڭ دەرۋازىسىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدىكى 2 مۇنارنى ئۆرىمەكچى بولۇپ، مۇنارغا ئارغامچا سالغاندا، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جۇباۋجى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ چېكىدىن ئاشقان ھەرىكىتىنى توسۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنى قوغداپ قالغان. ئۇ «4 كونىنى پاچاقلاپ تاشلاش» زەربىدارلار ئەترىتىگە بەرگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن، جامەدە ناماز ئوقۇشنى توختىتىپ، دەرۋازىلىرىغا قۇلۇپ سالدۇرۇپ قويغان. بۇ قۇلۇپلار 1967 - يىل 1 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئېچىلمىغان، دىنىي پائالىيەتمۇ ئېلىپ بېرىلمىغان. شۇ يىلى 1 - ئايدا «قىزىل ئېسيانچىلار» گۇرۇپپا - گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئىچكى ئۆلكىلەرگە، قېرىنداش ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا ئالاقە باغلاشقا مېڭىپ كېتىش ۋە كۆز قاراشلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن تەرەپلەرگە بۆلۈنۈپ، ئۆزئارا ئەلەم ۋە قەلەم كۈرىشى قىلىش سەۋەبىدىن ھېيتگاھ جامە بىلەن ھېچ كىشىنىڭ كارى بولمىغان. پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئېتىقادچى ئامما ھېيتگاھ جامەنى ئۆزلۈكىدىن ئېچىپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتىنى باشلىغان.

(ئاپتور: قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، باشقۇرۇش ئورنىنىڭ كەسپىي خادىمى)

PostHeaderIcon بالىلارغا پەيغەمبەر

بالىلىرىمىزغا پەيغەمبەمبىرىمىزنىڭ مۇھەببىتىنى سىڭدۈرۈشتىكى كۆرسەتمىلەر

بىز ھەممىمىز پەيغەمبىرىمىز(ئۇنىڭغا دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن)نى ياخشى كۆرىمىز.چۈنكى ئۇ بىزنى ئاللاھنىڭ يولىغا باشلىغاندۇر ۋە ھەقىقەت يولىنى تېپىشىمىزغا ياردەم بەرگەندۇر.ئۇ بىزنى ئۇلۇغ ئاللاھ«سىلەرگە اللە تەرىپىدىن نۇر(يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام) ۋە روشەن كىتاب(يەنى قۇرئان)كەلدى»مائىدە-5:15دېگىنىدەك يورۇقلۇق-ھىدايەتكە چاقىرغۇچىدۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئەلۋەتتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇھەببىتىنى بالىلىرىمىزنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈشىمىز زۆرۈر.شۇنداقلا بىزنىڭ قەلبىمىزدىمۇ ئۇنىڭ مۇھەببىتى كۈنسېرى ئېشىپ بېرىشى ھەم زۆرۈر.

بىراق بىز تۇرمۇشىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە بولغان مۇھەببىتىنى تەكىتلەشنى ياخشى ۋە ئۇنىڭ ئەڭ يۈكسەك،ئەڭ گۈزەل قاراشلىرىغا ئەگىشىمىز دەيمىز.بىراق بەزىدە بىز ئۇنىڭ ئۆگەتكەن كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئىش كۆرۈشنى رەت قىلىمىز.بۇ مۇھەببەت ئەمەس.بۇ ئۆز-ئۆزىنى ئالداشتۇر!
مۆئمىنلەرنىڭ تىلى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنى تىلغا ئېىشتىن توختاپ قالمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا سالام يوللايدۇ.بىز نېمە ئۈچۈن بالىلىرىمىزغا ئائىلىدە ھەپتىدە مەلۇم بىرەر كۈننى ئاجرىتىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىنى چۆرىدىگەن ئاساستىكى يىغىلىشلارنى قىلىپ بەرمەيمىز؟قز؟قانداقلا بولمىسۇن بىز ھاياتىمىزدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئوينىغا مىسلىسىز رولى ئۈچۈن مىننەددارلىق بىلدۈرىمىز.ئۇ بۇيرۇقلار ھەربىرەيلەننىڭ ئائلىسىدە يۈكسەك گۈزەل تۇيغۇلارنى يېتىلدۈرىدۇ.ھەربىرەيلەن ئولتۇرۇپ قولىغا قەغەز-قەلەم ئېلىپ پەيغەمبەرنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئويلىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلغىنىدا بۇلارنى ھېس قىلىدۇ.
رەسۇلىللاھ بىلەن بىللە سەپەر قىلىش:

بالىلاردىن بىرەرى ئەرەبىستان خەرىتىسىنى ياكى ئاتلاستەك جۇغراپىيە پايدىلىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق،مەككە ياكى مەدىنىدىن خەرىتە سەپىرى قىلسۇن.خۇددى رەسۇلىللاھنىڭ ھەربىر سەپەرلىرىدىكى ماڭغان-تۇرغان يەرلىرىدىكىدەك ئاندىن بۇ سەپەرلەر ۋە شۇ ھەقتىكى تارىخىي خاتىرىلەر ئارقىلىق پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىلغان جىھاد سەپەرلىرى ۋە باشقا دىن ئۈچۈن قىلغان ئىش-پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ھالدا چۈشىنىپ يېتىدۇ.ئاندىن بۇنى ئائىلىنىڭ مۇنازىرە ۋە يىغىلىشلىرىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆزلەشسە بولىدۇ.

رەسۇلىللاھ بىلەن بىرگە ئويغىنىش:

رەسۇلىللاھ ھەركۈنى تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرىلا ئورنىدىن تۇرۇپ،ئاللاھقا ئىبادەت قىلاتتى ۋە زىكىر قىلاتتى.قۇياش كۆتۈرىلگەن چاغدا ئۇ سۈرە ئال-ئىمراننىڭ ئاخىرقى بۆلەكلىرىنى ئوقۇپ،ئالەم ۋە ئالەم مۆجىزاتلىرى ھەم ئۇلارنى ياراتقۇچى ھەققىدە ئويلىناتتى ۋە مۇلاھىزە قىلاتتى.بۇ ئاللاھقا
يېقىنلىشىشنىڭ ئىنتايىن ياخشى يولى.ھەدىسكە ئاساسلانغاندا،كۈندىلىك غەم-ئەندىشىلەردىن روھىمىزنى پاكىزلاپ پۈتۈن زېھنىمىزنى شۇنداق ئىبادەتكە مەشغۇل قىلساق،ئاللاھ بىزگە يېقىنلىشىدۇ.تاڭ سۈزۈلىشكە باشلىغاندا رەسۇلىللاھ ئىبادەت قىلاتتى ۋە كېيىن كىشىلەر بىلەن مەلۇم ۋاقىت سۆھبەتلىشەتتى.

پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر بىرلىكتە شۇ پەيتتە تۇرۇپ بۇ ئالاھىدە ئىبادەتنى ئورۇنلاش لازىم.بالىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ،ئۇلارنى ئاللاھقا رەسۇلىللاھتەك ئىبادەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئويغىتىش كېرەك.

ئاخشىمى ھېكايە سۆزلەش

بالىلار مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ياكى ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدىغان باشقا ئوقۇشلىرىدىن قايتقاندىن كېيىن ئۇخلايدىغان ۋاقىتتا ھېكايە سۆزلەپ بېرىش لازىم.رەسۇلىللاھنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ قانداق پەيغەمبەرلىككە تاللانغانلىقى جەريانىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەش تۇنجى قەدەم.بەلكى سىزدە بۇ ھەقتىكى بالىلار كىتابلىرىنى سېتىۋالغانسىز ياكى ماشىنا بىلەن ماڭغان يوللاردا ياكى مەكتەپتىن قايتقان يوللاردا ئۇلارغا بۇ ھەقتىكى ئۈنئالغۇ لېنتلىرىنى ئاڭلىتارسىز.بۇمۇ ئىزدىنىش ۋە ئۆگىنىشتىكى ياخشى ئۇسۇلدۇر.

رەسۇلىلاھتەك ئۇخلاش:

رەسۇلىللاھ ئۆزگىچە ھالەتتە ئۇخلايتتى ۋە ئۇيقۇدىن بۇرۇن بىر ياكى بىرنەچچە دۇئالارنى ئوقۇيتتى.بەلكىم سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ياقتۇرىدىغان ئۇخلاش ئادەتلىرىڭىز باردۇر.گەرچە كۆپىنچە مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ دىنىمىزدا ئالاھىدە زۆرۈرىيىتى بولمىسمۇ،شۇنداق قىلىشىىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ،ئوڭ قولىنى ئوڭ مەڭزىگە قويۇپ ئۇخلايتتى.ئۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ياكى ئىككى دۇئا ئوقۇيتتى ھەم قۇرئاندىن بەزى قىسقا بۆلەكلەرنى ئوقۇيتتى.ئەگەر سىزدە بۇ ھەقتىكى ماتىرىياللار بولا ئۇ دۇئالارنى ئەستە ساقلىۋېلىپ،مەنىسىنى چۈشىنىۋېلىڭ ھەم بالىلارنىڭ ھەربىرىگە كۆپەيتىپ تارقىتىپ بېرىڭ.

رەسۇلىللاھتەك يېيىش:

رەسۇلىللاھ ئۆگەتكەن تاماق يېيىش ئۇسۇللىرى شۇكى تاماق يېيىشتىن بۇرۇن قولنى يۇيۇش ۋە تاماقتىن بۇرۇن بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دېيىش ۋە شۇنىڭدەك باشقا دۇئالارنى ئوقۇش،ئوڭ قولىمىز بىلەن تاماقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكى،تاماقتىن كېيىن مسۋاك ئىشلىتىش ھەم تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىپ،شۈكۈر-ئەلھەمدۇلىللاھ دېيىش دېگەندەك.بۇلار رەسۇلىللاھنىڭ تاماق يېيىش ئادەتلىرىدىن ئىدى.

رەسۇلىللاھتەك ئىبادەت قىلىش:

رەسۇلىللاھنىڭ ھايات ۋاقتىدا،ئەگەر بىرەيلەن قۇرئان يادلاشتا خاتالىك ئۆتكۈزسە،رەسۇلىللاھ ئۇنىڭ خاتالىقىنى باشقا بىرىنىڭ ئوقۇشى ئارقىلىق تۈزەتكۈزەتتى.بۇ مۆئمىنلەرنىڭ ئارىسىدا رامىزاندا ئەينەن قوللىنىپ كېلىۋاتقان يولدۇر.بۇ ھەپتىدە سىز بالىڭىزغا رەسۇلىللاھنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆگەتكەن بولسىڭىز،ئەگەر ئۇلار مەلۇم خاتالىق سادىر قىلىپ سالسا،ھەركۈنى ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىشكە ئۆزىڭىز ياكى باشقا بىرەيلەن ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىڭ.بۇ پەقەتلا سۈننەت بويىچە مەشىق قىلىش بولۇپلا قالماي،كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىش-ئۆگىتىشتۇر.

رەسۇلىللاھتەك ئويناش:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام قىزىقچىلىق ۋە ئويۇنلارنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنەتتى.ئۇ ئايالى ئائىشە بىلەن يۈگۈرۈش مۇسابىقىسگە چۈشەتتى.كۆپ قېتىم ئۇنى ئۇتىۋالغانىدى.ئۇ ساھابىلەر بىلەن بىرگە سۇ ئۈزەتتى ۋە كۈچ سىنىشىپ چېلىشاتتى.ئۇ ھەتتا ئۇلارغا چاقچاق قىلاتتى.ئۇ بالىلار بىلەن ئوينايتتى ۋە ئۇلارنى ياخشى كۆرەتتى.مۆئمىنلەر بۇلارنىڭ مۇھىملىقىنى ئۇنتۇماسلىقى لازىم.
سىزمۇ كەينى ھويلىڭىزدا ئايالىڭىز بىلەن يۈگۈرۈڭ،چېنىقىڭ،بالىلار بىلەن سۇ كۆلچىكىدە سۇ ئۈزۈش،بالىلارغا تۈرلۈك تەنھەرىكەت -بەدەن چېنىقتۇرۇش سىنىپلىرىنى ئېچىپ بېرىش ياكى شۇ يەرلەرگە ئاپىرىشلار شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

مەنبە: شەبنەم تورى

PostHeaderIcon ئۇغۇزخاننىڭ دۇئاسى، تۈرۈكچە

Dawami

PostHeaderIcon ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئىز ناملىق شېرىسى

Dawami
tisdag 26 maj 2009

PostHeaderIcon ئىماننىڭ شاخچىلىرى

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
پۈتكۈل ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگا ئاللاھقا خاستۇر
ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە تىنىچلىقى رەسۇلۇللاھقا ۋە ساھابىلارغا ھەممىمىزگە بولسۇن
ئىمان نىڭ شاخچىلىرى
ھبدۇللائبن مۇھەممەد ابۇ ئامىر سۇلايمانئبن بىلال ئابدۇللائبن دينار ئەبي سالھ
ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملاردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن;
ئىمان دىگەن ئاتمىش نەچچە شاختۇر. ھايامۇ ئىماننىڭ جۇملىسىدىندۇر. بۇھەدىسنى بۇخارى خاتىرلىگەن سەھىمۇسلىمدا يەتمىش نەچچەدىيىلگەن .
بۇھەدىس تىرمىزىدىمۇ بەيھەقىدىمۇ خاتىرلەنگەن ھەدىستۇر.
ئالىملار بۇھەدىسكە نەچچەخىل شەرھى يازغانبۇلۇپ نەۋەەى مىشكاتنىڭ شەرھىسى مىرقاتتا مەزكۇر يەتمىش نەچچە شاخچىنى يازغان
مەن ھازىر بۇخارىنىڭ شەرھىسى فەتھۇلباريدىن مەزكۇر يەتمىش نەچچە شاخچىنىڭ تەرجىمىسىنى يازماقچى بولدۇم چۇنكى بۇ ئىمان شاخچىلىرى مۇكەممەل بولسا ئىمان مۇكەممەل بۇلىدۇ بۇ شاخچىلار كامبولپ قالسا ئىمانمۇ كاملاۇدۇ ھەتتا يۇقاپمۇكېتىدۇ.
نۇشاخچىلارنىڭ ئەڭيۇقىرىسى )لاالاەالااللە(دىگەن شۇئاردۇر. ئەڭتۇۋىنى بولسا مۇسۇلمان نىڭ يۇلىدىن ئەزىيەتنى يوقۇتۇشتۇر. ھايا ئىماننىڭ جۇملىسىدىندۇر.
مەزكۇر يەتمىش نەچچە شاخچە تۇۋەندىكىدىن ئىبارەتتۇر.
بۇشاخچىلارنى مۇكەممەل قىلالمىغان كىشى ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئالدىدا مەڭگۇ خىجالەتتۇربۇشاخچىلار دىل. تىل ۋە ئەزالارنىڭ ئەمەللىرىگە ئاساسەن بۇلۇنىدۇ. قەلىپ، ئەقىدە، نىيەت، ئىخلاسقا مۇناسىۋەتلىك 24خىسلەرنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ .
.1 ئاللاھقا زاتىغا ۋەسىپاتىغا ئىمان كەلتۇرۇش يەنى ئىشىنىش.
.2پەرىشتىلەر گە ئىشىنىش.
.3ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا ئىشىنىش.
.4اللاھنڭ بارلىق پەيغامبەرلىرىگە ئىشىنىش.
.5تەقدىرگە ئىشىنىش)ھەممەاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بۇلۇدۇ(
.6ئاخىرەت كۇنىگە قىيامەت گ ئىشىنىش.
.7ھىسەب جازا ميزان سىرات خەننەت دۇزاخقا ئىشىنىش .
.8ئاللاھنىلام ياخشى كۇرۇش )مۇھەببەتۇاللە(
.9رۇسۇلۇللاھنى ياخشى كۇرۇش )مۇھەببەتۇررەسۇل(
.10ئىخلاس قىلىش رىياقىلماسلىق.
.11بارلىق ئەناھلارغا تۇبەقىلىش .
.12ئاللاھدىنلام قۇرقۇش.
.13ئاللاھدىنلام ئۈمۇت كۇتۇش .
.14ئاللاھنىڭ بەرگەن نىمىتىگە شۇكۇرقىلىش.
.15ۋەدىگە ۋاپاقىلىش.
.16بالا مۇسىيبەتگە ھەرخىل ئازابلارغا سەبرەقىلىش.
.17ئاللاھنىڭ قازايى قەدەرلىرى گە ئىشىنىش.
.18بارلىق ئىشلاردا ئاللاھقىلام تەۋەككۇل قىلىش.
19باشقىلەرغا رەھيم شەپقەتقىلىش.
.20ئۆزىنى تۇۋەن تۇتۇپ كەمتەر بۇلۇش.
.21تەكەببۇرلۇققىلماسلىق ئۆزىدىن ئۆزى ئەجەپلەن مەسلىك.
.22ھەسەتقىلماسلىق ۋە ئىچى تارلىق قىلماسلىق،
.23غەزەپقىلماسلىق ھچچىقلانماسلىق.
.24تىل ئەمەللىرى: تەۋھىد كەلىمىسىنى لەبزەن سۆزلەش: لاالاەالااللە.
25قۇرئان تىلاۋەت قىلىش.
26 ئىلىم ئېلىش چۇنكى ئۇ فەرىز.
27 ئالغان ئىلمىنى ئۈگىتىش.
28 ئاللاھقا دۇئا قىلىش.
29 ئاللاھقا زىكىر تەسبىھ ئېيتىش ۋە ئىستىغفار ئېيتىش.
30 پايدىسىز قۇرۇق سۆزدىن ئۆزىنى تارتىش.
31 غەيۋەت قىلماسلىق.
32 يالغان گۇۋاھلىق بەرمەسلىك.
33 بەدەن ئەمەللىرى :ئەۋرىتىنى يېپىش.
34 فەرىز ۋە نەپلە ناماز لازنى ئوقۇش.
35 ئۆشرە ۋە زاكات سەدىقە بىرىش.
36 ئاللاھ يولىدا قۇل ئازاتقىلىش.
37 سېخىلىق قىلىش يوقسۇزغا تائامبىرىش.
38 مىھماننى ھۆرمەتلەش ياخشى كۆتۈرۈش.
39 فەرىز ۋە نەپلە رۇزاتۇتۇش.
40 فەرىز ۋە ئۆمۈرھەجقىلىش.
41 ھەجقىلغاندا بەيتۇللاھنى تاۋاپ ھەجقىلىش
42 رامىزان ئايلىرىدا ئىتكاپتا ئولتۇرۇش،
43 لەيلەتىل قەدىر كىچىسىنى ئىزدەش تاق كېچىلىرى تۇنەش.
44 كاپىرلارنىڭ يۇرتىدىن دىنىنى قوغداپ ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىش.
45 ئۆز-ئۆزىگە قىلغان ۋەداسىگە ئەمەل قىلىش قەسىمىدە چىڭ تۇرۇش.
46 قەسىمىنى بۇزۇۋىتىپ قالسا 50يۈۋەن كاپپارەت بېرىش.
47 نىكاھ بىلەن ئىپپەتلىك بۇلۇش ئائىلە ھەققىنى ئاداقىلىش.
48 ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ئۇلارنى قاخشاتماسلىق.
49 ئەۋلاتلارنى ئىسلامى تەربىلەش.
50 تۇققانلار ئارا ياخشىلىق قىلىش.
51 قۇل خۇجايىنغا ئىتائەت قىلىش خۇجايىن قۇلغا ياخشىلىق قىلىش.
52 پۇخرالارغا ئادىل بۇلۇش
53 ئەھلىسۇنى ۋەلجمائەتكە ئەگىشىش.
54 باشلىقلارغا ئىتائەتقىلىش ئىسلام پادىشاھى بولسا.
55 كىشىلەرنىڭ ئارلىقىنى ئەپلەشتۇرۇش.
56 ياخشىلىققا ياردەم بىرىش يامان لىققا ياردەم لەشمەسلىك.
57 ياخشىلىققا بۇترۇپ يامانلىقتىن توسۇش.
58 قۇرئان ۋە ھەدىستە كۆرسۇتىل گەن قانۇن لارنى ئىجراقىلىش.
59 ئاللاھ يولىدا جانمال بىلەن جىھاد كۇرەشقىلىش.
60 ئەگەر قادىر بۇلالمىغاندا قاتتىق تەييار لىققىلىش.
61 ئامانەتكە خىيانەيقىلماي ۋاختىدا ئاداقىلىش.
62 غەنىمەتنىڭ بەشتەن بىرىنى ئەمىرگە تاپشۇرۇش.
63 قەرەز بولسا ۋاختىدا تۇلۇق تاپشۇرۇش.

PostHeaderIcon شەرىئەتتە قەرز ئەھكاملىرى

بارلىق ھەمدۇ-سانا بىزلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغان، ھاياتىمىزنى ۋەھىي ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەن ھەق سۈبھەنەھۇ ۋەتائالاغا بولسۇن، بىزگە ئىسلامنى تولۇق يەتكۈزگەن مۇھەممەد رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە -تاۋابىئاتىغا، ساھابە كىراملىرىگە، شۇنداقلا تاكى قىيامەتكە قەدەر ئاشۇ پەيغەمبەرنىڭ تۇتقان يولىغا ئەگىشىپ ماڭغان مۆمىنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.
كۈندىلىك ھاياتىمىزدا قەرز بېرىپ تۇرۇش ياكى قەرز سوراشتىن ھېچبىر كىشى خالىي ئەمەس، ئىسلام شەرىيئىتى قەرز بېرىپ تۇرۇشقا تەرغىب قىلغان، ئۇنىڭ ساۋابى ھەم پەزىلەتلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ئەھكاملارنى ئايەت ۋە ھەدىسلەردە بايان قىلغان، مەيلى تىجارەتچى بولسۇن، مەيلى دېھقان ۋە ياكى ئۆي خېنىمى ياكى ئوقۇغۇچى بولسۇن ئىشقىلىپ ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ياشايدىغان مۇسۇلمان شەخسلا بولىدىكەن، جازانە، زاكات، مىراس، مۇئامىلە، تۆلەم قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلارغا چېتىلغانلىقى جەھەتتىن قەرزگە مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملارنى بىلمىسە شەرىيئەت كۆرسەتمىسىگە خىلاپ كېلىدىغان كۆپ ئىشلارنى سادىر قىلىپ سالىدۇ، جىدەل-ماجىرالاردىنمۇ خالىي بولالمايدۇ، شۇڭا بۇ ماقالىمىزدا قەرزگە مۇناسىۋەتلىك بىلىۋېلىش زۆرۈر بولغان مۇھىم مەلۇمات ۋە ئەھكاملارنى بايان قىلىمىز.

قەرزنىڭ تەرىپى:
قەرز دېگەن: كېيىن قايتۇرۇپ ئېلىش مەقسىتىدە پايدىلىنىۋالىدىغان بىر كىشىگە بەرگەن پۇل-مال قاتارلىق نەرسىلەردىن ئىبارەت.

قەرز كېلىشىمىنىڭ تۈرى:قەرز بېرىش ياردەم خاراكتىرلىك كېلىشىم ھېسابلىىدۇ، بەدەل ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئەمەس.

قەرز بېرىپ تۇرۇشنىڭ پەزىلىتى:

قەرز بېرىپ تۇرۇشنىڭ پەزىلەتلىك ئەمەل ئىكەنلىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر، شۇنداقلا پۈتۈن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئىجمائى ئارقىلىق ئىسپاتلانغاندۇر.
جانابى ئاللاھ مۇنداق دېگەن: (كىم ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بېرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە كۆپ قايتۇرىدۇ) بەقەرە سۈرىسى 245-ئايەت.
بۇ ئايەتتە ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتائالا سالىھ ئەمەللەر بىلەن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىنغان پىقىملارنى قەرز بېرىلگەن مال-مۈلۈككە ئوخشۇتۇپ، ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ بېرىلگەن مۇكاپاتنى قەرزنىڭ بەدىلىگە ئوخشاتقان. ياخشى ئىشلارنى قەرز دەپ ئاتىغان، چۈنكى ئۇنى قىلغۇچى ئۇنى بەدىلىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قىلغان، دېمەك ئۇنداق كىشى بىر نەرسىنى قەرز بېرىپ كېيىن ئۇ قەرزىنىڭ بەدىلىنى قايتۇرىۋالغۇچىغا ئوخشىغان.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەرز ئالغان، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر ئادەمگە، مەلۇم بىر ياشتىكى تۆگىنى بېرىشى بار ئىدى. ئۇ ئادەم رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا تۆگىسىنى سۈيلەپ كەلگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ساھابىلىرىغا: «بۇ ئادەمگە تۆگىسىنى بېرىڭلار» دېدى. ساھابىلەر ئىزدەپ، ئۇنىڭ تۆگىسىگە ئوخشاش ياشتىكى تۆگىنى تاپالماي، ئۇنىڭ تۆگىسىدىن يېشى چوڭراق بىر تۆگىنى تاپتى. رەسۇلۇللاھ: «تۆگىنى ئۇ ئادەمگە بېرىڭلار» دېگەندە، ئۇ ئادەم: ھەققىمنى تولۇق بەردىلە، اللھ سىلىگىمۇ تولۇق بەرگەي! دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياخشىراقىڭلار قەرزنى ياخشى ئادا قىلغىنىڭلار» دېدى.(بۇخارى)
ئىمام مۇسلىم سەھىھىدە رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: (كىمكى بىر مۆمىننى بىر غەمدىن خالاس قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇنى قىيامەتنىڭ غەملىرىنىڭ بىرىدىن خالاس قىلىۋېتىدۇ، كىمكى قىينىلىپ قالغان بىر كىشىگە قولايلاشتۇرۇپ بەرسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قولايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، كىمكى بىر مۇسۇلماننى يۆگىسە، ئاللاھ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يۆگەيدۇ. بەندە قېرىندىشىنىڭ ياردىمىدىلا بولىدىكەن، ئاللاھ ئاشۇ بەندىسىنىڭ ياردىمىدە بولىدۇ).
دېمەك قەرز بېرىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش بىلەن چوڭ غېمىدىن خالاس قىلغاچقا، قەرز بېرىش تەرغىب قىلىنغان پەزىلەتلىك ئىشلار قاتارىغا كىرىدۇ.
ھەدىستە مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان: (كىمكى بىر مۇسۇلمانغا ئىككى قېتىم قەرز بېرىپ تۇرسا، بىر قېتىمقىنى سەدىقە قىلغاندەك بولىدۇ). بۇ سۆز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىنمۇ، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان. شەيخ ئالبانى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسى ئىكەنلىكىنى تەرجىھ قىلغان.
بەيھەقى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: (بىر نەرسىنى قەرز بېرىش سەدىقە بەرگەندىن ياخشىراق) دېيىلگەن.
بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىبنى ماجە بىلەن بەيھەقىي رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: (مەن كېچىسى بەيتىلمەقدىسكە ئېلىپ بېرىلغىنىمدا جەننەتنىڭ دەرۋازىسى ئۈستىدە مۇنداق يېزىلغانلىقىنى كۆردۈم: سەدىقىگە ئون ھەسسە ساۋاب بېرىلىدۇ، قەرزگە ئون سەككىز ھەسسە) بۇ ھەدىسنى ھافىز ئىراقىي ئاجىز دەپ باھالىغان.
بۇنىڭ سەۋەبىنى تابارانى رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىدۇ: (جەننەتكە كىرىپ جەننەتنىڭ دەرۋازىسىغا: سەدىقىگە ئون ھەسسە ساۋاب بېرىلىدۇ، قەرزگە ئون سەككىز ھەسسە دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ جىبرىلدىن: ئى جىبرىل قانداق بولۇپ سەدىقىگە ئون ھەسسە ساۋاب، قەرزگە ئون سەككىز ھەسسە ساۋاب بېرىلىدىغان بولغان؟ دەپ سورىسام، جىبرىل مۇنداق دېدى: سەدىقە دېگەن باينىڭمۇ، كەمبەغەلنىڭمۇ قولىغا چۈشىدۇ، قەرز دېگەن پەقەتلا مۇھتاجنىڭ قولىغا چۈشىدۇ.). بۇ ھەدىسمۇ قەرز بېرىلگەن بىر تەڭگە، سەدىقە قىلىنغان ئىككى تەڭگىگە باراۋەر كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى قەرزدە ھەم غەمدىن خالاس قىلىش، ھەم مۆھلەت بېرىشتىن ىبارەت قوش ساۋابلىق ئىش بار. شۇڭا ساۋابىمۇ قوش بولغان. دېمەك قەرز بېرىلگەن بىر تەڭگە سەدىقە قىلىنغان ئىككى تەڭگىگە باراۋەر، كېيىن بىر تەڭگە قەرزنى قايتۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن يىگىرمە ھەسسە ساۋابتىن ئون سككىزى قالغان.

قەرز بېرىش ئەۋزەلمۇ سەدىقە قىلىشمۇ؟
بەزى ئالىملار يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە ئاساسەن قەرز بېرىش ئەۋزەل دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر: (كىمكى بىر مۇسۇلمانغا ئىككى قېتىم قەرز بېرىپ تۇرسا، بىر قېتىمقىنى سەدىقە قىلغاندەك بولىدۇ). دېگەن ھەدىسكە ئاساسەن سەدىقە بېرىش قەرز بېرىشتىن ئەۋزەل دەپ قارىغاندۇر. يەنە بەزىلەر: باش تەرىپىگە قارىساق قەرز بېرىش ئەۋزەل، چۈنكى ئۇنىڭدا تىلەپ باقمىغان مۇسۇلماننىڭ يۈز-ئابرويىنى ساقلاش ئالاھىدىلىكى بار، ئاياغ تەرىپىگە قارىساق، سەدىقە ئەۋزەل، چۈنكى سەدىقىدە بەرگەن نەرسىنى قايتۇرىۋالمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە قايسىنىڭ ئەۋزەللىكى ھەر بىر شەخس، شارائىت ۋە زامانغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، ئوخشاشمىغان ھەدىسلەرنىمۇ شۇنداق چۈشەنسەك بولىدۇ.

قەرزنىڭ يولغا قويىلىشىدىكى ھىكمەت:
ئىنسانلار ئادەتتە باشقىلاردىن پۇل-مال سوراپ تۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولغاچقا، قىينىلىپ قالماسلىق، تۇرمۇش ئىشلىرى ئۆز يولىدا مېڭىش ۋە قەرز بېرىپ ساۋابقا ئېرىشىدىغانلارنىڭ بۇ ساۋابلىق ئىشنى قىلىش ئارقىلىق ئەجىرگە ئېرىشىشى ئۈچۈن قەرز بېرىش يولغا قويۇلغان.

قەرز بېرىپ تۇرۇشنىڭ ھۆكمى:
قەرز بېرىپ تۇرغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا قەرز بېرىش قەرز سورىغۇچىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش، خارلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قويۇش، غەمدىن خالاس قىلىش قاتارلىق ساۋابلىق ئىشلاردىن سانالغان بولغاچقا، قەرز بېرىشنىڭ ئۆزى مۇستەھەب ياخشى ئىش.
ئەمما قەرز سوراش ئەھۋالىغا قاراپ قەرز بېرىپ تۇرۇشنىڭ ھۆكمى ئوخشاش بولمايدۇ،
مەسىلەن: ھاراق ئىچىشتەك ئېنىق ھارام ۋە گۇناھ ئىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن قەرز سورىغان كىشىگە قەرز بېرىپ تۇرۇشنىڭ ھۆكمى ھارام بولىدۇ. گۇناھقا ئىشلىتىپ قېلىشى كۈچلۈك ئېھتىمال بولسا، مەكرۇھ بولىدۇ.
تىجارەتچى كىشى زۆرۈر ئېھتىياجى بولمىسىمۇ تىجارىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ كۆپرەك پايدا ئېلىش ئۈچۈن قەرز سورىغان بولسا، قەرز بېرىپ تۇرۇش مۇباھ بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق ئەھۋالدا غەمدىن خلاس قىلىش، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتەك ئېسىل پەزىلەت بولمايدۇ.
قەرز سورىغۇچى قىيىن ئەھۋالدا قالغان، مەسىلەن قەرز بېرىلمىسە ئاچ قالىدىغان، داۋالىنالماي ئۆلۈپ كېتىدىغان، ئىنتايىن قىينىلىپ قالىدىغان بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭغا قەرز بېرىپ تۇرۇش ۋاجىب بولىدۇ. ئۇنداق جىددىي ئەھۋال بولماي، سەل قىينىلىدىغان، سەل ئاۋارە بولىدىغان ئەھۋۋاللاردا مۇستەھەب بولىدۇ.

قەرز ئېلىشنىڭ ھۆكمى:
قەرز ئالغان تەقدىردە قەرزنى كېيىنچە قايتۇرۇشقا كۈچى يېتىدىغان كىشىنىڭ قەرز ئېلىشى مۇباھتۇر. ئەگەر قايتۇرالمايدىغان ئەھۋالدا بولسا، قەرز ئېلىشقا جىددى ئېھتىياجى بولمىغان ئەھۋالدا قەرز ئېلىشى مۇباھ ئەمەس.
قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرزنى قايتۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قەرز بەرسە، قەرز سورىغۇچىغا ھارام بولمايدۇ.

قەرزنى ئادا قىلماي ئۆلۈپ كەتكەن ئەھۋالدا مېيىتنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى:
قەرزى بار كىشى ئۆلۈپ كېتىپ قەرزى تېخى ئادا قىلىنمىغان ئەھۋالدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ كىشىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمەي باشقىلارنى چۈشۈرۈشكە بۇيرىغان. بۇ قەرزنى ھايات ۋاقتىدا قايتۇرىۋېتىش، ھايات ۋاقتىدا قەرزنى قايتۇرۇشقا سەل قارىماسلىقنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا قەرزى بار ئادەمنىڭ جىنازىسى ئېلىپ كېلىنسە: «بۇ ئادەم قەرزنى تۆلىگىدەك بىر نەرسە قالدۇردىمۇ؟» دەپ سورايتتى. ئەگەر ئۇ ئادەم قەرزنى تۆلىگىدەك بىر نەرسە قالدۇردى، دېيىلسە، ئۇنىڭغا ناماز چۈشۈرەتتى. ئەگەر قەرزنى تۆلىگىدەك بىر نەرسە قالدۇرمىدى، دېيىلسە، مۇسۇلمانلارغا: بۇ ھەمراھىڭلارغا ئۆزۈڭلار ناماز چۈشۈرۈۋېلىڭلار، دەيدىغان ئىدى. اللھ تائالا رەسۇلۇللاھغا نۇرغۇن شەھەرلەرنى ئازاد قىلىپ بەرگەندە: «مەن مۆمىنلەرگە ئۆزلىرىدىنمۇ بەكرەك ئىگە بولىمەن. مۆمىنلەر ئۆلۈپ قەرز قالدۇرسا، ئۇنى تۆلەش ماڭا، مال دۇنيا قالدۇرسا، ۋارىسلىرىغا» دېدى.(بۇخارى)

قەرزدىكى مەنپەئەت:
قەرزدىكى مەنپەئەت يا قەرز بېرىپ تۇرغۇچىغا، يا قەرز ئالغۇچىغا، ياكى ھەر ئىككىسىگە ياكى ئۈچىنچى بىر تەرەپكە بولىدۇ.
مەنپەئەتنىڭ تۈرى ئۈچ خىل بولىدۇ: ماددىي، تەسادىپىي، مەنىۋىي.
شەرت قىلىش قىلماسلىق جەھەتتىن: شەرت قىلىنغان ۋە قىلىنمىغان مەنپەئەتكە ئايرىلىدۇ.

قەرزگە شەرت قىلىنغان مەنپەئەت:
بۇ مەنپەئەت قەرزنىڭ ئۆسۈمى ياكى پايدىسى ياكى ئاۋۇشى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنى قەرز ئالغۇچى قەرز ئالغان پۇلنى ئېشلىتىپ پايدىلىنىۋالغانلىقى ئۈچۈن تۆلەيدۇ. بۇ دەل جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلىنغان قەرز جازانىسى بولۇپ بارلىق ئالىملار قەرزنى قايتۇرغاندا ئارتۇق قايتۇرۇشنى شەرت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىدا، بۇ ئارتۇق نەرسە جازانە بولىدىغانلىقىدا ئىتتىپاق. بۇنى شەرت قىلىش قەرز بەرگەن چاغدا بولسۇن ياكى قەرزنى كەينىگە سۈرگەندە بولسۇن بەرىبىر.
شەرت قىلىنغان ئارتۇق نەرسە يۈز يەنگە يۈز ئون يەن قايتۇرۇش دېگەندەك مىقتاردا بولىشىمۇ مۇمكىن، ئورۇق قوينىڭ ئورنىغا سېمىز قوي قايتۇرۇش دېگەندەك سۈپەتتە بولىشىمۇ مۇمكىن، مۇنداق قىلىپ بېرىسەن دېگەندەك مەلۇم مەنىۋىي مەنپەئەت بولىشىمۇ مۇمكىن. ھەممىسى ئومۇمەن "مەنپەئەت شەرت قىلىنغان ھەرقانداق قەرز جازانە" دېگەن قائىدە دائىرىسىگە كىرىدۇ.
ئىمام ئىبنىۇل مۇنزىر مۇنداق دېگەن: "بارلىق ئالىملار بىرلىكە كېلىپ ئىجمائ قىلدىكى، قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىغا بىرەر ئارتۇق نەرسىنى ياكى ھەدىيە بېرىشنى شەرت قىلىپ، ئاشۇ شەرت بويىچە قەرز بەرگەن بولسا، بۇ قەرزنى قايتۇرغاندا ئارتۇق شەرت قىلغان نەرسىنى ئېلىشى جازانىدۇر".

قەرزنى كەم تۆلەشكە كېلىشىشنىڭ ھۆكمى:
قەرزنى كەم تۆلەشكە كېلىشىشنىڭ ھۆكمى كۈچلۈك قاراشتا جائىزدۇر.

قەرزنى باشقا يۇرتتا قايتۇرۇشنى شەرت قىلىشنىڭ ھۆكمى:قەرزنى باشقا يۇرتتا قايتۇرۇشقا كېلىشىش قەر بەرگۈچىگىمۇ قەرز ئالغۇچىغىمۇ تەڭ پايدىلىق ئىش بولۇپ، بۇنداق قىلىشتا قەرز بەرگۈچى پايدىلانسىمۇ، قەرز ئالغۇچىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا بۇ ئىش كۈچلۈك قاراشتا جائىزدۇر.

قەرزنى قايتۇرۇشقا ۋاقىت بەلگىلەش:
قەرزنى قايتۇرۇشقا ۋاقىت بەلگىلەش ياكى بەلگىلىمەسلىك جائىزدۇر.

قەرز كېلىشىمىدە سودا-سېتىق شەرت قىلىشنىڭ ھۆكمى:
قەرز كېلىشىمىدە مۇنچىلىك قەرز بېرىپ تۇراي، سەن ماڭا ماۋۇ ئۆينى سېتىپ بېرىسەن، دېگەندەك سودا-سېتىق شەرت قىلىش جائىز بولمايدۇ، شۇنداقلا مۇنچىلىك قەرز بېرىپ تۇراي، ماشىنامنى كىرالايسەن دېگەندەك ئىجارىگە ئېلىش ۋە كىرالاش قاتارلىق كېلىشىملەرنىمۇ شەرت قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. يەنە قەرز بېرىپ تۇرغان پۇلنىڭ زاكىتى بېرىپ قويىسەن دەپ شەرت قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. يەنە ساڭا قەرز بېرىپ تۇراي ئاندىن سەن ماڭا قەرز بېرىپ تۇرغىن دەپ شەرتلىشىشكىمۇ بولمايدۇ.
يۇقىرىقىدەك مەنپەئەت شەرت قىلغان ئەھۋاللاردا قەرز كېلىشىمىنىڭ ھۆكمى توغرا بولىدۇ، ئەمما شەرت ئەمەلدىن قالىدۇ.

قەرز بېرىپ تۇرغان پۇلنىڭ زاكىتى:
قەرز بېرىپ تۇرغان پۇلنىڭ زاكىتىنى پۇل ئىگىسى بېرىدۇ، قەرز ئالغۇچى بەرمەيدۇ.

مەنپەئەتنى قەرز بېرىپ تۇرۇشنىڭ ھۆكمى:
ئېھتىياج بولغاندا مەلۇم مەنپەئەتنى قەرز بېرىپ تۇرۇشقا بولىدۇ، مەسىلەن بېلەت قەرز بېرىپ تۇرغاندەك.

قەرزنى قايتۇرغاندا ئارتۇقراق قايتۇرۇش:
قەرزنى قايتۇرغاندا شەرتلەشمىگەن ھالەتتە ئارتۇقراق قايتۇرسا جائىز. ئارتۇقلۇق مىقداردا بولسۇن ياكى سۈپەتتە بولسۇن مەيلى. سەھىھۇل بۇخارىدىكى ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياخشىراقىڭلار قەرزنى ياخشى ئادا قىلغىنىڭلار» دېگەن. ئەمما شەرتلەشكەن بولسا ئېنىڭ جازانە بولىدۇ.


قەرزنى قايتۇرۇشتىن بۇرۇنقى شەرتلەشمىگەن پايدا-مەنپەئەتلەرنىڭ ھۆكمى:
قەرزنى قايتۇرۇپ بولغىچە قەرز ئىگىسىگە تۈرلۈك پايدا-مەنپەئەتلەرنى يەتكۈزۈش مەسىلىسىدە تەپسىلىي توختۇلۇش لازىم. ئەگەر بۇ پايدا-مەنپەئەتلەرنى يەتكۈزۈش پەقەتلا قەرز بېرىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن بولسا، جائىز بولمايدۇ. قەرز ئۈچۈن بولماي ئادەتتە قىلىۋاتقان، پەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان پايدا-مەنپەئەت بولسا جائىز بولىدۇ. مەسىلەن قەرز بېرىشتىن بۇرۇنمۇ شۇنداق ئادەت بولسا مەيلى. ياكى پەۋقۇلئاددە بىر سەۋەب پەيدا بولۇپ شۇنىڭ ئۈچۈن پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزگەن بولسا مەيلى. پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈش سەۋەبى ئېنىق بىلىنمىسە تاكى بىلىنگەنگە قەدەر چەكلىنىدۇ.

قەرز بەرگۈچىگە رەھمەت ئېيتىش، دۇئا قىلىش:
قەرز ئالغۇچى بەرگۈچىگە رەھمەت، تەشەككۈر ئېيتىش، دۇئا قىلىش ياخشى مۇستەھەب ئىشتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: (ئىنسانلارغا رەھمەت ئېيتمىغانلار ئاللاھ تائالاغا رەھمەت ئېيتمايدۇ).(ئىبنى ھىببان سەھىھىدە رىۋايەت قىلغان).

قەرز بېرىشتىن مەقسەت قەرز ئالغۇچىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئەمەس، ئۆزىنىڭ پۇلىنى سالامەت ساقلاش بولسا قەرز جائىزمۇ؟
قەرزدە قەرز بەرگۈچىنىڭ پۇلى ساق قايتۇرۇلىشى قەرز ئىگىسى ئالىدىغان بىر پايدا ھېسابلىنىدۇ، لېكىن قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ ئىشىغا ساۋاب ئالىدۇ. ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىنىڭ پۇلىنى ساق ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق ئۆز مەنپىئەتىنى كۆزلىگەن بولسا، بۇ ئىشىغا ساۋاب ئالالمايدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ بۇ قەرز يەنىلا جائىز.

قەرز ئالغۇچىنىڭ يۈز-ئابرويى ياكى تىلىۋېلىشىدىن پايدىلىنىپ ناھەق ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ياكى باشقىلارنىڭ ھەققىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن قەرز بېرىپ تۇرۇش ھارامدۇر، چۈنكى بۇ ئەھۋالدا قەرز بېرىپ تۇرۇش بىر خىل پارا ھېسابلىنىدۇ.

"مەنپىئەت ئەكەلگەن ھەرقانداق قەرز جازانىدۇر" دېگەن قائىدە توغرىىسىدا:
بۇ سۆزنى بەزىلەر ھەدىس دەپ قارىسىمۇ ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل فىقھىي قائىدە بولۇپ، كۆپ ئەھۋاللاردا مەنپىئەت ئەكەلگەن قەرز جازانە بولسىمۇ ھەممە ئەھۋاللاردا ئۇنداق ئەمەس. مەسىلەن بىز يۇقىرىدا ئارتۇق قايتۇرۇشنى شەرتلەشمىگەن ئەھۋالدا قەرزنى قايتۇرغاندا ئارتۇقراق قايتۇرسا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتۇق. دېمەك بۇ قائىدىنى مۇنداق دەپ قەيت قىلىپ چۈشىنىش كېرەك: قەرز بەرگۈچىگە قەرز ئالغۇچى تەرىپىدىن كېلىدىغان، شەرت قىلىنغان ياكى شەرت قىلىنغاننىڭ ھۆكمىدە بولغان ئارتۇقچە مەنپىئەت جازانە ھېسابلىنىدۇ.

بانكىدا قويغان پۇل، بانكىدىن ئالغان پۇللار قەرزمۇ ئامانەتمۇ؟
قىسقا مۇددەتلىك ياكى مۇددەتسىز ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك بولسۇن بانكىدا قويۇلغان پۇللار قەرزدۇر، ئامانەت ئەمەستۇر. چۈنكى بۇ پۇللارنى بانكا خالىغانچە تەسەررۇپ قىلالايدۇ، ئىشقا سېلىپ پايدىسىنى ئالالايدۇ. ئاماەنت بولسا ساقلاشتىن باشقا ئىشنى قىلمىسا بولاتتى.
شۇنداقلار بانكىدىن ئالغان پۇللارمۇ قەرزدۇر، ئامانەت ئەمەستۇر. چۈنكى بۇ پۇل قەرزنى ئالغان كىشىنىڭ مۈلكى بولۇپ ئۇنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدۇ، پايدا ئالسا يانچۇقىغا سالىدۇ.
شۇڭا بانكىدىن ئالغان ياكى بانكىدا قويغان پۇللارغا قوشۇپ قايتۇرىدىغان ياكى قوشۇپ ئالىدىغان ئۆسۈملەرمۇ شەرتلەشكەن ئەھۋالدا جازانە بولىدۇ.

بانكىدا مۇددەت بەلگىلىمەي قويغان (قاچان ئالسا ئالالايدىغان قەرز) پۇل ئىگىسى، چەك دەپتىرى، ئوپتىماتىك پۇل ئېلىش بوتكىلىرى خىزمىتى قاتارلىقلاردىن پايدىلانسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ تەرەپكە ئورتاق كېلىدىغان مەنپىئەت.

بانكىدا پۇل قويغان كىشىگە بانكا بىر نەرسە ساتقاندا ئالاھىدە ئېتىبارلىق باھا بىلەن مۇئامىلە قىلسا، بانكا تەرەپ خېرىدارغا ھەدىيە بەرسە، بۇ قەرز ئۈچۈن بېرىلگەن ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ.


بانكىدا مۇددەتلىك ھەم مۇددەتسىز قويغان بارلىق پۇللارنىڭ ئۆسۈمىنى ئېلىش ھارام بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا قولغا كەلگەن ئۆسۈم پۇللارنى ئۆزى ئىشلەتمەي نامراتلارغا تارقىتىۋېتىش لازىم.

بانكا باشقىلارغا ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۇش شەرتى بىلەن بەرگەن قەرزلەرنىڭ ئۆسۈمىمۇ ھارام جازانەدۇر.

قەرز بېرىپ تۇرغانلىق ئۈچۈن قەرز بېرىپ تۇرۇشنى شەرت قىلغان ئەھۋالدا ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە قەرز بېرىپ تۇرۇشۇش ھارامدۇر. شەرتلەشمىگەن ئەھۋالدا جائىز. مەسىلەن: سىز بىرسىدىن 100 يەن قەرز ئالدىڭىز. كېيىن ھېلىقى كىشىگە پۇل لازىم بولۇپ قالغاندا سىزدىن قەرز ئالسا مەيلى. ئەمما من ساڭا ھازىر قەرز بېرىپ تۇرىمەن، كېيىن سەن ماڭا قەرز بېرىپ تۇرىسەن دەپ شەرت قىلغان بولسا، بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك جائىز بولمايدۇ.

تۈرلۈك زايۇم ھۆججەتلىرى جازانىلىك قەرز بولغاچقا ھارامدۇر، بۇ سەۋەبتىن ئۇنى ئېلىپ-سېتىشمۇ ھارام بولىدۇ.

خەلقئارالىق تىجارەتتە ئىمپورت قىلغان دۆلەتتىكى بانكا ۋاستىچىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئالىدىغان پايدا، ئەگەر ئىمپورت قىلغۇچى سودا مەبلىغىنى تولۇق تاپشۇرمىغان ياكى بىر قىسمىنى تاپشۇرمىغان ئەھۋالدا ھارام ئۆسۈم دائىرىسىگە كىرىدۇ. شۇنداقلا ئىمپورت قىلغۇچى مەبلەغنى تاپشۇرۇشتا كېچىكىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بانكىغا تاپشۇرىدىغان ئۆسۈممۇ ھارام ئۆسۈم دائىرىسىگە كىرىدۇ.

قەرزنى ئادا قىلىۋېتىش زۆرۈرمۇ پەرز ھەجگە بېرىشمۇ؟
قەرزنى تۆلەش ۋاقتى كېيىن كېلىدىغان بولسا، ھەجگە بېرىۋەرسە بولىدۇ. ئەمما ھەجگە بارسا كېيىن قەرزنىڭ ۋاقتى توشقاندا قەرزنى قايتۇرالمايدىغان بولسا، يەنىلا بارسا بولمايدۇ.
قەرزنىڭ ۋاقتى كەلگەن بولسا، قەرز ئىگىسى رۇخسەت قىلغان ئەھۋالدا ھەجگە بارسا بولىدۇ، رۇخسەت قىلمىسا قەرزنى ئادا قىلىۋېتىپ ئاندىن بېرىش كېرەك.

ئالدىن شەرتلەشمىگەن ئەھۋالدا قايتۇرۇش ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن قەرزنى قايتۇرىۋېلىش ئۈچۈن قەرزنىڭ بىر قىسمىنى چۈشۈرىۋېتىشكە بولامدۇ؟
قەرز بەرگەن ۋاقىتتا يا ئاغزاكى ياكى يېزىپ شەرتلەشمىگەن ياكى شەرتلەشمىگەن بولسىمۇ جەمئىيەتتە شۇنداق قىلىش ئادەت شەكىللەنمىگەن ئەھۋالدا قەرزنى ۋاقتىدىن بۇرۇن قايتۇرىۋالغان ئەھۋالدا قەرزنىڭ بىر قىسمنى چۈشۈرىۋېتىپ قايتۇرۇش جائىز. بۇنداق قايتۇرۇش قەرز ئىگىسىنىڭ يالغۇز ئىرادىسى بىلەن ئۆزى خالىغان ئەھۋالدا جائىز بولىدۇ، بۇ ھىبە ساكى ياردەم ياكى سۈلھى قىلىش دائىرىسىگە كىرىدۇ.

قەرز قايتۇرغاندا قەرز ئالغان پۇلنىڭ تۈرىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتسە، قەرزنى شۇ پۇلدا قايتۇرامدۇ ياكى قىممىتىنى قايتۇرامدۇ؟
قەرز ئالغاندا يەن قەرز ئالغان بولسا ياكى يەن ھېساۋىدا قەرز ئالغان بولسا، يەننىڭ قىممىتى چۈشۈپ كەتسۇن ياكى ئۆرلەپ كەتسۇن قايتۇرغاندا شۇنچە يەن قايتۇرىدۇ. دوللەر ئالغان بولسا، شۇنچە دوللەر قايتۇرىدۇ. ئەگەر يەن ئېلىپ كېيىن دوللەر قايتۇرماقچى بولغان بولسا، قايتۇرىدىغان كۈندىكى باھا بويىچە ھېسابلاپ ئالماشتۇرۇپ قايتۇرىدۇ.
قەرز سورالغاندا قەرز بېرىپ تۇرمىسا گۇناھ بولامدۇ؟

داۋامى كېيىن ئىنشائاللاھ.

PostHeaderIcon ئاياللار يالاڭ ئاياق ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!!

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
مۇسۇلمان ھۆر ئايالنىڭ نامازدا يۈزى ۋە ئالقىنىدىن باشقا ئۇرۇنلارنى يۈگىشى ۋاجىب. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ ھەيىزدار ئايالنىڭ ھەيىزدار ھەلەتتتە ئۇقۇغان نامىزىنى ۋەئايال كىشىنىڭ رومالسىز ئۇقۇغان نامىزىنى قۇبۇل قىلمايدۇ دىېگەن سۈزگە ئاساسەن ئاياللارنىڭ نامازدا يۈزى ۋە ئالقىنىدىن باشقا ئۇرۇنلارنى (ھۇشىقىغا ئوخشاش ،باشقا ئوخشاش،پۇتىغا ئوخشاش ئۇرۇنلانى شۇنداقلا بارلىق ئەۋرەت سانىلىدىغان ئەزالارنى) ئۇچۇق قۇيۇب ناماز ئۇقۇشى توغرا ئەمەس .
ئەبۇ داۋۇ ئۇممۇسەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنغان ئۇممۇسەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئايال كىشىنىڭ يوپكا كىيىپ(ياكى ئۆي ئىچىدە كيىدىغانكىيىم بىلەن) ياغلىق ئارتىپ نەمما پۇركەنچە (ياكى ئۇزۇنچاپان)كەيمەستىن ئۇقۇغان نامىزى ھەققىدې سورغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايال كىشىنىڭ پۈتۈن تۇرقى ئەۋرەتتۇردىېگەن.
ھەقىقەتەن نامازدا يۈزنى ئۇچۇق قۇيۇش سۈننەت.(شۇ شەرت بىلەنكى ناماز ئۇقۇغۇچى ئايالنىڭ ئەتراپىدا ئۇ ئايالغا قاراشتىن چەكلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ بولماسلىقى لازىم) .
ئەمما بىز بۇيەردە سۆزلەۋاتقان ئاياللار يالاڭ ئاياق(پايپاق كىيمەي) ناماز ئوقۇش مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ ساندىكى ئالىملار ئايال كىشى ناماز ئۇقۇغاندا ئىككى پۇتىنى يۆگىشىنى ۋاجىب دەپ قارايدۇ .ئازساندىكى ئالىملار بۇنىڭغا روخسەت قىلىدۇ.لىكىن كۆپ ساندىكى ئالىملار ئاياللارنىڭ يالاڭ ئاياق ناماز ئۇقۇشىغا قۇشۇلمايدۇ
ئۇلارنىڭ دەلىلى ئەبۇداۋۇد ئۇممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان بۇ ھەدىسنى ئاساس قىلىدۇ <ئۇممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئايال كىشىنىڭ ياغلىق ئارتىپ ،ئۇزۇن كۆينەك كىيب ئۇقۇغان نامىزى توغرىسىدا سورغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەگەر ئۇنىڭ كەيگەن ئۇزۇن كىيمى ئىككى پۇتنى يۆگىيەلسە ھېچقىسى يوق دىېگەن . دىمەك ھەرقانداق ئەھۋالدا پۇتنى يۆگەپ ناماز ئۇقۇغان ۋە يۆگەپ يۇرگەن ئەڭ ياخشى.
ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ھەممىدىن بەك بىلگۈچى.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەزىرىتى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا:
" ئى ئەسما! ئايال كىشى بويىغا يەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ ماۋۇ ماۋۇ يىرىدىن باشقا
بەدىنى كۆرۈنسە بولمايدۇ" دىگەن ۋە يۈزى بىلەن ئالقىنىغا ئىشارەت قىلغان.
(سۇنەنۇ ئەبۇ داۋۇد4106-ھەدىس) ئىمام بەيھەقى دىدى: بۇ ھەدىس مۇرسەل(ئاجىز)
بولسىمۇ ئۇنى ئاللاھ تەئەلا مۇباھ قىلغان تاشقى زىننەت ھەققىدە كەلگەن ساھابىلەرنىڭ
قارىشى بىلەن بىرلەشتۈرگەندە شۇ ھەدىس بويىچە قاراش كۈچلۇك بۇلۇپ قالىدۇ.
(سۇنەنۇل بەيھەقى،فەنھۇل قاديىر،ھەلەبىي).


يەنە ئايال كىشىنىڭ ئىككى پۇتىنى يۆگەشنىڭ ۋاجىپلىقىنىڭ دەلىلى شۇكى،


ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق رىۋايەت قىلغان:
مەن ئى رەسۇلۇللاھ ئايال كىشى ئىشتان ياكى يوپكا كەيمەيلا ،ئۇزۇن بىر كۆڭلەك
بىلەن بىر ياغلىقتىلا ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟ دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ : " ھەئە، ئىككى
پۇتىنىڭ ئۈستىنى يۆگىسە مەيلى،دەپ جاۋاپ بەردى" (ئەبۇ داۋۇد ).
بۇ ھەدىستە: [ئىككى پۇتىنىڭ ئۈستىنى يۆگىسە مەيلى] دىگەن ئىبارە ئىككى پۇتنىڭ
ئەۋرەتلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە ئىمام تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان ھەدىستە،

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم :

{ئاللاھ تەئەلا كىيىمىنىڭ پەشلىرىنى ھاكاۋۇرلۇقتىن سۆرىگەن كىشىگە قىيامەت كۈنى
قارىمايدۇ ،دىگەن، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا : ئۇنداقتا ئاياللار كىيىملىرىنىڭ
پەشلىرىنى قانداق قىلىدۇ ؟ دەپ سورىغان، رەسۇلۇللاھ : بىر غېرىچ قويۇپ بەرسۇن دىگەن،
ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا : ئۇنداقتا پۇتلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ، دىگەندە
رەسۇلۇللاھ: ئۇنداقتا بىر گەز قويۇپ بەرسۇن، ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىلمىسۇن،دىگەن}
(تىرمىزىي سەھىھ دىگەن).

بۇ ھەدىستە: بىر غېرىچ ۋە بىر گەز دىگەن ئۇزۇنلۇق يەردىن ئەمەس ئەر كىشىنىڭ
كىيىمىنىڭ ئۇزۇنلىقىدىن ئارتۇق بولىدىغان ئۇزۇنلۇقنى كۆرسىتىدۇ ، يەنى ئەر كىشىنىڭ
كىيىمى ھوشۇقنىڭ ئۈستىدە بولسا ئۇنىڭدىن بىر غېرىچ ياكى بىر گەز ئۇزۇن بولسۇن
دىمەكچى.يۇقىرىقى ھەدىسلەر ئىككى پۇتنى يۆگەشنىڭ ۋاجىپلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇڭا باشقا ئەۋرەتلەرگە ئوخشاشلا پۇتنىڭ تۆتتەن بىرى ئېچىلىپ قالسا ناماز
جائىز بولمايدۇ.



ئاياللارنىڭ پۇتىنىڭ ئەۋرەت ياكى ئەمەسلىكىدە بىر قىسىم ئالىملار ئوتتۇرىسىدا
ئىختىلاپ بولغان،بىر قسىم ئالىملار ئەۋرەت ئەمەس دەپمۇ قارىغان، لىكىن دەلىل
جەھەتتە " پۇت ئەۋرەت" دىگەن قاراش كۈچلۇك سانىلىدۇ.

شۇڭا يۇقارقى مۆتىۋەر قاراشقا ئاساسەن، ئاياللاريالاڭ ئاياق
ياكى ئەت بىلىنىپ تۇرغىدەك نىپىز پايپاق كىيىپ ناماز ئوقۇسا بولمايدۇ.
(ۋەللاھۇ ئەئلەم)

PostHeaderIcon شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىشنىڭ 10 تۈرلۇك يولى

1.اﷲقا سىغىنىش .اﷲمۇنداق دەيدۇ:<< ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسە قىلىپ (يۇقۇرىقى خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرمەسلىككە كۈشكۈرتسە) اﷲغا سېغىنىپ (شەيتاننىڭ شەررىدىن) پاناھ تىلىگىن، .اﷲ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلپ تۇرغۇچىدۇر. >>سۈرە فۇسسىلەت 36-ئايەت

.سۈرە فەلەق ۋە سۈرە ناس نى ئوقوش.بۇ توغۇردا رەسۇلىلاھ:<<پاناھلىق تىلەشتە مۇئەۋۋىدھەتەين يەنى سۈرە فەلەق ۋە سۈرە ناسقا ھىچ نەرسە يەتمەيدۇ.>>دېگەن.

3.ئايتەل كۇرسى يەنى سۈرە بەقەرە -255ئايەت نى ئوقۇش

4. سۈرە بەقەرەنى ئوقۇش،رەسۇلىلاھ مۇنداق دېگەن:<<سۈرە بەقەرە ئوقولغان ئۆيگە شەيتان كىرەلمەيدۇ >>مۇسلىمدىن

5.سۈرە بەقەرەنىڭ ئاخىرقى ئايەتلىرىنى ئوقۇش.پەيفەمبەر ئەلەيھىسسالام:<< كىمكى ئاخشىمى سۇرە بەقەرەنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتىنى ئوقۇپ ياتىدىكەن،ئۇ تاڭ ئاتقۇچە ھىمايە قىلىنىدۇ. >>دېگەن.مۇسلىم

6.سۈرە غافىرنىڭ بىشىدىن ئككى ئايەتنى يادلاپ ئوقۇش.

7. <<لائىلاھە ئىللەلاھۇ ۋەھدەھۇ لاشەرەكەلەھ،لەھۇل مۇلكۇ ۋە لەھۇل ھەمدۇ ۋەھۇۋە ئەلاكۇللى شەيئىن قەدىر>>دىيىش.تەرجىمىسى:اﷲتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر.مۈلۈك ئۇنىڭ،ھەمد ئۇنىڭغا خاستۇر.ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.

8.شەيتاندىن قوغدايدىغان ئەڭ پايدىلىق يول بولسا اﷲ نى ھەردەم ئەسلەپ تۇرۇشتۇر.

9.تاھارەت ئىلىش ۋە ناماز ئوقۇش.

10.ئورۇنسىز پاراڭ،كۆپ تاماقلىنىش ۋە كۆپ ئالاقىدىن ساقلىنىش.


مەنبە:muslimz_paradise ياخۇ گۇرۇپپىسى

PostHeaderIcon ئىبلىسنىڭ پارلامېنت يىغىنى

ئىبلىس باشچىلىقىدىكى شەيتانلار كىڭەش پالاتا بىناسىدا يىغىلىپ، دۇنيانىڭ كەلگۈسى ۋە تۈرلۈك خەۋەرلەر ھەققىدە جىددى يىغىن ئېچىشتى. قانۇن-نىزاملىرى دۇچ كىلىۋاتقان خىيىم-خەتەر، توسالغۇ بولۇۋاتقان توساقلار ۋە خام-خىياللىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئىلىپ بېرىشتى. قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشۇپ، قانۇن-نىزاملىرىنى تەھدىتكە ئۇچرىتىۋاتقان بەزى مەسىلىلەردىن ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
بىرسى ئورنىدىن تۇرۇپ: «جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئەڭ خەتەرلىك» دەپ كۆز-قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
يەنە بىرسى گەپ باشلاپ:
- بۇنىڭدىن قورقۇپ كېتىش ھاجەتسىز! بۇ تۈزۈممۇ شەخسىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلىدۇ. بىز شەخسى مۈلۈكچىلىكنى «جۇمھۇرىيەت» تونى ئارقىلىق كىشلەرگە چىرايلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. خەلق ئويغىنىپ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن خىيالىمىزنىڭ سۇغا چىلىشىشىدىن ئەنسىرەپ«جۇمھۇرىيەت»نامى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتىمىز. مەسىلە پادىشاھ ياكى شاھزادە دىگەنلەردە ئەمەس. شەخسىي مۈلۈكچىلىك پۇقرالارنىڭ پادىشاھ ئىستىبدات ئاستىدا ياشىشى دىگەنلىك بولماستىن، بەلكى مەلۇم بىر توپنىڭ ياكى مەلۇم شەخسلەرنىڭ باشقىلارغا مۇھتاج ھالەتتە كۈن كەچۈرىشى دىمەكتۇر. خەلق ۋە شەخسلەر بۇنىڭدا ئورتاق. غەربنىڭ «جۇمھۇرىيەت» نىزامىغا دىققەت قىلمىدىڭمۇ؟ تىشى پارقىراپ، جىلۋىلىنىپ تۇرغان بىلەن ئىچى چىڭگىزخاننىڭ ئىچىدىنمۇ بەك قاراڭغۇ.
باشقا بىرسى سۆز قىستۇرۇپ:
- كاپتالىستىك تۈزۈم قولىمىزدىن كەتمىسىلا مەيلى. لىكىن جانابى ئالىيلىرى نىمە دەيدىكىن؟ «كارل ماركىس» دىگەن يەھۇدىي نۇرغۇن ئىغۋاگەرچىلىك تېرىۋەتتى. پەيغەمبەر بولمىغان بىلەن ئەگەشكۈچىلىرى قولىدىن چۈشۈرمەيدىغان مۇقەددەس كىتابى بار ئىكەن تىخى! خەۋەرلىرى بارمىكىن، دۇنيانى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، كەمبەغەللەرنى كۈشكۈرتۈپ، بايلارغا زۇلۇم سالدى. ھەتتا بىزنىڭمۇ تەختىمىز تەۋرىنىشكە باشلىدى،-دىدى.
يەنە بىرسى ئورنىدىن تۇرۇپ:
- ھۆرمەتلىك جانابى ئىبلىس ئالىيلىرى! ياۋرۇپانىڭ سىھرىگەرلىرى، ئىخلاسمەن مۇرتلىرى بولسىمۇ ئۇلارغا تازا ئىشىنىپ كىتەلمەيمەن. سامىرى دىگەن يەھۇدىي مەزدەك (مەزدەك پارس سوتسىيالىستلارنىڭ داھىيسى—ت) نىڭ ئۆزىلا ئىكەن. ئۇ پۈتكۈل دۇنياغا قانۇن-پىرىنسىپلىرىنى تارقىتىپ بولدى. ئاجىزلار نوچىلىق قىلىشقا باشلاپ، كەمبەغەل پىرولتارىياتلار پومىشچىك ۋە ھوقۇقدارلارنى باستۇرۇپ، ئەزگىلى تۇردى. پومىشچىكلار بۇلارغا يەرلىرىنى بېرىۋەتتى. بىز ئەينى ۋاقىتتا سوتسىيالىستىك پارتىيىنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا سەل قاراپتۇق. ئەمدى بۇلارنىڭ تەسىر دائىرىسى كېڭىيىپ، چاتاقنىڭ چوڭى چىققىلى تۇردى. يەر شارىمۇ بۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى شۇملىقىدىن لەرزىگە كېلىپ كەتتى. زۇڭتۇڭ جانابلىرى! سىلى باشقۇرىۋاتقان ئالەم يىمىرىلىپ، ئاستىن-ئۈستىن بولۇپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ.
پارلامىنت باشلىقى ئىبلىس سۆز باشلاپ مۇنداق دىدى:
- دۇنيانىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرى مىنىڭ قولۇمدا، مەن خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىمەن. كىشلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزۇپ تاشلىسام، ئىتلاردەك تالاشسا، بۆرىدەك بىر-بىرىنى ئوۋلاشسا دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغىنىنى كۆرىسىلەر. سىياسىي ئەربابلارنىڭ ۋە روھانى پوپلارنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ قويسام ئەقلىدىن ئادىشىپ ئۆزىنى يوقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئالەمنىڭ قايسى ھالەتتە دەۋران قىلغىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالىسلەر. سوتسىيالىزىم توغرىسىدا سۆز قىلدىڭلار، ماڭا ئىشىنىڭلار، ئىنسانلارنىڭ خاراكتىرى، خۇي-پەيلى پەيدا قىلغان ئىتپاقسىزلىقنى سوتسىيالىستىك پەلسەپىلەر بىرلەشتۈرەلمەيدۇ. مەن بۇ نادان پىرولتارىيەتچىلەر ۋە لەنىتى سوتسىيالىزىمچىلاردىن ئەندىشە قىلىپ كەتمەيمەن. بىردىن-بىر ئەنسىرەيدىغىنىم مۇسۇلمان خەلق. چۇنكى بۇ كىشلەردە يوشۇرۇن ئىستەك ۋە ھاياتقا قارىتا ئىشەنچ يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە كېچىلىرى تەھەججۇد نامىزىنى تاشلىمايدىغان، سەھەرلىرى كۆزىدىن ياش قۇرۇمايدىغان كىشىلەر ھېلىھەم كۆپ. دانالارغا مەلۇمكى، ھەقىقەتەن كەلگۈسىدىكى ئەڭ زور خەۋپ سوتسىيالىزىم ئەمەس، بەلكى ئىسلامىزىمدۇر.
لىكىنغۇ مۇسۇلمانلار قۇرئاننى تەرك قىلىپ، مال-دۇنيا كويىدا بولۇپ كەتتى. باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش قالايمىقان ئىقتىساد دولقۇنىنى قوغلىشىپ يۈرىشىدۇ. مەن خېلى تەجرىبىگە ئىگە. شەرقنىڭ كېچىسى تېخىچە قاراڭغۇ پېتى، بەكمۇ زۇلمەت ئىچىدە. ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بۇنى يورۇتۇپ، دۇنيانى نۇرغا ئايلاندۇرغىدەك ھالى يوق. بىراق يىڭى ئەسىرنىڭ باشلىنىشى بىلەن بىزنىڭ خىياللىرىمىزنى بىتچىت قىلىپ، مۇسۇلمان خەلقنى ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتىدىغان، مۇھەممەدنىڭ دىنىغا يىتەكلەيدىغان كىشلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن سەل ئەنسىرەۋاتىمەن. سىلەرنى ئاساسلىق ئاگاھلاندۇردىغان يوليورۇقۇم، مۇھەممەدنىڭ دىنىدىن پەخەس بولۇڭلار! بۇ دىن شەخس ۋە ئائىلنىڭ نام-ئابرۇيىنى قوغدايدۇ، مەسئۇلىيەت قارشى كۈچلۈك، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە شەرەپنى ياقلىغان، ئامانەت، ئىپپەت-نۇمۇس، ئەخلاق ۋە قەھرىمانلىق روھىنى ئاساس قىلغان دىندۇر. ئۇ ھەر قانداق قۇلچىلىق تۈزۈمنى رەت قىلىدۇ، ئىنسانلارنى خار-زەبۇنلىقتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ، قۇل-پادىشاھ دەپ ئايرىپ يۈرمەيدۇ، سۇلتان ۋە كەمبەغەلگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ، بايلىرى مالنىڭ زاكىتىنى ئايرىپ، كىرلىرىنى تازىلاپ ساپ قىلىپ ئىشلىتىدۇ. كاپتال ۋە بايلارنى ئۆز ماللىرىغا خۇسۇسى ئىگە قىلىدۇ، ئىقتىساد ئىگىلىرىگە ئاللاھنىڭ ساقچىلىرى، مال-دۇنيا ۋەكىللىرى سۈپىتىدە قارايدۇ. ناۋادا پىكىر ئىنقىلابى قوزغۇلۇپ، بۇ ھەرىكەت داۋامىدا «زىمىن ئاللاھنىڭ مۈلكى، پادىشاھ ياكى سۇلتان ھاكىملارنىڭ شەخسىي مۈلكى ئەمەس» دەپ جار سالسا، بۇ دىندىنمۇ خەتەرلىك ئىنقىلاب، قوزغىلاڭ بارمىدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق كۈچۈڭلارنى مۇشۇ دىننى كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن يىراق قىلىش ئۈچۈن سەرپ ئېتىڭلار!
سىلەرگە نىسبەتەن بۇ ئاسان ۋەزىپە. مۇسۇلمانلارنىڭ پەرۋەردىگارىغا بولغان ئىشەنچىسى بەك ئاجىز، سۇس، دىنغا بولغان ئىمانى زەئىپ. بۇلارنىڭ پەلسەپە، تىئولوگىيە، قۇرئان-ھەدىسنى ئۆز خاھىشى بويىچە تەپسىر قىلىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغىنى بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەزان ئاۋازىنى توسۇڭلار! بولمىسا ئۇلار بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ تىلسىماتلىرىنى ئىچىۋىتەلەيدۇ. بىزنىڭ سېھىرلىرىمىزنى مۇڭلۇق ئەزان-تەكبىرلىرى بىلەن بىكار قىلىۋىتىدۇ.
قىرىنداشلار! مۇسۇلمانلار ئۇيقۇنى كۆپ ئۇخلاپ، سەھەر ئورنىدىن تۇرالمىسۇن. تىرىشىپ ئىشلەڭلار! جىددى ھەركەتكە ئۆتۈڭلار! سوتسىيالىزىمچىلارنىڭ پىلانى سۇغا چىلاشسۇن! مۇسۇلمانلارنىڭ باشقىلارغا قۇل بولۇپ، دۇنيادىن ئۆزىنى تارتىپ، ئىلىم-پەندىن يىراق ھالدا زاھىد بولغىنى ۋە شۇنداقلا تاشقى دۈشمەننى ئاددىي چاغلىغىنى بىزنىڭ بەختىمىز.

ۋاي ئىسىت! ۋاي ئىسىت!مۇسۇلمانلار ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، دىنىغا چىڭ ئېسىلسا بىزنىڭ بەخىتسىزلىكىمىز ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئار-نۇمۇس بارمۇ؟
ھەقىقەتەن شەيتانلار ئارزۇسىغا يەتتى، پىلانى ئەمەلگە ئاشتى. بۇلارنىڭ كېڭىشى ئىسلامغا ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا قارشى ھالدا تۈزۈپ چىقىلغان ئىدى. بىردىن-بىر نىشانى كۈل ئىچىدە لىۋىلداپ تۇرغان ئىماندىن ئىبارەت چوغنى ئۆچۈرۈش ئىدى. شۇنداقلا ئەرەب ۋە ئەجەمدىن تەركىب تاپقان مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان بېرىش، ئاللاھ يولىدا چىدامچان بولۇش، ناھەقكە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت دىنىي روھىنى، ئىسلام تۇيغۇسىنى ئىلىپ تاشلاش ئىدى.
ئىبلىس قوشۇنلىرىغا تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق جاكارلىدى:
- ئاچلىققا سەبىر قىلىدىغان، ئۆلۈمگە پەرۋا قىلمايدىغان مۇجاھىدنىڭ قەلبىدىن مۇھەممەدنىڭ روھىنى ئىلىپ تاشلاڭلار! بۇ سەبىرسىز، پەقىرلىقتىن زارلايدىغان، ئۆلۈمدىن بەكمۇ قورقىدىغان بولۇپ چىقسۇن! ئەرەبلەرنى غەربنىڭ پىكرى بىلەن مەشغۇل قىلىڭلار! ھەرەم ئەھلىدىن ئەنئەنىۋى دىنىي مەدەنىيەتنى يۇلۇپ ئېلىۋىتىڭلار! شۇ ئارقىلىق ھىجاز ۋە يەمەن زىمىنىدىن ئىسلامنى ھەيدەپ چىقىرالايسىلەر!
ئافغانلارنىڭ دىنى غەيرىتى كۇچلۇك خەلق. بۇنىڭ چارىسى بۇلارنىڭ تاغ ۋە ئويمانلىقلىرىدىمۇ دىندىن ئەسەر قالمىسۇن! بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مۇسۇلمان پەرزەنتلەرنى دىنىي روھ، ئىسلام تۇيغۇسىدىن مەھرۇم قويۇپ، مەنپەئەتپەرەس، مادداپەرەس، ھاياتقا ئاچكۆزلۈك بىلەن قارايدىغان، ئەخلاقى چىرىكلەشكەن، ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوق، دىنىدىن شەكلىنىدىغان تەلىم-تەربىيە بىلەن ئوقۇتۇش لازىم.
فىرئەۋىن بەنى ئىسرائىل پەرزەنتلىرىنى تىرىك ئۆلتۈرۈپ، ئۆزىگە ئار-نۇمۇس ئارتىۋالدى. فىرئەۋن بۇلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئوچۇق-ئاشكارا ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرنى تىرىك قالدۇرغان، بەنى ئىسرائىلنىڭ كەلگۈسىدىكى خەۋپىدىن ئەندىشە قىلىپ شۇ ئۇسۇلنى قوللانغان. ئەپسۇس! چوڭقۇرراق ئويلانغان بولسا، بەنى ئىسرائىل پەرزەنتلىرىنى ئۆلتۈرمەي، ئەقلىنى چىرىتىپ، خالىغانچە يىڭى بىر ئەۋلاد بەنى ئىسرائىل قەۋمىنى پەيدا قىلالايتتى .ئەڭ ياخشى چارە مۇسۇلمان ياشلار، ئوقۇغان زىيالىيلار دىنىي روھ، دىنىي ھىسىيات ۋە مىللىي غورۇر دىگەننى بىلمىسۇن! بۇلار خىزمەت، مەنسەپ-ئەمەل، مائاش، دەرىجە دىگەنلەر بىلەن مەشغۇل بولسۇن! فىرئەۋىن بۇ ھىيلىنى بىلىپ يىتەلىگەن بولسا ئىدى، قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر ئېرىنمەيتتى. ئوڭايلا ،خاتىرىجەم ھالدا مەقسەتكە يېتەتتى. بۇنىڭدىن سىرت، تارىخ بېتىدە زالىم دەپ ئاتالماي، ئەيتاۋۇر مەرىپەتپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر ۋە مەدەنىيەت يىتەكچىسى دىگەندەك ناملارغا ئېرىشكەن بولاتتى.



دۈشمەنلەرنىڭ دىنىي روھنى ئاجىزلاشتۇرۇش غەلبىسى



دۈشمەن غەلىبە قىلدى. ئىسلام دۇنياسىدا دىنىي ھىسىيات ئۆچۈشكە باشلىدى. مەنپەئەتپەرەسلىك ئەۋج ئېلىپ، ئىسلامنىڭ قەھرىمانلىق روھى يوقالدى. كىشىلەر مادداپەرەس بولۇپ كېتىشتى. مەن ئەرەب ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىنى زىيارەت قىلىپ چىقتىم. ئەبى لەھەب كەبى قالدۇقلار ھەممە شەھەرلەردە كۆپ ئىكەن؛ مۇھەممەد روھى بىلەن تويۇنغانلار قىزىل گۈڭگۈرتتەك ۋە مەغرىبنىڭ ئەنقا قۇشلىرىدەك ئاز ئىكەن. ئەرەب دىيارىدا ئەرەبلەرنىڭ قەدىمكى سۆيگۈ-مۇھەببەت رىشتىسىنى كۆرمىدىم. باشقا ئەللەردە ئەجەملەرنىڭ قەدىمقى ئىلغار دانا پىكىرلىرنى ئۇچراتمىدىم. دەجلە، فۇرات دەريا بويلىرى ئىسلام قەھرىمانلىرىغا مۇھتاج ئىكەن. ھىجاز رايونىنىمۇ كۆزدىن كەچۈردۈم، ھىجاز كارۋىنىدىمۇ ھۈسەيننىڭ ئورنىنى باسىدىغان كىشىلەر يوقتەك قىلاتتى.
ئەي تەۋھىد مىراسخورى، جەلىپكار نۇتۇقۇڭنى يوقۇتۇپسەن، قەھىرلىك جاسارىتىڭنى يۈتتۈرۈپسەن. بىر كۈنلەردە باشقىلارغا قارىساڭ سەندىن چۆچۈيتتى، قەلبى شۈركۈنەتتى. ئەمما بۈگۈن ئادەتتىكى كىشىلەردىن پەرقىڭ يوق، كۈچلۈك روھ يوق ياكى باشقىلارنى جەلپ قىلالىغۇدەك جەزبە تىخى يوق.
سەجدەئۈچۈن زىمىن تىترەيتتى، بىراق مېھرابلار قۇرۇق. مەسجىدلەر قۇرغاق زىمىن يامغۇرغا تەشنا بولغاندەك سەجدە قىلغۇچىلارغا تەلمۈرۈپ قالدى.
مىسردا ياكى پەلەستىندە تۈنۈگۈن تاغلارنى لەرزىگە كەلتۈرگەن ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىمىدىم.
مۇسۇلمانلار سۆيگۈ-مۇھەببەت دىگەننى يوقاتتى، قەلىب سۆيگۈسىدىكى ھايات ئوتى ئۆچتى، سۆيگۈ كۈلى توپىغا ئايلاندى.ظى مۇسۇلمان!!!!
ئوكيان كېزىپ، دولقۇن يېرىپ، سەدەپمۇ-سەدەپ ئىزدەپ يۈرۇپ لۇئلۇ(مەرۋايىت) كەبى ھاياتلىقنى كۆرمىدىم.
بۇ چۈشكۈن ئاجىزلىقنىڭ مەنبەسى ئىماندىن خالىي قەلب.
مۇسۇلمانلار سەمىمىي سۆيگۈنى ئۇنۇتتى، بۇلار قانسىز ۋە روھسىز، ھاياتلىق قېنى سۈمۈرىۋېلىنغان ئىسكىلىتلارغا ئوخشاپ قالدى. سەپلىرى چۇۋۇلۇپ، قەلىبلىرى گاڭگىراش ئىچىدە داۋالغۇپ، مۇھەببەت سۆيگۈدىن قۇرۇق قالدى.



ئىسلام ئويغۇنىشى



سىياسىي بورانلار ئىسلام دۇنياسىغا نۇرغۇن بۆھرانلارنى ئىلىپ كىلىپ مۇسۇلمانلارنى سەگەك بۇلۇشقا ئۈندىدى. بۇلاردا يىڭى بىر ھاياتلىق ئەندىزىسى كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
يۇلتۇز نۇرى ئۆچۈپ زۇلمەت قاراڭغۇلۇقى باشلانغاندا، سۈبھى يورۇپ يەنە بىر يورۇقلۇق جىلۋە قىلىدۇ. قۇياش ئۇپۇق ئارىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ، كېچىنىڭ قاراڭغۇ زۇلمىتىنى كۆزدىن غايىپ قىلىدۇ.
غەرپنىڭ شىۋىرغانلىرى مۇسۇلمانلارنى قايتىدىن ئسلامغا قايتىش دولقۇنى قوزغىدى.
دەرھەقىقەت! مەرۋايىتمۇ چوڭقۇر قاراڭغۇ-زۇلمەت دېڭىز ئاستىدا ۋۇجۇتقا كىلىدۇ.
يىڭى بىر ھاياتلىق شەرقتە جانلىنىشقا باشلىدى.
بۇرۇنقى ئۆلۈك تومۇردا يىڭى قىززىق قان ئاققىلى تۇردى.
بۇ سىرنىڭ تېگىگە ئىبن سىنا ۋە فارابىلارمۇ يىتەلمەيتتى. ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا تۈركلەرنىڭ بايقاش ئىدراكىنى، ھىندىلارنىڭ زەكىلىكىنى، ئەرەبلەرنىڭ نۇتۇق سەنئىتىنى ئاتا قىلغان ئىدى.



مۇسۇلمانلار يىڭى دۇنيانىڭ قۇرغۇچىلىرىدۇر



غەرب مەدەنىيىتى ئۆز رولىنى يوقۇتۇپ، تېرىپسىن بولۇپ كەتتى. قېرىپ مۈكچىيىپ ھالسىرىدى، پىشقان مېۋىدەك مىچىلداپ كەتتى، ساپىقىدىن ئۈزۈلىدىغان پەيتمۇ يىتىپ كەلدى.
غەرب قىمارۋازلىرى ئۆتمۈشنى چىرىتىپ، دۇنيانى قىمار، پاسادچىلىق پاتقىقىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى. ئىنسانلار يىڭى دۇنياغا كۆز ئاچىدىغان پەيت يىتىپ كەلدى.
بۇ يىڭى دۇنيانى پەقەت تۈنۈگۈن مۇسۇلمانلارغا ھەرەمنى قۇرغان ئىبراھىم ۋە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ رەھبەرلىك مىراسخورلىرى بولمىش مۇسۇلمان ئەۋلادلارلا قۇرۇپ چىقالايدۇ.
ئى ئۇيقۇدىن بېشىنى كۆتۈرەلمەيۋاتقان مۇسۇلمان! كۆزۈڭنى ئاچ! دۇنيانى ھەر تەرەپتىن پاسادچىلىق بىسىپ كەتتى. ياۋرۇپالىقلار زىمىندا ئەزۋەيلەپ ھەددىدىن ئاشتى، پاك زېمىننى بۇزدى، ئالەمنى مالىمان قىلىپ زۇلۇمغا، ناچار قىلمىش ۋە داد-پەريادلارغا توشقۇزۇۋەتتى. زىمىن ئاللاھنىڭ ئۆيى، پاك مەسجىدى، شۇنداقلا تەڭرىنىڭ نامى زىكىر قىلىنىدىغان كەڭ چەكسىز بوشلۇق.
بىراق غەربلىكلەر دۇنيانى ھاراق سورۇنىغا، ئەيش-ئىشرەت پاھىشە كۇلۇبىغا، بۇلاڭ-تالاڭ سەھنىلىرىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى.
ئەمدى ۋاقىت ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرگۈچىلەردىن، ھەرەم بەيتۇللاھنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ئورنىدىن دەس تۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا. غەربلىكلەر بۇزغان بۇ ئۇل-ئاساسنى ئىسلاھ قىلىشنى كۈتمەكتە.
مۇسۇلمانلار ئىبراھىم ۋە مۇھەممەد پەيغەمبەرلەر قۇرغان ئۇلنى قايتىدىن تىكلىگەي! يىڭى دۇنيا ياراتقاي!


«تۈگىدى»

PostHeaderIcon قۇرئاننى يانفوننىڭ چاقىرغۇ سىگىنالى قىلىشنىڭ ھۆكمى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمىتۇللاھى ۋە بەرىكاتۇھ

قۇرئاننى تېلېفوننىڭ چاقىرغۇ سىگىنالى قىلىش ھارام

ئىسلام دۇنياسى كېڭىشىى قارمىقىدىكى ئىسلام فىقھى كېڭىشى 11- ئاينىڭ 8- كۈنى قۇرئان ئايەتلىرىنى يانفوننىڭ چاقىرىش سىگىنالى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا جىددى بايانات ئېلان قىلدى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 70 نەپەر ئىسلام فىقھە ئالىملىرى مۇقەددەس شەھەر مەككىگە يىغىلىپ، 19- قېتىملىق فېقھى چوڭ يىغىنىغا قاتناشىتى. يىغىن 11- ئاينىڭ 3- كۈنى باشلىنىپ 6 كۈن داۋاملاشتى. يىغىن ئارىلىقىدا ئالىملار نۆۋەتتىكى نۇرغۇن يېڭى مەسىللەر توغرىسىىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. بەزى جايلاردا قۇرئاننى يانفوننىڭ چاقىرغۇ سىگىنالى قىلىدىغان بولۇپ ، بۇ دەۋرىمىزدىكى بىر يېڭى مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى. يىغىندا ئالىملار پەس- پەستە نۇرغۇن ئاسىيا ۋە ئەرەپ دۆلەتلىرىدىكى يانفون شىركەتلىرىنىڭ ئابونىتلارنىڭ يانفون چاقىرىش سىگىنالى قىلىپ ئىشلىتىشى ئۈچۈن، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى تېلېفوننىڭ ئېكرانىغا چىقىرىش ياكى قۇرئان تىلاۋىتىنى يانفوننىڭ چاقىرشى سىگىنالى قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.
نۇرغۇن ئالىملار بۇنىڭ قۇرئان كەرىمگە يەڭگىللىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان قىلمىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ دەسلەپتە بىر تالاي تالاش- تارتىشلاردىن كېيىن بىردەك پىكىرگە كېلىپ بۇ ئىشنى «ھارام» يەنى قەتئىي چەكلىنىدىغان ئىش دەپ بىكىتتى. بۇ باياناتتا مۇنداق دىيىلدى « ئەگەر قۇرئان كەرىمنى ئاڭلاش ياكى ئۆگىنىش ئۈچۈن يانفونغا قاچىلىۋالسا بۇ خاتا ئىش ئەمەس، بەلكى بۇ بىر ياخشى ئىش. بىراق قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ يىزىقىنى ياكى تىلاۋىتىنى يانفوننىڭ چاقىرىش سىگىنالى قىلىش، ئالدىراپ- تىنەپ تېلېفوننى ئېلىش ئۈچۈن تىلاۋەتنى ئۈزىۋېتىش، بۇ مۇقەددەس قۇرئان كەرىمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق، شۇڭىلاشقا بۇ ھارام، قەتئىي چەكلەشكە تىگىشلىك قىلمىش.»Dawami

PostHeaderIcon ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىش دەرىسى

1- دەرىس

2- دەرىس


3- دەرىس

4- دەرىس

5- دەرىس

6- دەرىس

7- دەرىس

8- دەرىس

9- دەرىس

10- دەرىس

11- دەرىس

12- دەرىس

PostHeaderIcon قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىتىش دەرسى. تۈرۈكچە

1- دەرىس

2-دەرىس



3-دەرىس

4-دەرىس


5-دەرىس

6-دەرىس

7-دەرىس

8-دەرىس

9-دەرىس

10-دەرىس

11-دەرىس


12-دەرىس

13-دەرىس

14-دەرىس

15-دەرىس

16-دەرىس

17-دەرىس

18-دەرىس

19-دەرىس

20-دەرىس

21-دەرىس

22-دەرىس

23-دەرىس

24-دەرىس

PostHeaderIcon ناماز دۇئالىرى

Dawami
söndag 24 maj 2009

PostHeaderIcon زامان ئاخىرنىڭ 10چوڭ ئالامەتلىرى

زامان ئاخىرىنىڭ 10 چوڭ ئالامەتلىرى
ئىنسانلار ئويلاپ باقمىغان ھەر خىل ئاجايىپ ئىشلار پەيدا بولىدۇ. ھەر خىل يېڭى شەيئى ، ھەر خىل پرىنسىپ ، خىلمۇ خىل ئەخلاق تۈرلىرى ، رەڭگا رەڭ تۈزۈم پەيدا بولىدۇ، بۇ زاماندا ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىشلار كەينى كەينىدىن كۆرىلىشكە باشلايدۇ. ئاللانىڭ ئەلچىلىرى ئەينى ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق بىر زاماننىڭ كىلىدىغانلىغىنى ئەسكەرتكەن، ۋە ئىنسانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، بۇ ئاجايىپ غارايىپ ئىشلار بىلەن تەپەككۈرىڭلارنى قالايمىقان قىلماڭلار دېگەن،( مۇھەممەت ئەليھىسسالاممۇ مۇنداق دېگەن: سەن پەقەت كۆرۈپ باقمىغان ،پەقەت ئويلاپ باقمىغان نەرسىلەر پەيدا بولسا ، زامان ئاخىر كەلگەن بولىدۇ، ئۇ يەنە زامان ئاخىرى كېلىشتىن بۇرۇن ئويلاپ باقمىغان ۋەقەلەر بولىدۇ، كىشىلەر بۇنداق نەرسىنى ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمىز دەپ سوئال قويۇشقان چاغدا، سىلەر ئاللانى ئەسلەڭلار، چۈنكى بۇ زامان ئاخىرىنىڭ ئالامەتلىرى.)
2. كىيىمى ئۇچىسىنى ياپالمايدىغان ، نامرات ،قالاق پادىچىلار چوڭ چوڭ ئىمارەتلەرنى سېلىشىدۇ. ئىمانسىز كىشىلەر ، ھەدىستىن خەۋىرى يوق كىشىلەر بۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ، ئاشۇ قوسىقىنى باقالمىغان ، كىيىمى پۈتۈن بولمىغان ئاياق كىيىشكىمۇ قۇربى يەتمەيدىغان پادىچىلار قانداق قىلىپ ھاپىلا -شاپىلا ئېگىز بىنالارنى سېلىپ بىنانىڭ ئۈستىگە چىقىشىپ كەڭ زېمىن`گە قارىشىپ كېتەر؟ بىراق ھازىر قۇملۇقتىن نېفىت چىقىپ نېفىت پۇللىرى بەزى قالاق مەملىكەتلەرنى بىراقلا باي قىلىۋەتتى، نامرات پادىچى ئادەملەر بىراقلا مىليۇنىر بولۇشۇپ ئارقا-ئارقىدىن ھەممىسى داچا-بىنا سېلىشىپ كاتتا بايلاردىن بولۇپ قالدى. رەسۇلىللا نەچچە ئەسىرنىڭ ئالدىدا بۇنداق ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان مۆجىزىنىڭ پەيدا بولۇدىغانلىغىنى ئالدىن خەۋەر قىلغان،( رەسۇلىللا مۇنداق دېگەن ئىدى: سىلەر نامرات يالاڭ ئاياق يۈرۈدىغان پادىچىلار ئارقا-ئارقىدىن ئېگىز بىنالارنى سېلىشقانلىغىنى كۆرگەن ۋاقىتتا زامان ئاخىرىنىڭ كېلىشىگە ئاز قالغان بولىدۇ)
3. ئۆيلەرنى خۇددى كىيىمنى لاھىلىگەندەك لاھىيلەپ سېلىش.بۇرۇنقى كىشىلەر ئىنسانلارنىڭ ئۆي سېلىشىغا بۇنچىلىك كۈچ سەرپ قىلىشىپ كىيىم لاھىلىگەندەك تۈجۈپۈلەيدىغانلىغىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ، چۈنكى ئۇلار ئۆينى بۇنچىۋالا قىلىپ كېتىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق دەپ قارايتتى. ھازىر بۇ زامان كەلدى، بىز رەسۇلىللا دېگەن ئەھۋاللارنى كۆرىۋاتىمىز.( رەسۇلىللا مۇنداق دېگەن: ئادەملەر ئۆينى كىيىم لاھىيلەپ تىككەندەك لاھىيلەپ سالسا ، زامان ئاخىرى كىلشكە ئاز قالغان بولىدۇ.)
4. دۇنيادىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئارىلىقى قىسقىراپ كېتىش. بۇرۇن كىشىلەر دۇنيادىكى جايلارنىڭ ئارىلىقىنىڭ بۇنچىۋالا قىسقىراپ ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا يىراقلاردا بولىۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەر تېپىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا رەسۇلىللا مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلغان ۋە ئالدىن خەۋەر قىلغان ئىدى: زېمىن قاتلىنىپ ، غەرب ۋە شەرقتىكى كۆپلىگەن جايلارنى كۆردۈم، مەندىن كېيىنكى مۇسۇلمانلار بارىدىغان جايلارنىمۇ كۆردۈم، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئەگەشكۈچىلىرىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: بۇندىن كېيىن زىمىنىڭ ئارىلىقى قىسقىرايدۇ، ۋاقىت قىسقىراپ زېمىن قاتلانغاندەك يېقىنلاشقان چاغدا، زامان ئاخىرغا ئاز قالغان بولىدۇ.
ھازىر يەرشارىدىكى ئارلىق قىسقارغاندەك ، قاتلىنىپ يېقىنلىشىپ قالغاندەك بولىۋاتىدۇ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەمگە ئۇچۇش ئەسۋاپلىرىگە ئولتۇرۇپ يەر شارىنىڭ ھەرقانداق بىر بۈرجىكىنى كۆرەلەيدۇ، يەردىكى كىشىلەر ئۇلار تارقاتقان ئۇچۇر بىلەن يەرشارىنى كۆرەلەيدۇ. ئاۋاز ۋە سۈرەت يىراقلاردىن ناھايىتى تىزلا يەتكۈزىلىدۇ، قاتناش تەرەققى قىلىپ، ئارلىق قىسقىراپ كەتكەندەك بىلنىشىدۇ، ۋاقىت قىسقىراپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرىلىدۇ. بۇلار رەسۇلىللانىڭ ئەينى ۋاقىتتا بىزگە يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرى.
5. ھايۋانلار سۆزلەيدۇ، نەرسىلەر گەپ قىلىدۇ، ئايالى ئۇچۇرنى ئېرىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.ھايۋانلارنىڭ سۆزلىشى قەدىمكى زاماندا مۇمكىن بولمايدىغان بىر خام خىيال دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى، ھازىر بۇنداق ئاجايىپ ئىشلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى، ھازىر ھايۋانلار ئادەملەرگە گەپ قىلماقچى بولىۋاتىدۇ، ئادەملەر كالىنىڭ ئىنسانغا نېمە دېمەكچى بولغانلىغىنى بىلىۋاتىدۇ، ئۇزاققا قالماي، ياۋايى ھايۋانلارمۇ ئىنسانلار بىلەن سۆزلىشىپ باققۇسى كېلىپ قېلىشى مۇمكىن،نەرسىلەرنىڭ گەپ قىلىشى بۇرۇن مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ھازىر ئەمەلگە ئاشتى،بۇرۇنقى كىشىلەر ئايالى ئۆيدىكى ئۇچۇرنى ئېرىگە يەتكۈزۈپ بېرىشىنى چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىدى،ھازىرقى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش ئەسۋابى، يانفۇن ، دېگەندەك ئەسۋابلار ئومۇملىشىپ بۇ ئەمەلگە ئاشتى، يەنە بەزى ئەسۋابلارنى كۆزەينەك رامكىسىغا ۋە ياكى ئاياقنىڭ چەمىگە ئورنىتىپ ئىز قوغلاش ۋە ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئەمەلگە ئاشماقتا،بۇلارنى ( رەسۇلىللا مۇنداق دەپ ئېيتقان ئىدى: روھىمنى باشقۇرغۇچى ئاللانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھايۋانلار زۇۋان سۈرسە، ئاياقنىڭ بوغۇچى ۋە چەمى ئۆيدىكى ئەھۋاللارنى خەۋەردار قىلالىغان ۋاقىتتا زامان ئاخىرى كەلگەن بولىدۇ.)
6. بىلىمى چوڭقۇر ، لېكىن دىندىن خەۋەرسىز،بۇرۇن مەدەنىيەتنىڭ تارقىلىشى بىلىمنىڭ ئومۇملىششى ۋە تونۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن ، ئۇ چاغلاردا نۇرغۇن قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار سادىق بولۇپ، سادىقلىق ئۇلارنىڭ ئاساسلىق بۇرچىنىڭ بىر قىسمى ۋە ئۆلچىمى ئىدى، ھازىر بولسا ئۇنداق ئەھۋال يوق بولۇپ، كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت نەپرىتى ئېنىق ئەمەس،( روسۇلىللا مۇنداق دېگەن: ئۇ چاغدا بىلىمى بارلار كۆپ بىلىدۇ، لېكىن تونۇشى بارلار ئاز بولىدۇ،) قانۇن ئىجراچىلىرى كۆپ بولۇپ، سادىقلىرى ئاز بولىدۇ، بۇ دەل زامان ئاخىرىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر. ئەسلى بىلىم بولسا ئېتىقادنى چىڭىتىشنىڭ ئاساسى ، بىلىمسىزلىك بولسا ئېتىقادى سۇسلىقنىڭ ئالامىتى ئىدى، بىراق ھازىر بۇ ئىككىسى ئالمىشىپ كەتتى.( رەسۇلىللا مۇنداق دېگەن ئىدى: بۇندىن كېيىن بىلىمسىز ئېتىقاد قىلغۇچىلار ، ئىمانسىز بىلىملىكلەر پەيدا بولىدۇ.)
7. مال-مۈلۈك كۆپىيىپ، سودا تىجارەت تەرەققى قىلىدۇ، مەدەنىيەت ئومۇملىشىدۇ. ( رەسۇلىللا مۇنداق دېگەن:مال-مۈلۈك كەڭ ئامما ئارىسىدا ئومۇملاشسا، ھەممە جايدا سودا-سېتىق بولۇپ كەتسە،قەلەمنىڭ ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ كەتسە، بۇلارمۇ ئاخىر زاماننىڭ ئالامەتلىرى،) قەلەمنىڭ ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ كەتسە دېگىنى دەل مەدەنىيەت سەۋىيە ياكى بىلىمنىڭ قىممىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، قەلەم بىلەن يازىدىغان نەرسىلەرنى كۆپىيىپ كەتسە دېگەنلىك بولىدۇ.
8. ئاياللار مەيدە-دۈمبىلىرىنى ئېچىۋالسا، ئۇلارنىڭ چېچى تۆگىنىڭ لوككىسىدەك پۇلاڭشىپ تۇرىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە. بۇرۇن ھېچكىممۇ مۇسۇلمان ئاياللار كىيىملىرىنى سېلىشىپ بەدىنى بىلەن ئەرلەرنىڭ ئىشتىياقىنى قوزغاشنى ئويلىمايتتى. ھازىر گەرچە كىشىلەرنىڭ كىيىملىرى موللاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئاياللارنىڭ كىيىملىرى بارغانسېرى ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ، يالىڭاچلىنىش ئەھۋاللىرى بارغانسېرى ئېغىر بولىۋاتىدۇ، گەرچە رەختلەرنىڭ خىلى كۆپىيىپ باھاسى ئەرزانلاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئاياللارنىڭ بەدەننى قىسىپ تۇرىدىغان كىيىملىرى ئۇلارنىڭ بەدەن شەكلىنى تامامەن ئوچۇق كۆرسىتىۋاتىدۇ، ھەتتا بەزى كىيىملىرى سۈزۈكلىگىدىن بەدەنلىرى ئوچۇق ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ، قەستەن كىيىۋالغان قىسقا يوپكا كىيىملىرى پۇت-پاقالچاقلىرىنى نامايىشكە سېلىۋاتىدۇ. ئەر –ئاياللار بىرگە چۈشىدىغان سۇ ئۈزۈش كۆلىدە بولسا ئاياللارنىڭ كىيىمى تېخىمۇ ئاز بولۇپ پەقەت ئۇلارنىڭ قىسمەن جايلىرىنىلا يېپىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئاياللار كىيىۋالغان ئېگىز پاشنىلىق ئاياقلىرى ئۇلارنىڭ ساغرىسىنى چوقچايتىپ مېڭىشقا مەجبۇر قىلغاچقا ، ۋە ئۇلارنىڭ چاچلىرى ئۇچۇق ئاشكارا ھالدا بولغاچقا ، ماڭغاندا چاچلىرى تۆگىنىڭ لوككىسىدەك پۇلاڭشىپ تۇرىدۇ، بۇلار دەل ئەرلەرنىڭ شەھۋەت ئىشتىياقىنى قوزغايدۇ.

( رەسۇلىللا بۇ ئەھۋاللارنى ئالدىن خەۋەر قىلغان ۋە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: مىنىڭ قەۋمىمدىن مۇنداق ئىككى خىلدىكىلەرنى مەن تېخى كۆرمىدىم، بۇلار دەۋزەققە كىرىدۇ، بۇلارنىڭ بىر خىلى قولىغا قامچا ئېلىۋېلىپ پۇقرالارنى قامچىلىغانلار، يەنە بىرى بەدىنىنىڭ ئەۋرەت جايلىرىنى ئېچىپ ، يول ماڭغاندا بەدىنىنى ئالدىغا غادايتىپ ، چاچلىرىنى تۆگىنىڭ لوككىسىدەك پۇلاڭلىتىپ يۈرۈيدىغان ئاياللار.)
9. ئەرلەر ئاياللاردەك ياسىنىۋالسا، ئاياللار ئەرلەردەك ياسىنىۋالسا. بۇرۇن كىشىلەر ئەرلەرنىڭ ئاياللارچە ياسىنىۋالىدىغانلىغىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى، بولۇپمۇ ئۇ چاغلاردىكى قەبىلە جەمئىيىتىدە، ئۇ ۋاقىتتا كىشىلەر قىز پەرزەنت كۆرىشتنى نومۇس دەپ بىلىپ، قىز بالىنى تىرىك كۆمىۋىتەتتى، ھېچكىم ئايالچە ياسىنىش دېگەن ئويغا كېلىپ باقمىغان چاغلار ئىدى. ئۇ چاغدا ئاللانىڭ ئەلچىسى كىشىلەرگە زامان ئاخىرىنىڭ ئالامەتلىرى قاتارىدا ئەرلەرنىڭ ئايالچە ياسىنىشى ۋە ئاياللارنىڭ ئەرەنچە ياسىنىشىنى تىلغا ئالغان.
10. كىشىلەر ئىت بېقىشنى ياخشى كۆرۈپ بالا بېقىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئەخلاق جەھەتتىن قاتتىق چۈشكۈنلۈك يۈز بېرىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرەب قەبىلە جەمئىيىتىدە ، كىشىلەر پەرزەنت كۆرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى، بالا كۆپ بولسا ياخشى دەپ قارايتتى، بالا بېقىشتىن زىرىكىشنى كىممۇ ئويلاپ باققان؟ تېخى ئىت بېقىشچۇ؟ بىراق ۋاقىت ھەممە سىرلارنى ئاشكارىلىغۇچىدۇر، ئاللانىڭ ئەلچىسى خەۋەر قىلغان بۇ ئالامەتلەر ھازىر ئەمىللىشىۋاتىدۇ. رەسۇلىللا مۇنداق دېگەن ئىدى: ئۇ چاغدا ، كىشىلەر ئەرمەك ھايۋانلارنى بېقىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بالا باققۇسى كەلمەيدۇ، قېرىلار ھۆرمەت قىلىنمايدۇ، چوڭلارنىڭ مىھرىۋانلىغى قالمايدۇ، ياشلاردا زىنا قىلىش مۇدا بولىدۇ، چوڭلار كوچىدىلا ئاياللارغا يېقىنچىلىق قىلىشقا ئۇرىنىدۇ،كىشىلەرنىڭ يۈرىكى قارىداپ سىرتتىن مۇلايىمدەك كۆرىنىۋالىدۇ، ئۇدۇلدىن خۇشامەت قىلىپ كەينىدىن ئورەك كولىشىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋال بولغاندا، زامان ئاخىرىغا ئاز قالغان بولىدۇ.
——————————
ھايۋاننى چۈشۈنىشكە كۆپ ۋاقىت كەتمەيدۇ ، ئادەمنى چۈشۈنىشكە بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ?.......
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻏﯘﺭﯗﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ>

lördag 23 maj 2009

PostHeaderIcon ئۇيغۇرلار ۋە سېسىق توققۇزىنچى

ئوغلۇم ۋەتەن سۆيۈشكە دېپلوم كەتمەيدۇ،ئابروي كەتمەيدۇ.پەقەت بىر سادىق يۈرەك كېتىدۇ.

"قەھرىمان بولىدىغان مايلامچى بالا"دىن.


بىرنىمە دەي دىسەم ما سورۇندا غەيۋەت بوپ قالىدۇ. دىمەي دىسەم يا ئۆزىنى بىلمىدى بۇ خەق .
دۇگامەت قارىسلا بەزىدە مۇشۇ ئۇيغۇرغا نان تېگىدىغان ئادەملەر كىمدۇ-دەپ ئويلاپ قالىمەن.
ئويلاپ باقماپتىمەن دىسلە ، نىمىشقىدۇ مەن ھازىر تولا ئويلاپ قالىدىغان بولدۇم.كاۋاپچىلارمۇ ،دېھقانلارمۇ ياكى كىتاپلاردا دىگەندەك زىيالىيلارمۇ ۋە ياكى بىرنى ئىككى قىلىدىغانغا تىپىرلاپ يۈرگەن سودىگەرلەرمۇ ؟ ئىشقىلىپ بىزنىڭ بۇ قاتارلىق كەسپ بىلەن شۇغۇللىندىغان ھەر-خىل ئادەملىرىمىز بار . نىمىشقا بۇنداق ئويغا كەپ قاللا دىسلە ،مۇشۇ بىر مىللەتنىڭ تەغدىرىنى پەقەت مەلۇم ئادەملەرگە باغلايدىغان بىر قىلىق بىزدە توللاپ قالدى. ئەگەر بىز ئۈمۈت كۈتكەن ئادەملەر بىز كۈتكەندەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالمىسا ھەممىمىز ئاپتاپتىكى بەڭگىنىڭ خىيالىنى سۈرۈپ مۇشۇنداق ياشايدىغان ئوخشايمىز.
بىزنىڭ نوپوسىمىز نەچچە مىليونغا يېتىدىغان خەلق . بۇ خەلق ئازاتلىقتىن بۇيان بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ھەرنىمە بولسا ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ مىللەتنىڭ يىلىكى شورلۇق دەپ قويىدىكەنمىز. يىلىكى شورلۇق قانداق بولىدۇ ؟
دەپ ئويلاپ باقسام بۇ يىلىك دىگەن ئۆزلىرىنىڭ ئىچىلىردە بولىدىكەن. ئۇنى باشقىلار شورلۇق قىلىپ قويمايدىكەن . ئۆزى شورلۇق بولىۋالغان نەرسىنى كىم "شورلۇق بولما" دىيەلەيدۇ-دەيلا.
مۇشۇ تېلۋىزور بولسۇن ياكى باشقا گېزىت-ژورنالدا بولسۇن زىيالىيلارنى "بىر مىللەتنىڭ بايلىقى ،تۈۋرىكى،يىلىكى،يۈرىكى" دەپ ماختايدىكەن.ئەمدى يۈرىكى بولسۇن بايلىقى بولسۇن مەيلى ئەمەسمۇ.
ئەمىسە نىمىگە قاينايسەن دىسىلە ،ئەلۋەتتە قاينايدىغانغا گەپ بار.
ئاتمىش يىلنىڭياقى ئۇيغۇرنىڭ بېشىدىن نۇرغۇن كۈنلەر ئۆتتى. بۇرۇنقىسىنى قويۇپ مۇشۇ يېقىننى سۆزلىسەك ئۆزلىرى بىلەن بىزدەك دېھقان قانداقلا بولمىسۇن يەر تېرىپ قوساق باقتۇق،ئازراق ئېشىنغان ئاشلىقنى سېتىپ بېرىپ باشقىلارنىمۇ ئاچ قويمىدۇق. ئىشقىلىپ بىر نەرسىنى تۇتساق قولىمىزدىكى توپا بولسىمۇ يۇقۇپ تۇردى. ما چاقسىدىكى قاسساپ ناۋايلارنى بىللا ...ئۇلارمۇ تازا جاپاكەش . قوينى ئەرزانراق ئەپ سۆيۈپ گۆشىنى سېتىپ ياكى ئىسسىق تونۇرغا بېشىنى تىقىپ نان يېقىپ ئۆزىنىڭ جېنىنى باقىدۇ. ئۇلاردىن كۆپىنىدىغان يېرىمىز يوق . قانداقلا بولمىسۇن يۈگرەپ چىقساق تاييار نان ،گۆشكە بولسىمۇ يارايدۇ.
قايسى كۈنى تېلۋىزوردا ئادەم بولۇش ،قەيسەر بولۇش توغرىلىق بىر خانىم بىلەن بىر ئەپەندىم تازا سۆزلىدى . ئايھاي گەپلەر دىگەن ۋەھشى دىسلە ، ئاڭلىسلا ئۆزلىرىنىڭ مۇكەممەل ئادەم ئەمەسلىكلىرىدىن نومۇس قىپ كېتىلا ...ئالدىرمىسلا گەپ با تېخى
سىلى ئاتمىش يىلنىڭياقى مۇشۇ زىيالى دىگەن خەقنىڭ ماڭا دەپ بەرگىدەك قانداق پايدىسىنى كۆرلە... ئەسلى زىيالى دىگەن يۇرتنىڭ ئەڭ بىلىملىكى سەزگۈر چېچەنلىرى ، ھەق-ناھەق كۆز قارىشى ئېنىقلىرى بولىدۇ دەيدۇ. بىراق ئۆزلىرى ئۇلاردىن ھېچ بولمىسا لازىم بولغاندا بىرەر پارچە نان ئالاملا ؟! ياكى ما ئەترەتنىڭ قاملاشمىغان سىياسەتلىرى توغرىلىق بىرەرەسىگە دات ئېيتىپ "قېنى قانداق نوچىكەن !" دەپ ئۇلاردىن پاناھلىق كۆرەلەملا، قارىسلا بىز يەر تېرىيمىز،قاسساپ قوي سويىدۇ،ناۋاي نان ياقىدۇ. زىيالى نىمە قىلىدۇ ؟ ! ما زاماننىڭ ئىگىز-پەسلىكىنى تۈزەيدۇ. ئۆزلىرى بىلەن بىزغۇ قانداقلا بولمىسۇن يەر تېرىدۇق.ئەمما ئۇلارچۇ ؟! نىمىنى تۈزلىدى دەيلا..باشلىققا سەت كۆرۈنۈپ قالمايلى دەپ ئارقىغا يېنىپ بىزنى "تۈزلەيدۇ".
ئاڭلىسام بۇ خەقنىڭ ھەرقاندىقى بۇرۇت قويالمايدىكەن.سەۋەبى سەل ياۋايى كۆرۈنەمىش.ئەمدى بىز دىخان خەق، ما بۇرۇت-ساقال دىگەننى ئەرنىڭ كۆركى ياكى پەيغەمبىرىمنىڭ سۈننىتى دەپ قويىمىز مۇشۇ يېقىننىڭياقى دىققەت قىللامۇ ھەممىلا مائاشلىقنىڭ بۈرۈت-ساقىلى يوق. غىچلا كوسا .سۈرۈشتۈرسەم باشلىقنىڭ كۆزىگە بۇرۇت قويغانلار سەت كۆرۈنەمىش. مانا كارامەت ھېلىقى تېلۋىزوردا ئادىمىلىك توغرىلىق چىڭقىلىپ سۆزلىگەن خانىمدىن "ئەرلىرىنىڭ بۇرۇتى بامۇ خانىم ؟ " دەپ سوراپ باققۇم كەلدى.
ئويلاپ باقسىلا كالپۇكنىڭ ئۈستىدىكى نەچچە تال تۈككە ئىگە بولالمىغان خەق ئۆزلىرى بىلەن ماڭا ئىگە بولالامتى. ئىشقىلىپ مەن باغۇ، دۇگامەت. مۇشۇ بۇرۇتۇمنى چۈشۈرمەيمەن دەپ خىزمىتىدىن ھەيدەلگەن زىيالىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. بۇغۇ بىر چاخچاق گەپ. قىسقىسى مەن بىزنىڭ بىرەر ئىشىمىزغا ياقىسىنى يىرتىپ ناھەقچىلىق تارتقان زىيالىنى ئاڭلىمىدىم. يىلىكى شورلۇق دىگىنى بەرھەق گەپكەن.بۇلار راستىنلا بىزدىكى شورلۇق يىلىككەن.
بىزنىڭ ئوغۇل داۋاملىق كىتاپ ئوقۇيدۇ ."ۋاي دادا ما ئادەم ئۇيغۇرلارنىڭ پەيلاسوپى. ما يازغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ نوچىسى" دەپ ماختاپ بىرمۇنچە كوسا ئادەملەرنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ كېتىدۇ.
چاخچاق قىلىپ "ۋاي بالام مەندەك بۇرۇتى با ئادەمنى كىتاپقا باسسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلىياسى بولدىغان ئوخشايمەن" دەپ قويىمەن.
گەپ قېچىپ كەتتا، بايا دەۋەتقان "زىيالىيلار ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى،تۈۋرىكى" دىگەن گەپ مۇشۇ كىتاپ يازدىغانلار بىر-بىرىگە خوشامەت قىپ ئۆزلىرىنى ئۆزى ماختاپ دەۋالغان گەپلەرمىكىن دەيمەن. نىمىشقا دىسلە بىز دىخان خەق مۇشۇ گۇيلارنىڭ كاساپىتىدىلا ياشايدىكەنمىز.نەدە بىزگە تۈۋرۈك ،يۆلەنچۈك بولالايدۇ. تۆت تال مائاشىنى تولۇق ئەپ باشلىقىنى خاپا قىلىپ قويماي.خوتۇن-بالىسىنى خەقنىڭ ئالدىدا چاندۇرماي باققىنى بىزگە تۈۋرۈك بولغىنىما ؟! ئۇنداق جاھاندارچىلىقنى مىدىراپ يۈرگەن چاشقانمۇ قىلىۋاتمامدۇ.
ئۆزلىرىمۇ تېلۋىزور كۆرۈپ تۇرىلا. بۇ خەق تولا چىقىدۇ ئۇنىڭدا، غىچلا قەسەمخور .ھەر پىشقەدەم سەنئەتكار زىيالىيلارنومۇس قىلماي ئەمدىلا زاۋۇتتىن كەلگەن دورىنى "ئۇنداق ئۈنۈملۈككەن ئىشلەتكىلى بىر يىل بولدى مۇنداق نوچىكەن " دەپ قىزارماي ماختايدۇ.قەيەرنىڭ باشلىقلىرىكىن بىز قۇرغاقچىلىققا ئۇچۇرساقمۇ تارتىنماي "ئۇنداق مول-ھوسول،مۇنداق ئاشۇرۇپ" دەپ دوكلات بېرىدۇ. ھېلىقى "خەلق سۆيگەن سەنئەتكار" دەۋالغان بىرى باغۇ..ۋاي ھېلىقى بوينى ئۇزۇن ...ھە شۇ ..كۆگەنلا بىر دەيدە ئېلاننى تەنقىت قىپ ئېپىزوت ئويناپ بىر مۇنچە پۇل تاپقان..ئەمدى كۆرۋاتىلا تېلۋىزوردا خىمىيىۋى ئوغۇتنى ماختاپ بەك ئالدىراش .ئۇنىڭدىنمۇ بىر مۇنچە پۇل تاپىدۇ بىچارە . نىمىشقا بىچارە دەيلا دەملا ئەلۋەتتا بىچارىدە..پۇل تاپسىلا ھېساپمۇ ئۇنداق ئالدى-كەينىگە سىيىپ ياشىغاندىن...خىمىيىۋى ئوغۇتنىڭ زىيىنىنى بىلەرلا ..تۈگەتتى يەرلەنى.... ...ئاۋۇ ناۋاي جېنىدا سۈنئى خېمىرنى بىر تىللىسا ئىككىنچى ماختىمايدۇ. مەن جېنىمدا بىلمەستىن "ماۋۇ خاتاكەن" دەپ سالسام ئەتىسىلا "توغرىكەن" دىيىشتىن ئۆلگۈدەك نومۇس قىلىمەن.
بىرمۇنچە خەنزۇ ئەرتىس زىيالىيلار تۆۋەنگە چۈشۈپ خەلىقتىن ھال سوراپ ھەقسىز ئويۇن قويۇپتۇ. قايسى كۈنى بىر ئەرتىس تېلۋىزوردا ئۈرۈمچىدە ئويۇنىنى قويۇپ بولۇپ تۆۋەندىمۇ خەلقىگە ئويۇن قويۇپ بېردىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەقسىز قويامدۇ . ئەللىك كوي دىسلە بېلىتى .بۇلار شىنجاڭنى ئايلىنىپ ھەقسىز ئويۇن قويىدىغانلارما. تۆۋەنگە چۈشسە كۆتە-كۆتە بىلەن مېھماندارچىلىق ،ئىشىك ئالدىغا بېرىپ قالسىلا سالىمى قاۋۇل ، "ئىشلار ئالدىراش يەنە كۆرىشەرمىز". بىر باققالنىڭ ئالدىغا بېرىپ قالسا ئىچىدە "تېلۋىزور كۆرمىگەن نىمىمۇ بۇ. بىكارغا بەرمىسىمۇ ئەرزاراق بەرمىدا" دەپ غوتۇلدايدۇ.
بالامنىڭ دىيىشىچە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر نەچچە "پەيلاسوپ"ى بىر-بىرى بىلەن قاتتىق تۇتۇشۇپ قاپتۇ. بىرى يەنە بىرىنىڭ "ئوغرى"لىقىنى يەنە بىرى يەنە بىرىنىڭ "مۇناپىق"لىقى ،"ئىمانسىز"لىقى توغرىسىدا قاتتىق ئىسپات توپلاۋېتىپتۇ. بىزنىڭ بالىمۇ شۇلانىڭ بىرىگە ئىخلاس قىلىدىكەن. شۇڭا مەھەلىدە يەنە بىر "پەيلاسوپ"نىڭ چوقۇنغۇچىلىرى بىلەن گەپلەشمەيدىغان بوپ قاپتۇ. قارىسلا ماگۇيلارنىڭ پەسلىكىنى .نوچى بولسا چوڭ-چوڭ ئوغۇرلۇق قىلىۋاتقان ياكى مۇناپىقلىق قىلغان باشلىقلىرىنى شۇنداق تىللاپ باقسا بولمامدۇ. ئۆزلىرىنى بىزنىڭ تۈۋرىكىمىز ھېساپلىغاندىكىن مايەدە بولىۋاتقان خاتا سىياسەتلەرنى پارىخور باشلىقلارنى "مۇناپىق،ئوغرى" دەپ تىللاپ باقسا بولمامدۇ، تىللىيالمايدۇ ،يۇرت بۇزۇشنىلا بىلىدۇ.سوپىلاردىن پەرقى يوق،مۇرىت توپلاپ...
ھۇ ! گالاستۇكلۇق ئىشانلار...
نىمە ئۇ مۇناپىق ،ئىمانسىز،ئوغرى دىگەن بىز قارا قوساق تۇرۇپمۇ ئۇنداق گەپنى ئالدىراپ قىلمايمىز. ھەدىستە باغۇ " كىم بىراۋنى ئۇنىڭدا يوق ئىللەت بىلەن ھاقارەتلىسە ئۆزىگە قايتىدۇ"دەپ. ئەمدى كىم مۇناپىق بولىدۇ دەيلا..ۋاي بۇرۇتىغا ئىگە بولالمايدىغان "باتۇرلار".
كونا بىر گەپنى قىپ بېرەي..ھېلىقى قەدىمدىكى يۇەن سۇلالىسى دىگەن ۋاقىتتا مۇشۇ ئادەملەرنى تەبىقىغە بۆلۈپ..تىلەمچىلەرنى 7-تەبىقىغە، پاھىشەلەرنى 8-تەبىقىغە، زىيالىيلارنى 9-تەبىقىغە بۆلۈپتۇ. نىمىشقا دەملا..ئۇ ۋاقىتلاردىكى ئادەملەرمۇ دۆت ئەمەستە...تىلەمچى مەن دىگەن تىلەمچى دەپ ئاشكارا تىلەيدۇ.. پاھىشەلەرمۇ "مەن دىگەن پاھىشە "دەپ تېنىنى ساتىدۇ.. زىيالىيلارچۇ " بىز دىگەن ئاۋامنى چىرىقى "دەۋالغان بىلەن ھېچيەرگە چىراق ياقمايدۇ.
ئاۋۇ يۇقۇرى مەھەلىدىكى ھېلىقى بوكىسچى"نوچى" نى بىلىلا.قايسى كۈنى بىزنىڭ بەكراخۇن بىر بودەك بىلەن تاكالىشىپ قاپتۇ، ئۇلار ئىتتىرشىۋاتسا قاياقتىندۇ بوكىسچى كېلىپ "بەكراخۇنكا كىمۇ سېنى بوزەك قىلغان "دەپلا جىدەلگە ئارلىشىپتۇ.شۇ چاغدا ھېلىقى بودەك بوكىسچىغا "زالە...زالە..." دەپتىكەن .ئاۋۇ نوچى تۇرۇپ كېتىپ"بولدى ئۆزەڭلارنىڭ ئىشىكەن ئاكا " دەپ يولىغا مېڭىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بودەك"قانداق چاقارغان ئادىمىڭ شۇمىتتى"دەپ بەكراخۇنغا ئۇششۇقلۇقنى باشلاپتىكەن..خۇدايىم توۋۋا ئەمدىلا ماڭغان بوكىسچى نوچى" ئەسلىدە ئۇيغۇركەنغۇ ماۋۇ..نىمە دەيسەن ھېجىقىز.."دەپ قايتىپ كەپ بەكراخۇننى مۇش يىيىشتىن قۇتۇلدۇرۋاپتۇ....بۇنى ئاڭلاپ دەسلەپ شۇنداق كۈلۈپ كەتتىم ،ئاخىرى بېرىپ يىغلاپ قالدىم دۇگامەت.
بىز يىغلىماي كىم يىغلايدۇ دەيلا .... مانا بىزنىڭ زىيالىي بولسۇن "نوچىلار" بولسۇن ئەھۋالى شۇ . ئۆز-ئارا پىچاق كۆتۈرۈپ "جىھات"قىلىشتىن يانمايدۇ.ئەمما ياماننى كۆرسە قۇيرۇقىنى نەگە تىقىۋالغىنىنىمۇ بىلەلمەي قالىلا.
مەن بىرەر زىيالىنىڭ بىزنى دەپ ياقا يىرتىپ يۇقۇرى ئورۇنلاغا چىقىپ باققىنىنى ياكى بىرەر مائاشلىقنىڭ بىز ئۈچۈن ناھەقچىلىققا قارشى تۇرۇپ سولىنىپ كەتكىنىنى ئاڭلىمىدىم.
"خەلقىم" دەپ كېتىدۇ. بىرەر كىتاۋى ياكى لېنتىسىنى نەشىر قىلسا كىم ئالىدۇ "خەلقىم" دەپ ئالداپ تۇرمىسا.....ئەمما "خەلقىم" دەپ مەيدىسىنى كېرىپ چىقىدىغان سورۇندا تاپقىلى بولمايدۇ.
مۇشۇ يۇقۇردىن كېلىدىغان سىياسەتلەرگە ئاۋال شۇ زىيالىيلاردىن پىكىر ئالىدۇ دەيدۇ. بۇلار تەستىقلاشتىن بۇرۇن باشلىقلارنىڭ كۆزىگە قارايدىكەن. باشلىقنىڭ كۆزىنىڭ ئېقى جىقراق تۇرسا "قارىنىمۇ ، ئاق" دەپ تەستىقلايدىكەن. قارىسلا مۇشۇنداق خەقنى مىللەتنىڭ تۈۋرىكى دىسەك قەدىمقى پادىشالارنىڭ ئوردىسىدىكى ئاكابىر-ئەشرەپ ،ئاغۋاتلارنى مىللەتنىڭ پاناھى دىسەك بولغۇدەك جۇمۇ.
قايسى كۈنى مېنىڭ بىر زىيالى تونۇشۇم " ئۆزلىرى سەل دىققەت قىلسىلا ،بىكا سايرىتىپ-سايرىتىپ بىراقلا بوغمىسۇن" دەيدۇ. مەن دىدىم" ھېلىقى ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش دەپ سايرىتىپ ئاخىرىدا بىراقلا جايلىغاندەك ئىش بوپ قالمىسۇن دەملا. خاتىرجەم بولسىلا مەن بىرەر ئورۇن سايرا دىسە ئۆزەمنى بىلەلمەي سايراپ كېتىدىغان ئادەم ئەمەس. مەن باغۇ ، سايرىما دىسىمۇ سايرىغۇم كەلسە سايراۋېرىدىغانلاردىن . مەن سايرىسام باشقىلار ھەيران قالسۇن دەپ سايرىمايمەن. ما ئىچىمدىكى سېرىق سۇنى چىقىرۋېلىشقىلا سايرايمەن. نۆۋەت كەپ قالسا مانا باش . " دىسەم دىمىغىدا كۈلۈپ تۇرىدۇ.
ئاچچىقىمدا "ئۆزلىرى يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشا دىگەننى ئاڭلىغانمۇ ، ھە ..نىمىشقا مايمۇن پادىشا بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ دىسلە..ئاۋۇ يولۋاس ئاختا بولۇپ قېلىپ، ئۆيىدە كىر يۇۋاتقىدەك. ئامال يوق مايمۇن بولسىمۇ ئەركەك بولغاچقا پادىشا بولۇپتۇ . " دەپتىمەن . " ئاجايىپ گەپ قىلىلا جۇمۇ"..دەپ ھىجىيىپ يوقالدى . ئۇنىڭ نىيتى قارىماققا ياخشىدەك كۆرۈنگەن بىلەن شۇ كۈن كەپ قالسا "مەن دىمىدىممۇ" دەپ جۇگېلىياڭلىق قىلىپ تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ.ھېچ قاچاندا "ما ئادەمگە نىمە بولدى ؟ "دەپ كوچىغا چىقمايدۇ.
مۇشۇ قوش تىلدىن كېيىن يەنە يەسلىدىن باشلاپ خەنزۇچە ئوقۇتۇش دەيدىغان بىر گەپ چىقتى. بۇنىڭغا نەچچە تال زىيالىدىن باشقىسى كۆزىنى پارقىرتىپ قاراپ ئولتاردى. ئەمما يىراق چەتئەلدىكى نېنىمىزنى يەپ باقمىغان بىر ئالىمىمىز ئۇيغۇر بولغاچقا نەچچىلىگەن ماقالىلارنى يېزىپ بۇنىڭ زىيىنىنى چۈشەندۈردى. ئەمما ئەتراپىمىزدىكى بىزدىن ئالغان باجنى مائاش قىلىپ خەجلەۋاتقان ئۇچراپ قالسا چېيىمىزغا، تامىقىمىزغا داخىل بولىۋاتقان مائارىپشۇناس ئاتالغان زىيالىيلار،بىر قولدا گالاستۇكىنى، يەنە بىر قولدا ئىشتاننىڭ ئېغىنى چاڭگاللاپ "مايەر ئامان، مەن ئامان، ئۇندىن قالسا ئەل ئامان" دەپ جاھاندارچىلىق قىلىپ يۈرىۋەردى.
ئۆزلىرى بىللىلا جىمى ھەشەمەت،ئىسراپچىلىق ئەشۇ گۇيلاردىن كېلىدۇ. يەنە تېخى "ئۇيغۇرلاردىكى ئىسراپخورلۇق ، ھەشەمەتچىلىك" دەپ بىرنىمىلەر يېزىپ پۇل تاپىدۇ،ئۆزلىرىچە ھۆرمەت تاپىدۇ. تېلۋىزوردا قايناپ سۆزلەپ كېتىدۇ...ۋاي بايقۇشلار.....
ئۆزلىرى بىلەن بىز ئاش تۆكتۈقمۇ...پۇل بۇزدۇقمۇ....نەدە بىزدە بۇزغۇدەك پۇل، تۆككۈدەك ئاش دەيلا....شۇنداقتىمۇ يازغان بىرنىمىسىدە "ئۇيغۇرلار.." دەيدۇ..نىمىشقا "زىيالىيلار..." دىمەيدۇ-دەيمەن !
ھەممىسىلا ئۇنداق ئەمەستۇ دەملا ؟ ھەممىسىلا شۇ. زىيالى ئاتالغىنىنىڭ ھەممىسى شۇنداق . ياق-ياق . ئۆزلىرى دىگەن ئادەملەر بىلىملىك ،ئېتىقادلىق بولغان بىلەن زىيالى ئەمەس. ئاۋۇ سادىرپالۋاننى ئوغرىلاردىن دىگىلى بولمىغاندەكلا بىر ئىش ، ئۇلار دىگەن پالانچى ،پۇستانچى دەپ ئاتالغان قەھرىمانلار. زىيالىلىق ئۇلارنىڭ كەسپى ئەمەس ، ئۇلارنى ما زىيالى دىگەن توپقا قوشۇۋالمىسلا. ئۇلار دىگەن زىيالىدەك خىيالى ئەمەس. نەق ئالدىدىكى تۇرمۇشتا تىرىك ياشايدىغان ئەردەك ئادەملەر. ئۇلارنى زىيالىي دەپ ياراتقۇچىنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قالمايلى.
مەسچىتتىكى زىيالىيلارمۇ ئوخشاش مەسچىتكە كىرىپ جىم ئولتۇرۇپ بەرسەك "قىزىلىرىڭلارنى باشقۇرۇڭلار ، ئوغۇللىرىڭلارنى ئەدەپكە باشلاڭلار...قىيامەتتىن قورقۇپ تۆۋبە قىلىڭلار " دەپ بىزنىلا قورقۇتالايدۇ.نەسىھەت قىلىدىغان ئادەم باشلىقى تۇرسا شۇنىڭغا قىلماي بىزگىلا سۆزلىيەلەيدۇ.نىمىشقا دىسلە باشلىقلاردىن خۇدادىن بەكرەك قورقىدۇ. سىرتقا چىقىپ خۇدادىن قورقمايدىغانلارنىڭ كانىيىدىن ئالالمايدۇ.يالغاندىن جىم ئولتۇرۇپ بەرسەك خۇددى ئۆزى"جەننەتنىڭ پاسپورتى"نى ئېلىۋالغاندەك بۇرغىسى قايناپ سۆزلەپ كېتىدۇ. ئەخمەقلەر ئاچ قالغان قوي بۇغدايغا كىرسە پادىچىغا سۆزلىمەي ،قويلارغا سۆزلەپ كېتىدۇ دىسە.......
قەدىم ئايەمدىن بېرىسىغا قاراپ باقساق بۇ زىيالى دىگەن جاھان ئوڭشىغان خەلىق ئەمەس.جاھاننى ئوڭشايدىغان تۈزەيدىغىنى يەنىلا ياغاچچى ،تۆمۈرچى ،ئوۋچى ياكى ئوغرى دەپ ئاتالغانلار .ئەگەر ماۋزېدوڭ چىقمايدىغان بولسا لۈشۈندەك يازغۇچىدىن مىڭى بولسىمۇ يەنىلا شۇ. يازغۇچىلار گۇپپاڭ سېلىشىپ" لۈشۈننىڭ تەسىرىدىن ئۇنداق بولدىيەي مۇنداق بولدىيەي" دەپ سۆزلىسە ھەيران قالمىسلا.
يادىلىرىدا باردۇ..خەلپەم بىلەن ھاجىم جاھاننى تۈزەيمىز دەپ تاققا چىقىۋالغاندا قومۇلنىڭ زىيالىيلىرىدىن نەچچە ساقاللىق ئۆلىما ۋە تۇماقلىق باي تاغقا چىقىپ "قورال تاشلىسلا جاھان تېچ بولغاي"دەپ سالا قىلغىنى.
"ئالتى ئوغرى" باشلىغان ساۋاپلىق ئىشنى ئاخىرى بېرىپ ماركىسىزىمدا ئوقىغان نەچچە زىيالى بۇزۇپ قويۇپ تۈزەلمەستىن كۆزى ئوچۇق كەتكىنى. ھەددىن زىيادە ئەقىل-ھېساپ بىلەن ئىش قىلىمەن دىسىمۇ بولمايدۇ.بەزىدە سەل قارا قوساق غەيرەت بولمىسا بىر ئىشنى باشقا ئاچىققىلى بولامدۇ دەيلا.
تونۇرغا ئېڭىشىپ بېلى قاتمىغان.كەتمەن چېپىپ بىلەك تالمىغان،ئاچ-توق قېلىپ دەرتلەر تارتمىغان، ئادەملەرگە قانداقمۇ تەغدىرىمىزنى تاپشۇرىمىز دەيلا.
شۇڭا دەيمەن دۇگامەت ئاخۇن "ئاۋۇ ئۈرۈكنى قېقىپ بەرسە بولاتتى" دەپ ھەممىنى زىيالىيغا تاشلاپ بەرسەك بولمايدۇ. بولمىسا ئۈرۈك شاختا تۇرۇپ قاق بولۇپ كېتىدۇ.
توغرا ! ھەممىسىلا ئۇنداق ئەمەس.ئارىسىدا ئادەمدەك ياشاي دەيدىغىنى يوق ئەمەس. قېنى شۇلار..چىقسۇن مانا يەلكىمىز تەييار،لازىم بولسا كاللىمىزمۇ تەييار. ئۇيغۇرنى ئوڭشاشقا قانداقتۇ پەقەت زىيالىيلارلا ياكى ياغاچچىلارلا يەنە ناۋايلارلا قادىر دىمەكچى ئەمەسمىز. بۇنىڭغا ھەممىمىز قادىر . پەقەت رىئاللىققا ئىچى پۇشىدىغان ،مەسىلىلەرگە مەھەببەت ياكى نەپرەت كۆز قارىشى بىلەن قارىيالايدىغان ئادەم بولسىلا بۇ يولدا نۇسرەت تاپالايدۇ. ھەممىمىزنى توغرا يولغا باشلىيالايدۇ. ئۇنداق ئادەملەر بەلكىم ئوچاقنىڭ كۈلىنى تارتىپ جاھاندارچىلىق قىلىۋاتقاندۇ ياكى ئىشى ئىلگىرى كەلمەي كۆكتاتچىلىق قىلىۋاتقاندۇ ۋە ياكى ئۆزلىرى بىلەن ماڭا ئوخشاش مۇشۇنداق پۇل كەلمەيدىغان غەمنى يەپ بىرەر تام تۈۋىدە ئولتۇرىدىغاندۇ.
قوپسىلا ؟! دەرۋازىغا قارايدىغانغا ئىشچى ئالسىمۇ دېپلومغا قارايدۇ. ئەمما ئۇيغۇرنىڭ ئوغلى بولۇشقا دېپلوم كەتمەيدۇ جۇمۇ .

مەنبە: http://ablathan.blogbus.com/logs/37344808.html


يازما ئارخىپى

بلوگ بىلدۈرگۈسى

ھەق يول
Essalamu eleykum qerindashlar! Heqyol islam blogi blogdiki bezi ixtidarning kemchilliki we sighimining kichikligi tupeyli blogdin muqim boshluqqa köshti. muqim adirsimiz www.heqyol.cn insha allah bundin kiyin yèngi adirsqa kilishingizni tewsiye qilimen. Hörmet bilen: Heqyol
Visa hela min profil

زىيارەتچىلەر سانى

زىيارەتچىلەر ئورنى